تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 1240|ئىنكاس: 0

تۈن نىسپىدىكى سۆھبەت (ئەنسىز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

6

يازما

80

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
80

بۈگۈنمۇ ھەرۋاقىتتىكىدەك  كۈندىلىك مەشغۇلاتلېرىمنى تۈگىتىپ ياتتىم  .
تۈنۈگۈن ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىمۇ ئەيتاۋۇر ئادەتتە دىمىقچىلىقتا ئۇخلىغىلى بولـمايدىغان قاھىرە كېچىلىرى بۈگۈن باشقىچە سالقىن ئىدى .
دېرىزىدىن كىرگەن ئاي شولىسى ياتىقىمنىڭ يېرىمىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى . ئاي شولىسى بىلەن تەڭ قىستىلىپ كىرىۋاتقان سەلكىن شامال دېرىزىدىكى پەردە بىلەن بىرگە خىياللېرىمنىمۇ ئۆتمۈشكە ئۇچۇرۇپ كەتتى ...
ئەجەب ئىش ... بۇ تەقدىرنىڭ قىسمەتلېرىنى بىلىپ بولغىلى بولـمايدىكەن . تېخى تۈنۈگۈنلا ئىللىق بىر ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىدىم ، ياق ؛ پادىشاھى ئىدىم . دېگەنلېرىم بىجانىدىل ئورۇنلىناتتى ، مېنىڭ خۇشاللىقىم بۇ ئائىلىنى كۈلدۈرەتتى . ئاز ئەمما ۋەزنىلىك سۆزلەيدىغان ئاتام ھاياتلىق سىنارىيەمگە چېكىت ، سوراق ، ئۈندەشلەرنى قويۇپ ،  ئۇنى مەناغا تويۇندۇراتتى . ئىلىك - ئىلىكلىرىغىچە مېھىر مۇجەسسەملەشكەن غەمگۈزارىم ھامان مەن ئۈچۈن پايپېتەك ئىدى ...
بەخت ماڭا ھەسەت قىلاتتى ...
ھاياتىمغا كۆز تەگكەندەك تەقدىر ئوقياسى مېنى تولىمۇ يىراققا تاشلىدى . مانا ئەمدى كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا شېخىدىن ئايرىلغان يوپۇرماقتەك قاھىرە كوچىلېرىدا لەيلەپ ، نىل دەرياسى بىلەن تەڭ چايقىلىپ يۈرمەكتىمەن . ئاخىرى چىقماس خىياللېرىم ئەرەب چېيىدەك ئاچچىق ، يۈرىكىم قىزىل دېڭىزدەك شاۋقۇنلۇق ، روھىم ئەتراپىمدىكى مۇھىتتەك قۇرغاق ئىدى ...
ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن كۆزلېرىم ئاستا - ئاستا يۇمۇلۇشقا باشلىغان ئىدى ، بىزلەرگە راھەت قىلىپ بېرىلگەن ئۇيقۇنىڭ شېرىنلىكىدىن ئۈگە - ئۈگىلېرىم بوشاپ پۈتۈن ئېغىرلىقىمنى كارۋاتقا چۈشۈرۈپ ياتاتتىم .
بىر نەرسىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلېرىنى ئاڭلىغاندەك قىلىپ ، غودۇرغۇنۇمچە تام تەرەپكە قاراپ يېتىۋالدىم . بىر قۇلىقىم ئېتىلغىنى بىلەن يەنە بىرىنىڭ ئىشىكى ھاڭدەك ئوچۇق بولغاچ ، ياستۇقۇمنى ئېلىپ ئۈستى تەرەپتە قالغان قۇلىقىغا ياپتىم ...
توختا ...
بۇ ئاۋاز مېنىڭ ياتىقىمدىن چىقىۋاتىدىغۇ ؟! ئاستا ئۆرۈلۈپ ئاۋازغا قۇلاق سالدىم ...
- خوجايىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، ھېچقاچان مېنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ ، مېنى كۆرۈپ زېرىكمەيدۇ ، مەن ئۇنىڭغا خۇشاللىق بېرىمەن .
- ياق ! خوجايىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ مېنى ئوقۇسا « دىللىرى ئارام تاپىدۇ » ...
ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويۇلغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تېلىفۇنۇم بىلەن قۇرئانىم بىر - بىرى بىلەن گەپ تالىشۋاتقان ئىدى . مەنمۇ ئاستا تىكلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدىم ...
تېلىفۇن : ئىشىڭنى قىلە ! خوجايىن مېنى ياخشى كۆرگەچكە ماڭا چاپاندىن نەچچىنى ئېلىپ بەردى ، دائىم ئالـماشتۇرۇپ كىيىمەن . سەنچۇ ؟ دېگىنە ساڭا شۇنداق قىلدىمۇ ؟
قۇرئان : ماڭا چاپان ئېلىپ بەرمىگىنى بىلەن مېنى ھېچقاچان پەس ئورۇنلارغا قويمايدۇ ، مېنى ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇيىدۇ ، مېنىڭ ئۈستۈمگە بىر نەرسە قويمايدۇ .
- ھا ... ھا ... ھا ... سەن مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن ئۆزەڭنى بەزلەپ يۈرىۋەر ، سېنى ئېگىزگە ئېلىپ قويسىلا ھېسابما ؟ ئەپتىڭگە بىر قاراپ باققىنە ! سەھرايى كەبىردىن چىققاندەك بۇلۇپ كېتىپسەن . مانا مېنى خوجايىن كۈندە قولىغا ئېلىپ سۈرتۈپ - پاكىزلاپ ، ئاۋايلاپ ئىشلىتىدۇ . سېنى شۇنداق قىلامدۇ ؟
پارقىراپ تۇرغان ئالـما تېلىفۇنۇم ئېسىلزادىلەرچە غادىيىپ تۇراتتى ، ئۆز غالىبلىقىنى نامايان قىلغاندەك ئاي شولىسىدا جىلۋىلىنەتتى .
بىر چەتتە تۈگۈلۈپ تۇرغان سەئۇدىي نۇسخىسىدىكى قۇرئانىم غۇبار باسقان يۈزلېرى بىلەن جىمىپ قالدى . ئۇنىڭ مەغلۇب بولغىنىنى كۆرگەن تېلىفۇن تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى ...
- مېنىڭ توكۇم تۈگەپ قالسا خوجايىن بىردەممۇ تاقەت قىلالـمايدۇ ، بىر ئاماللار بىلەن ماڭا توك قاچىلايدۇ . ناۋادا مەن ئېتىلىپ قالسام بىئارام بۇلۇپ كېتىدۇ ، مېنى ئاچقاندىلا ئاندىن كۈڭلى ئارامىغا چۈشىدۇ . ماڭا تور ئېقىمى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلەپ كەتكىنىنىغۇ ئۆزەممۇ بىلـمەيمەن ...
ئۇنىڭ سۆزلېرىگە تاقەت قىلالـمىغان قۇرئان پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى ...
- لېكىن خوجايىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ دائىم شۇنداق دەيدىغۇ ...
- ھا ... ھا ... ھا ... سەن يەنە قايىل بولـمايۋاتامسەن ؟ ئاۋۋال ئۆزەڭنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىڭنى ئوبدانراق ئويلا ... خوجايىن ھەركۈنى بىرىنچى بولۇپ قولىغا ئالىدىغىنى سەن ئەمەس مەن ، ئەڭ ئاخىرىدا قولىدىن چۈشىرىدىغىنىمۇ مەن ، كۈندە سائەتلەپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىغىنىمۇ يەنىلا مەن ...
كېيىنكى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى ، ئۆز ئەھۋالىمغا ئېچىنىشتىن پەيدا بولغان يۇقىرى قىززىقلىقتىكى بىر ئوت يۈرىكىمدىن ئۆرلەپ چىقىپ ، سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ كۆزلېرىمدىن قۇيۇلۇشقا باشلىدى ...
مەن نېمە بولدۇم ؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىلەرگە گول بۇلۇپ يۈردۈم ھە ؟
ئىچ - پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن بۇ مەۋھۇم دۇنيادىن ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدىدىم . قەلبىمدىكى تەگسىز بوشلۇقنى تولدۇرۇشنىڭ يولىنى يۇمۇر - چاقچاقلاردىن ئىزدەپ باقتىم . كۈندە چەمبىرەك - فىيسبۇكلارغا « پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرنى » چىقىرىپ باشقىلارنىڭ « يۈرەك » لېرى بىلەن شادلاندىم .
ئەپسۇسكى بۇ خىل مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق ئۆز - ئۆزىنى بەزلەش ئانچە - مۇنچە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ئادەمنى تەسكىن تاپقۇزغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە قەلب يارىسىغا مەلھەم بولۇشقا يارىمايتتى . بۇ مەۋھۇم دۇنيادىن بىرەر قول چىقىپ غېرىبانە بېشىمنى سىلىمايتتى ...
بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قەلبىمگە راھەتلىك بېرەلـمىدى ، ئەكسىچە ئۆزۈمنى بارغانسېرى غاپىللىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويدى ...
ياق ! ئۆزۈمگە كېلىشىم كېرەك ! رىئاللىققا ئەڭ يېقىن ھالەتتە ياشىشىم كېرەك ! چۈنكى ماڭا بەخت ، ئاراملىق ، ئازادىلىك تۇيغۇسىنى پەقەت رىئاللىقلا بېرەلەيدۇ . ئۆزۈمگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى پەقەت رىئال ھاياتتىن تاپالايمەن ، ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلار پەقەت رىئال ئىشلار بىلەن قىممەتكە ئىگە بۇلىدۇ .
ئۆزۈمنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇش ، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشۇمنى كېڭەيتىش ، ھاياتقا كۆپ تەرەپتىن نەزەر سالالايدىغان بولۇش ئۈچۈن تېخى ئۇزۇن يوللارنى بېسىش كېرەك . پۇرسەتنى قەدىرلەش كېرەك .
قېلىپلاشقان تەپەككۇر شەكلىدىن ھالقىپ چىقىشىم لازىم ئىدى ، كاللامدىكى تۇمانلارنى تازلىشىم ، بىر خىللاشقان قىممەت قاراشلارنى بۇزۇپ تاشلىشىم كېرەك ئىدى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى رىئاللىققا قايتىشقا چاقىرماقتا ، مېنىڭ نىشانلېرىم بار ! مېنىڭ غايىلېرىم مېنىڭ تىرىشىشىمنى كۈتمەكتە ...
ئۆزگىرىش كېرەك ! تۇرغۇنلۇقتىن ھەرىكەتچانلىققا ، پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ، ھېسسىيلىقتىن ئىلـمىيلىققا ئۆتۈشۈم كېرەك . خاتىرجەم - پاراۋان تۇرمۇش شەكلىگە گول بۇلۇپ ئۆزۈمدىن يىراقلاشتىم ، قەلبىمدىن يىراقلاشتىم ...
ئەڭ مۇھىمى رەببىمدىن يىراقلاشتىم ، ھەتتا يىراقلاشقىنىمنى ھېس قىلالـمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقلاشتىم ...
  توڭلاۋاتقىنىمنى ھېس قىلىپ خىياللار قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم ، قۇرئان تېخىچە خوجايىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئېسەدەۋاتقان ئىدى ...
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم ، تىترەۋاتقان قوللىرىم بىلەن يۈز - كۆزلېرىنى سۈرتۈپ باغرىمغا باستىم ، بەدىنىمنىڭ  ئەڭ پاكىز سۈيى بولغان ياشلېرىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تامچىلىدى ...
مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن قۇرئانىم ...

2017 ـ 5 ـ 26
ئەنسىز .
مەنبە: تور دۇنياسى

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-11-22 15:05 , Processed in 0.115689 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش