تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 1

دىننىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
دىننىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدە


دىن، مەدەنىي ھاياتىمىزنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق قۇرۇلمىلاردىن بىرى. ئۇ، ئنىسانىيەت تارىخىنىڭ بېشىدىن زامانىمىزغىچە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخنىڭ قانچىلىك نېرىسىغا قايتىلسا قايتىلسۇن، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بىر جەمئىيەت تاپقىلى بولمايدىغانلىقى ھەقىقەت. ھەتتا، ئىنسانلار تەپسىلى مەلۇماتقا ئېگە بولالمىغان تارىختىن ئىلگىرىكى جەمئيەتلەردىمۇ كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىپ ياشىغانلىقى ئىلمى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە مەلۇم بولماقتا. بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىپ كېلىۋاتقان مەنىۋى ئاساسلارنىڭ بېىشىدا دىن كېلىدىغانلىقى ئوپ-ئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا پەلسەپە، ھۇقۇق، ئەخلاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى بەشەرىي بىلىملەرنىڭ مەنبەسىنىڭ دىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە، ۋىكتور كۇزىن: «ھەممە نەرسە دىننىڭ ئەتراپىدا، ھەممە نەرسە دىن ئۈچۈن ۋە ھەممە نەرسە دىن بىلەن شەكىل قازاندى» دېيىش ئارقىلىق، دىننىڭ جەمئىيەتتىكى ئورننىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. شۇنى كېسىپ ئېتالايمىزكى، دىني قۇرۇلما تۆنۈگۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بولغان بولسا، بۇگۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
دىن، پەقەتلا فىزىكىلىق ئەمەس، فىزىكا ھالقىغان، ئىلاھى مەنبەگە تايىنىدىغان بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە. جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان، جەمئىيەتتىكى باشقا قۇرۇلمىلار بىلەن بىللە دىنىي قۇرۇلمىلارنىمۇ تەتقىق قىلىشقا مەجبۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلگەن دىن ھادىسىسىنڭ لۇغەت مەنىسى ھەققىدە خىلمۇ-خىل كۆز قارشلار ئوتتۇرىغان قويۇلغان. ئىلمىي مەنبەلەردە بەزىلەر، دىنى كەلىمىسىنىڭ يىلتىزىنىڭ ئىبرانىي تىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر قەدىمقى ئىران تىلىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھەقتە ئۈچىنچى بىر كۆزقاراشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلار، «دىن»  سۆزىنىڭ قەدىمقى ساپ ئەرەپ تىلىدىن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۇرمەكتە.
دىن ئۇقۇمى، لۇغەت ۋە ئىستېمال مەنىسىدە شەرقتە ۋە غەرپتە، ئوخشاش بولمىغان بىلىم ساھەلىرىدە نىسپەتەن پەرقلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلمەكتە. قەدىمقى يۇنان ۋە لاتىن تىلىدىكى ئەسەرلەردە دىن كەلىمىسى، قورقۇش ئارىلاش ھۆرمەت مەنىسىدە ئىشتىلگەنلىكى مەلۇم. ئىرانلىقلارنىڭ «ئەزرا» ۋە «ئەستەر»گە ئوخشاش قەدىمقى ئەسەرلىرىدە ھۆكۈم، بۇيرۇق ۋە قانۇن دېگەندەك مەنىلەردە ئىشلىتىلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ھىندۇئىزىمنىڭ قۇتسال تىلى سانسىكرتچەبولۇپ، دىن ئۇقۇمى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كەلىمىنىڭ، ھەقىقەت، قانۇن، يول، ۋەزىپە، نىزامنامە، دۇرۇسلۇق ۋە پەزىلەت دېگەندەك مەنىلىرى تىلغا ئېلىنماقتا.
ئوخشاش بولمىغان قەدىمىي مەدەنىيەتلەردە يۇقارىدىكىگە ئوخشاش مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن دىن كەلىمىسىنىڭ تىلىمىزدىكى ئىستېمال شەكلى ئەرەپ تىلى مەنبەلىرىگە تايانماقتا. پەقەت دىن كەلىمىسى بۇگۈن ئىشلىتىلىۋاتقان شەكلى بىلەن جۈملىدىكى ئورنىغا قاراپ كۆپلىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىمەكتە. قۇرۇلمىسى ئېتىبارى بىلەن زىت مەنىلىك بىر كەلىمە بولغانلىقتىن، دىن كەلمىسىنىڭ مەنا قانىتى تېخىمۇ كېڭەيمەكتە ۋە تېخىمۇ كەڭ مەنىلەرنى ئىپادىلىمەكتە.
ئەرەپ تىلى ئالىملىرىدىن جەۋھەرىي، دىن كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى- «ئادەت، ئەھۋال، جازا، مۇكاپات ۋە ئىتائەت» قاتارلىق مەنىلەردەئىزاھلايدۇ. ئىستېمال جەھەتتىن، «ئىتائەت» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئان لۇغەتچىسى راغىب ئەل ئىسفەھانىي بولسا، دىن كەلىمىسىنى «ئىتائەت ۋە جازا»دىن ئىبارە ئىككى مەنىگە يېغىنچاقلايدۇ. چوڭ ئەرەپ تىلى قامۇسىنىڭ مۇئەللىپى ئىنى مەنزۇر، كەلىمىنىڭ يۇقۇرىدىكى مەنىلىرىگە «ھېساپ ۋە ئىسلام» دېگەن مەنىلەرنى ئىلاۋە قىلغان. «تاجۇل ئەرۇس» ناملىق لۇغەتنىڭ يازغۇچىسى مۇرتەزا ئەز-زەبىدىي، قۇرئاندىن ئايەتلەر، ھەدىسلەر ۋە ئەرەپ شېئىرىدىن نۇرغۇن مىساللار كەلتۈرۈش ئارقىلىق دىن كەلىمىسىنىڭ يىگىرمىدىن ئارتۇق مەنىسىنى قەيت قىلىدۇ. كېينكى دەۋر ئالىملىرىدىن مۇتەرجىم ئاسىم ئەپەندى، دىن كەلىمىسىنىڭ ئوتتۇزدىن ئارتۇق مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جازا-مۇكاپات، ئىسلام، ئۆرپ-ئادەت، ئىتائەت، بويۇن ئېگىش، ھېساپ، ھاكىمىيەت، غالىبىيەت، سەلتەنەت، مۈلكىيەت، ھۆكۈم، پەرمان، مەقبۇل ئىبادەت، مىللەت ۋە شەرىئەت قاتارلىق مەنىلەر مەزكۇر مەنىلەردىن بەزىلىرى ھېساپلىنىدۇ.
مەزھەپلەر تارىخچىسى شەھرىستانىي، دىن كەلىمىسىنىڭ ئالدى بىلەن ئىتائەت، بويۇن ئېگىش مەنىسىدە ئىكەنلىكنى بەزىدە بولسا، جازا ۋە ھېساپ مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، پەقەتلا ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىلا دىن دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. 14- ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئسلام دىن ئالىملىرىدىن سەييىد شەرىف جۈرجانىي، دىن بىلەن مىللەت كەلمىسىنىڭ ئوخشاش مەنىدە ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمەلىيەتتىمۇ قۇرئاندا15 يەردە ئۆتكەن مىللەت كەلىمىسى، دىن مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. مىللەت ۋە مەزھەپ- بىر دىنىي گۇرۇپپىنىڭ بىر خىل دىنغا ساداقەت كۆرسىتىشىگە، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشىغا، قائىدە-قانۇنۇيەتلرىنى ئىجرا قىلىشىغا دالالەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دىن مەنىسىدە كەلمەكتە. قۇرئاندا، «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دىن، ئىسلام دىنىدۇر» دېيىلىشى ئۇنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
دىن كەلمىسىنىڭ يۇرقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن مەنىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىسلامنىڭ ھۆججەت خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇمۇملاشقان مەنىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى پايدىلىق دەپ قارايمىز. بۇ يەردە توغرا بىر يەكۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقۇرىدا قىسمەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكىمىزدەك ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق مەنبەسى بولغان قۇرئانغا مۇراجىئەت قىلىش لازىم. قۇرئاندا دىن كەلىمىسى 92 يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ يەرلەردە دىن كەلىمىسىنىڭ ئىتائەت، باشقۇرۇش-باشقۇرۇلۇش، ھۆكۈم، قۇللۇق، تەۋھىد، ئىسلام، شەرىئەت، شەرئىي جازالار، ئادەت، جازا-مۇكاپات، ھېساپ ۋە مىللەت قاتارلىق مەنىلىرى ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئاندا بۇ كەلىمىلەر ئۆتكەن ئايەتلەرنى نازىل بولۇش تەرتىپى بويىچە رەتكە تىزىپ تەھىلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، دىن ئۇقۇمىنىڭ تىل بىلىمى جەھەتتىن زامان ئىچىدە قانداق مەنا ئۆزگىرىشلىرىنى ياسىغانلىنىقىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىچىدە دىن كەلىمىسى ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ئىسلام تارىخىنىڭ مەككە دەۋرىدە، قالغان قىسمى بولسا، مەدىنە دەۋرىدە چۈشكەن ئايەتلەردە يەر ئالماقتا.
مەككە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا چۈشكەن ئايەتلەردە دىن ئۇقۇمى، كۈن كەلمىسى بىلەن بىللە كېلىپ، «دىن كۈنى»، «جازا-مۇكاپات كۈنى» ۋە «قىيامەت كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۇرمەكتە. بۇ ئەھۋالدا دىن كەلىمىسىنىڭ مەنىسى- ھېساپ-كىتاپ ۋە جازا- مۇكاپات مىنىلىرىگە يېقىن كېلىدۇ. «دىن كۈنى» ئىبارىسى كېينكى زامانلاردا چۈشكەن ئايەتلەردە تەكرارلانمايدۇ. بۇ تەركىپ، يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمزدەك دەسلەپكى دەۋرلەردە چۈشكەن ئايەتلەرنىڭ ئاساسى تەركىۋىگە مۇاۋاپىق ھالدا ئىنساننىڭ ئىمان ۋە ئەمىلىگە قاراپ ھېساپقا تارتىلىدىغان كۈنى بولغان ئاخىرەت كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەككە دەۋرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا دىن ھەققىدە چۈشكەن ئايەتلەرنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ ئايەتلەردە ئەمدى، دەسلەپكى دەۋردە تەكىتلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە ھېساپ مەنىسىدىن، تەۋھىد ۋە تەسلىمىيەت مەنىسىگە ئۆتۈلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىنسان پەقەت ئاللاھقىلا قۇللۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭغا باشقىلارنى ئورتاق قىلمايدۇ. دىن ئاللاھ تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان، ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغان يولدۇر.
مەدىنە دەۋرىدە ئسىلامىي تەبلىغنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى، مەككە دەۋرىدىكى تەۋھىد مەسىلىسىدىن ھالقىپ، ئۇممەت بولۇش، بىللەت بولۇش، دۆلەت بولۇش باسقۇچىغا قاراپ ئىلگىرلىگەن. شۇنداق بولسىمۇ تەۋھىد، بۇتپەرست جەمئىيەت بىلەن بولغان دىيالوگلاردا تامامەن بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلمىغان. بۇ قېتىم دىن، ھەق دىن تەبىرى بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ۋە ساختا دىنلارغا قاراشى بۇ يېڭى دىننىڭ ساغلام ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دەۋرنىڭ كۆپ دىنلىق قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ھەقىقى دىننىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
مانا مۇشۇنداق شەكىلدە مەككە دەۋرىدە دىن ئۇقۇمى، تارىخنىڭ ئېقىشىغا ۋە تەبىئەتنىڭ قەدىمىگە يۆنۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە دىن ئوتتۇرىغا قويغان ھېساپ كۈنىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان ئاللاھنىڭ نوپۇزى دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدىغان بىر ئاساسى تەركىپ قازانغان بولسا، مەدىنە دەۋرىدە- بۇ تەركىپ كېڭەيتىلىپ، كىشىنىڭ ئاللاھقا باغلىق بىر ھايات سۈرۈشى، مۇسۇلمانلار جەمئىيتى ئالدىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىشى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىگىدارچىلىقى ۋە ھاكىمىيەت ئېگىسى بولۇشى قاتارلىق ئاساسلار، دىن ئۇقۇمىنىڭ تەركىۋىگە قوشۇلغان.
قۇرئان ۋەھيىنىڭ مەككە ۋە مەدىنە دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچىدا دىن كەلىمىسى، پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ دىنى ئېتىقادلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، مەككە دەۋرىدە مۇشرىك ئىدىيەگە قارشى «سىلەرنىڭ دىنىڭلار سىلەرگە، مېنىڭ دىنىم ماڭا» دېگەن بولسا، مەدىنە دەۋرىدە بارلىق ئىنسانلارغا خىتاپ قىلىپ، «بارلىق دىنلارغا ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ھەقىقەت رەھبىرى بولغان قۇرئان ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئەنە شۇ ئاللاھتۇر» دەيدۇ. شۇنداقلا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلارنىڭ ھېچقاندق ھۆكمى يوقلۇقنى دۇنياغا جاكالاپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان ھەق دىننىڭ پەقەتلا ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىسلامىي ھۆججەتلەردە ئىسلام كەلمىسى بىلەن دىن كەلىمىسى ئاساسەن ئوخشاش مەنىدىكى ئىككى كەلىمىدەك قوبۇل قىلىنغان ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنلارنىڭ ئەسلىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يۇقىرىدا دىن ئۇقۇمىنىڭ لۇغەت ۋە ئىستېمال مەنىسى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارنى خۇلاسىلەپ ئۆتىدىغان بولساق،  دىن- تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمىي دەۋرلىرىدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە. ئۇنىڭ تەسىرى، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتلاردا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. دىن ئۇقۇمىنى يۇقىرىدىكىدەك كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇ، ھاياتىمىزنىڭ كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمەيدىغان بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. شۇنداقلا دىن ئۇقۇمى، پەرقلىق كۈلتۈلەردە پەرقلىق كەلىمىلەر بىلەن ئىپادە قىلىنسىمۇ، كۆرسەتكەن مەنالىرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر-بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
ھەر جەھەتتىن ئىسلام دىنىڭ ئاساس مەنبەسى بولغان قۇرئاندا ئۆتكەن دىن كەلىمىسىنىڭ مەنىلىرىنى، جازا-مۇكاپات، ھاكىمىيەت، ئىتائەت ۋە شەرىئەت قاتارلىق بىر نەچچە مەنىگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ. باشقا بىر تەرەپتىن دىن كەلىمىسى ھەم ئىلاھىي ھەمدە دىن نامىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىشلارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن دىن، ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھقا بولغان نىسپىتى بىلەن ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىش، ئىتائەت قىلدۇرۇش، ھېساپقا تارتىش، جازا-مۇكاپات، مەخلۇقات بىلەن بولغان مۇناسىتىۋىتىگە ئاساسەن بويۇن ئېگىش، ئاجىزلىقىنى قوبۇل قىلىش، تەسلىم بولۇش، ئىبادەت قىلىش شەكلىدە ئىپادىلەش مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا دىن، بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان قانۇن، نىزام ۋە يولدۇر.  

(دوكتور نۇرئەھمەد قۇرباننىڭ "دىن، ئىنسان ۋە جەمئىيەت" ناملىق كىتابىدىن)

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

5

تېما

6

يازما

80

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
80
ۋاقتى: 2017-5-25 23:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رەھمەت، داۋاملىق مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-11-22 15:49 , Processed in 0.104846 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش