ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلار
ھەممىڭلارنىڭمەلۇمى بولغىنىدەك يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىلىم، بىلىم، مەلۇماتلاربىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېزىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتا كۆزگەكۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەسىرى بولۇپ كەلگەن خېلى كۆپ ئۇيغۇر تور - مۇنبەرلىرىتاقىلىپ كەتتى ياكى ئېچىلماس بولۇپ قالدى. سەۋەبى ھەممىمىزگە ئايان… بىز نەچچەقېرىندىشىڭلار مۇشۇ بوشلۇقنى كۆرۈپ بۇ مۇنازىرە مۇنبىرىنى (http://munazire.com) ئېچىشنى قارارلاشتۇرۇپ مەزكۇرمۇنبەرنى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. مۇنبىرىمىزخەيىرلىك بولسۇن، خەيىرلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولسۇن. ھەرقايسىڭلاردىنمۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا تۆۋەندىكىلەرنى دىققىتىمىزدىن سادىر قىلماسلىقىڭلارنىسەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنىمىز: 1- ئىلمىي ۋە ئىجادىي تېمىلارنى يوللاشقائەھمىيەت بىرىڭ، 2- باشقا قېرىنداشلىرىمىز يازغان تېمىلارغا ئىنكاسقايتۇرغاندا ئىلمى بولۇشقا، يازغۇچىنى ئەمەس يازغان تېمىسىنىڭ مەزمۇنىنىڭبولىدىغان تەرەپلىرىنى تەقدىرلەپ بولغاندىن كېيىن بولمىغان تەرەپلىرىنى ئىلمىئۇسۇل بىلەن تەنقىد قىلىشقا تىرىشىڭ.
3-يوللىغان تېمىڭىز ياكى ئىنكاسىڭىزدا باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ كىشىلىكىگە تىگىدىغانكەلىمە، جۈملە ۋە ئاتالغۇ بولمىسۇن، بىر قىبىلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغانقېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىغان ئەھۋال ئەسلا كۆرۈلمىسۇن. 4- فىتنىگە تولغان كۈنىمىزدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭئىلمى جەھەتتىن ئۆگىنىۋېلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان، دەرس ئېلىپ، ئۈلگە قىلىدىغان تەرەپلىرىبولسا تىلغا ئالايلى، بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئەمما قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنىڭ،گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلايلى. 5- ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا پىتنە - ئىغۋا پەيدا قىلىدىغان، ئايىغى چىقماس تالاش -تارتىشلارغا سەۋەب بولىدىغان تېما ۋە مەزمۇنلارنى يوللىماسلىققا ئالاھىدە دىققەتقىلايلى، (ناۋادا يوللىنىپ قالسا كىمنىڭ قەيەردىن يوللىغان ۋە قانچىلىك ۋاقىت ۋەكۈچ چىقىرىپ يازغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ!) 6- تېما يوللىغاندا ئىلمىيلىكدائىرىسىدىن چىقماسلىقىڭىز ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ... 8- مۇمكىن قەدەر خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىيۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان، ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئىلمىي، ئەخلاقلىق،ۋىجدانلىق، ئاتا- ئانا مېھرىگە تويۇنغان، مىللى غۇرۇرغا ئىگە، ۋەتەن - مىللەتسۆيگۈسى بىلەن تولۇپ تاشقان، مەسئۇلىيەت ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن… ئەۋلادلار بولۇپيىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن پايدىسى بولىدىغان ئىجادىي ئەسەرلەر ئالاھىدە قارشى ئېلىنىدۇ. 8- ھەل قىلىشقا تىگىشلىك شۇنچىلىك كۆپمەسىلىمىز، قىلىشقا تىگىشلىك شۇنچە كۆپ ئىشىمىز، ئادا قىلىشقا تىگىشلىك شۇنچىلىكچوڭ مەجبۇرىيىتىمىز بىزنى كۈتۈپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىنى جىڭغائولتۇرمايدىغان، مۇھىملىق جەھەتتىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە تىزىملىككە يا كىرەلمەيدىغانياكى تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا كىرەلەيدىغان كۈندىلىك ئۇششاق مەسىلىلەر بىلەن ھەمئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىققا، ھەم باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زىھىنلىرىنىبىئارام قىلماسلىققا، ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلماسلىققا ۋە ئوغرىلىماسلىققا ئالاھىدەدىققەت قىلايلى. ئۇلۇغ ئاللاھبۇ مۇنبەرنى ئىلىملىك، قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېزىشقابىلىيىتىنى قوللىنىپ قەلەم تۇتۇشنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنى ۋەئىلمى سەۋىسيەسىنى ئاشۇرۇشىغا ۋاسىتە بولىدىغان ئىلمىي سورۇنغا ئايلاندۇرۇپبەرسۇن. قەلەم تۇتۇپ كۆنمىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسا يېزىش قابىلىيەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشلىرىئۈچۈن ئۆگىنىش ۋە مەشىق مەيدانى قىلىپ بەرسۇن.
Kaydet |