تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 771|ئىنكاس: 1

دىننىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
دىننىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى

دىنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدە تارىختىن بۇيان تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. دىن تارىخچىلىرى بىردەك ھالدا، دىنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىلاھىي كىتابلار دەپ قارايدۇ. دىنلارنىڭ مەنبەسىنى نۇرغۇنلىغان غەربلىك ئالىملار، ئۆز دەۋرىدىكى نەزىرىيەلەرگە ئاساسەن ئىلىم-پەن بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىلىم-پەن ئارقىلىق دىننىڭ مەنبەسىنى بېكىتىش ئاسانغا توختىمايدۇ. چۈنكى، ئىلىم-پەن ھېلىھەم بىر قىسىم ماتېرىياللارغا تايىنىپ، ئىدىيە-قاراشلارنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن كۈنىمىزدە ھېچقانداق بىر ئىلمىي ساھە قەدىمكى ئىنسانلار ياشىغان دەۋىردىن قالغان ئېنىق ئىزلارغا ئىگە ئەمەس. لېكىن پوزىتىۋست شۈبھىچى چۈشەنچىدە ئىلاھىي كىتابلارغا تايانغان دىننىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى بىر گۇماندىنلا ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن، ئەقلىيەتچى نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بۈگۈنكى كۈندە دىننىڭ ئاساسلىرىغا ئىشارەت قىلىدىغان ھەر خىل قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
19-ئەسىردىن باشلاپ غەربتە دىننىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تېزلىشىشكە باشلىغان. ئەنگىلىيەلىك ئىنسانشۇناس ئېدۋارد تايلور (Edward Burnett Taylor) دىننىڭ مەنبەسىنىڭ ئانىمىزم (روھچىلىق) ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەجدادلارغا چوقۇنۇش، شەھۋەتكە چوقۇنۇش ۋە سېھىر-ئەپسۇن قاتارلىقلارنى ئۇلۇغلاش، ئانىمىزمدىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارالغان. قەدىمكى ئىنسانلار روھنى چۈشىدە بايقىغان. ئۇخلىغاندا بەدىنىدىن ئايرىلىپ يۈرۈيدىغان روھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنغان. كېيىنچە باشقا جانلىقلاردىمۇ روھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ، روھلارنى ياخشى-يامان روھلار دەپ ئايرىشقا باشلىغان. ئانىمىزم بۇ شەكىلدە كېڭەيگەن بولۇپ، بۇ خىل قاراشلار 1900-يىلىنىڭ باشلىرىدا بىر قىسىم غەربلىك ئالىملارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دىننىڭ مەنبەسى-كونكرېت مەۋجۇد بولمىغان كۈچ بىلەن مەنانىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن مىستىك ئەندىشە ۋە ھەيرانلىق تۇيغۇسىدىن ئىبارەت دەپ قارالغان.
دىننىڭ مەنبەسىگە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغان ئې. دۇركائىم (Durkheim) دىننىڭ مەنبەسىنى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەندىشىسى دەپ چۈشەندۈرگەن. دوركېئىمنىڭ قارىشىچە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى دىنى توتىمدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى داڭلىق ئىنسانشۇناسلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. ماكىس مۇللەر، ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى دىنىنى ناتۇرىزم، يەنى، تەبىئەتچىلىك دەپ قارىغان. ئاندرېۋ لاڭ (Andrew lang) ۋە ۋىلھەم سىمىت (Wilhem Schmidt)قا ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار دىننىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئۆز دەۋرىگىچە ئىلگىرى سۈرۈلگەن بارلىق قاراشلارنى قوبۇل قىلماي، يېڭى نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دىننىڭ مەنبەسى ئۈستۈن بىر مەۋجۇدىيەت بولۇپ، ئىنسانلار دەسلەپتە بىر ئۇلۇغ تەڭرىگە ئىشەنگەن، كېيىن بۇ تەڭرىنى ئۇنتۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشقا باشلىغان.
خۇلاسىلەپ ئېيتقىنىمىزدا، غەربتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار دىننىڭ مەنبەسىنى ئاساسەن ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئۈستىدە مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئەمما، بۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك ئورتاق بىر قاراش مەيدانغا كەلمىگەن. غەربتە 19- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچىلىك دىننىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب چىقمىغاچقا ئىنسانشۇناسلىق، دىننىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچكەن. كۈنىمىزدە دىن ھادىسىسى بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى دەپ قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر بىر دىن بىر مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر دىن ئۆز دەۋرىدە بىر قىممەتكە ئىگە بولۇپ ياشىغان.
ئىسلام ئالىملىرى دىننىڭ مەنبەسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ئىسلام ئېتىقادىدا تۇنجى دىن بىر خۇدالىق دىنى، پەيدا قىلغۇچىسى ئاللاھ تائالا. ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يول كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كىتاب ئەۋەتكەن. ئاللاھ تائالا ئۆزى ياراتقان بۇ ئىنسانلارغا ئۆز دەرگاھىدىن ئۇلارنىڭ شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ھالدا بويسۇنۇشى كېرەك بولغان تۈزۈم ۋە يوللارنى كۆرسەتكەن. بۇ تۈزۈم ۋە يوللار شەخىس بىلەنلا چەكلەنمەستىن دۇنيا ھاياتىدىن ھالقىپ، ئاخىرەت ھاياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. دىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە، ئىنسانلارنىڭ ئەتىراپىدىكى دۇنيا بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا مەيلى ئىلاھىي مەنبەلىك بولسۇن مەيلى ئىنسانىي مەنبەلىك بولسۇن ھەر خىل قانۇن-تۈزۈملەرنىمۇ ئۆز ئالدىغا دىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى قوبۇل قىلىپ ئىشەنگەنلىرىنى، ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر بىر قانۇن ۋە نىزاملار بىر خىل ئىدېئولوگىيە ۋە دىندىن ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم بوددىزملىق بىلەن سۇغۇرۇلۇپ مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ئېتىقادلارنى دىن دېگەن نامدا ئىپادىلىگەن.
غەربنىڭ زامانىۋى دىن ھەققىدىكى ئىدىيە قارىشى- ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغىنىشى بىلەن بىرلىكتە، خىرىستىيانلىقنىڭ سىرتقى دۇنياغا قاراتقان پرىنسىپلىرىغا ۋە گۇناھ-ساۋاپ قىممەتلىرىگە قارىشى ھالدا شەكىللەنگەن. ئىنساندىن ئۈستۈن دۇنيانى رەت قىلىپ، شەخىسنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندا دىن، شەخسلەرنىڭ زېھنى ۋە يۈرىكى ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان.
دىننىڭ مەنبەسى ئىلاھىي ئىكەنلىكىگە قارىشى ئۇرۇنۇشلار كۆپ بولسىمۇ، غەربلىك نۇرغۇن ئالىم ۋە پەيلاسوپ، دىننىڭئىلاھى بىر مەنبەگە تايىنىدىغانلىقى ۋە ھەرخىل شەكىلدە ئىنسانلارنى ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىست دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىىپ، بۇ دۆلەتلەردە ھەر كۈنى ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر خۇدالىق تەۋھىد دىنىغا بولغان قىزىقىش،دىنغا قارشى ئەنئەنىۋىي سەپسەتىلەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. چۈنكى دىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ۋە ۋىجدانىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردىن چىقىرىپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دىننى مۇتلەق ئىنكار قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دىن ئىنسانلارنى قورشاپ تۇرغان بىر خىل ئجتىمائى تۈزۈم دەپ قارىغاندىمۇ، ھەر بىر ئىنساننىڭ مەيلى ھەق بولسۇن مەيلى باتىل بولسۇن چوقۇم بىر دىنغا ئەگىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئىسلامى نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن دىننىڭ ماھىيىتى بىر. قۇرئان كەرىمنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا بۇ دىنلارنىڭ ئورتاق نامى ئىسلام. ئىنسانلار زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلاھىي مەنبەلىك دىنلارنىڭ ئەسلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. شۇڭلاشقا تارىختىن بېرى خەلق ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەقىدىدىكى ئازغۇنلۇقلار ۋە ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر مەنبەدىن يېڭى كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن. يەھۇدىي دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىقلار، بۇ دىنلارنىڭ ئورتاق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئالدىنقى ئىككى دىن، ئىنسانلار تەرىپدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئۇنى پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىنڭ ئورنىغا دەسسىتىش قەتئىي توغرا ئەمەس.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ۋە دىنلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيەچىلىرى تەبىر بەرگەندەك شەكىلدە چۈشەندۈرمەيدۇ. ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيدا قىلغان دىنمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ مەنبەسى بىۋاستە ۋەھيىگە تايىنىدۇ. پەيغەمبەرلىك، دىننى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا ياراتقۇچى بىلەن ئىنسانلار دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى ئورگان بولۇپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنغا بىر نەرسە قوشۇپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت دىننى توغرا رەۋىشتە مۇخاتاپلىرىغا يەتكۈزۈش ۋە ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەتتە ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇشتىن ئىبارەت، خالاس.

(دوكتور نۇرئەھمەد قۇرباننىڭ "دىن، ئىنسان ۋە جەمئىيەت" ناملىق كىتابىدىن)

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

0

تېما

2

يازما

17

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
17
ۋاقتى: 2017-5-25 23:53:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-5-27 02:53 , Processed in 0.095214 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش