تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 0

بىزگە قانداق ئەۋلادلار كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

6

يازما

80

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
80
بىزگە قانداق ئەۋلادلاركېرەك؟
—چولپان —

قۇچاق-قۇچاقلاردا بالىلار،مۇسۇلماننىڭ سانىنى كۆپەيتىمىز، دېگەن شۇئارلار… مۇسۇلمانلارغا، جۈملىدىن مىللىتىمىزگەناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەۋلادلارلا لازىممۇ؟ ئۇلارنىڭ سۈپىتىگە شەرتىمىز يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە،بار. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بىز دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن خېلىلا كەينىدە قېلىۋاتقان مەزگىلدە،ئىلىم-پەن مۇسۇلمانلاردىن يىراقلىشىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يازمىلىرى، «تۇنجى» لىرى،ئىختىرالىرىغا تېخىچە تىل تامشىتىپ يۈرگەن چېغىمىزدا، ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىغا نىسبەتەنئىنتايىن چوڭ شەرتىمىز بولۇشى، ھەم شۇ شەرتكە ئۇيغۇن تەربىيىلىيەلەيدىغان دەرمانىمىزبولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، كۆرۈۋاتقان رېئاللىقىمىز ناھايىتى ئېچىنارلىق ھالدا بۇبالىلارنىڭ، يېپيېڭى نوتىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تارىخىنى تەكرارلايدىغانلىقىنىئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ماتىماتىكىنىڭ نېمىلىكىنىلائەمەس، قوشۇش-ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئون نەچچە ياشلىق بالىلار: «قوشۇش-ئېلىشنى ئۇيغۇرچەئۆگەنمەي، تۈركىيەدە تۈركچە ئۆگىنەرمىز؟» دەپ سوراۋاتقاندا؛ قۇرئان يادلىغان قارىيەقىزلىرىمىزنىڭ ياغلىقلىرىدىن چېچىنى چىقىرىپ قويۇشنى، يۈزىگە گىرىم قىلىپ ئوغۇللارغانازلىنىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، قارى ئوغۇللىرىمىزنىڭ بولسا ئۆزى قىلىۋاتقانئىشنىڭ ھەتتا قۇرئاندا چەكلەنگەن گۇناھلىقىنى بىلمىگۈدەك نادانلىقىنى بايقىغىنىمىزدا؛يازغان خەتلىرى ئەمدىلا تىلى چىققان بالىنى ئەسلەتكەندە… بىز مىللەتنىڭ، ئۈممەتنىڭكەلگۈسىنى يەنە خاتىرجەم ھالدا بۇ ئەۋلادلارغا تاپشۇرالامدۇق؟ بالىمىز قانچە كۆپ، ئۆيىمىزقانچە ئاۋات بولسىلا ھېسابمۇ؟ كەلگۈسىنىڭ ئائىشەسى، فاتىمەسى، ئۆمەر، ئوسمانلىرى ساۋاتسىز،ئەخلاقسىز، نادان چوڭ بولسا مەيلىمۇ؟ ئەلۋەتتە، مەيلى ئەمەس.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆززىممىسىدىكى يۈكنىڭ پەقەت ئەرگە ئىتائەت قىلىدىغان ئايال تەربىيىلەشلا ئەمەسلىكىنى،بىردىنبىر تاماسىنىڭ پەقەت قۇرئان يادلىغان قارى تەربىيىلەپ ئاخىرەتتە نۇردىن تاج كىيىشبولسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.  
توغرا، قۇرئان يادلاشنىڭساۋابى بۈيۈك. ئەمما ئاللاھ بىزگە قارى تەربىيىلەشنى ۋەزىپە قىلمىدى، قۇرئانغا ئەمەلقىلىدىغان مۇسۇلمان تەربىيىلەشنى تاپشۇردى. ئۆزىنىڭ نېمە يادلاۋاتقىنىنى بىلمىگەن،ئۇيغۇرچە ساۋادىمۇ چىقمىغان قىز-ئوغۇللىرىمىز چوڭ بولۇپ، گۇناھتىن قورقمايدىغان قارىلاربولسا، بۇ ئاشۇ ئاتا-ئانىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپلا قالماي، ئىسلامنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەيدىغانمۇسۇلمانلارنىڭ يەنە كۆپەيگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
يىللار بۇرۇن ئەزھەردەئوغلىنى ئوقۇتماقچى بولغان ئانا بالىسىنى پەقەت دىندىلا ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەزھەرنىڭ پەنني ئىمتىھانىنىڭمۇ بارلىقى، پەندىمۇ تەربىيىلەش كېرەكلىكى ئېيتىلسا قەتئىيقوبۇل قىلمىدى؛ تۈركىيەگە كەلگەن ئاتا-ئانىلار مەكتەپ يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلىرىنىمەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ماتىماتىكا، ئەدەبىيات بىلدۈرەلمەي ئاۋارە. ئەقلىنى ئاچىدىغانمەزگىلدە ھېچنېمە ئۆگەنمىگەن بالىلارغا نەچچە يىللىق پەننىي دەرسنى بىراقلا تولۇقلاشئېغىر كېلىپ، چۈشكۈن، روھسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە، بالىلار ئىلىمدىن زېرىكمەكتە.
بىر ئەۋلاد كىچىككىنەئۆيدە تىقىلىپ ئولتۇرۇپ، تاپقان-تەرگىنىنى كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ ئوقۇشىغا ئاتايدىغان،بىر ئەۋلاد ئىشچى بولسا كېيىنكىسى ئىنژېنىر بولۇپ چىقىدىغانلارنىڭ تەرەققىياتى بىزكۆز يۇمۇپ، قارغاپ ئولتۇرغانغا پەسلەپ قالمايدۇ. بەلكىم، ئۇلار دۇنيانى كۆزلەيدۇ، دەيدۇ بەزى مۇسۇلمانلىرىمىز. ئەجىبا مۇسۇلمان بىلىمئالماسلىقى، چوقۇم ئەڭ تۆۋەن شارائىتتا، نادانلىقتا قېلىۋېرىشى كېرەكمۇ؟ بىزگە بۇيرۇلغىنىشۇمۇ؟
نەچچە ئايال بىلەن مۇسۇلماننىڭسانىنى كۆپەيتىمەن، دەۋاتقان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ، ئۆزىگە ئوخشاش ئىلىمسىز ئاياللاربىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشىغان بىر توپ ئىلىمسىز بالىنى تەربىيىلەپ چىقىشى مۇسۇلمانغا كېرەكسان ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ ئوقۇمىغان ئاياللارنى ئالماڭ، دېگەنلىك بولماستىن، ئۆزى كۆرگەنئىلىمسىزلىكنى بالىلىرىغا كۆرسەتمەسلىك، ئون تۆت يېشىدا ياتلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئاداقىلىشنىلا بىلمەي، باشقىچە پەرزەنتلەرنى تەربىيىلىيەلەيدىغان ئىلىملىك ئانىلارنى يېتىشتۈرۈشدېگەنلىكتۇر.
بىزگە دىنىي ئالىملار لازىم،پەننىي ئالىملار تېخىمۇ لازىم. بىزگە قارىلار لازىم، ئەمما پەننىي زىيالىي بىلەن مۇنازىرىلىشىپقالسا ئاسانلا يېڭىلىپ قالىدىغان ئەمەس، بەلكى پەندىنمۇ ئەقەللىي ساۋادى بولغان، ئۆزجېنىنى باقالايدىغان، ئائىلىسىنى موھتاجلىقتا زارلاتمايدىغان كەسپ ئىگىسى بولمىش قارىلارلازىم. بىزگە دوختۇر، مۇئەللىم، يازغۇچى، ئىنژىنىرلار تېخىمۇ لازىم. ئاياللىرىنى پەقەتئايال دوختۇرغا كۆرسىتىدىغان ئەركەكلەر، قىزلىرىڭلارمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سىستېراسى،دوختۇرى بولسۇن؛ قىزلىرىنى ئەر مۇئەللىملەردىن قورۇيدىغان ئاتىلار، قىزلىرىڭلارمۇ قىزلارنىڭدىلىغا ئىلىم سالىدىغان ئۇستاز بولۇپ يېتىشسۇن. خىرىستىئان، يەھۇدى، دىنسىز… ئالىملارنىڭتەتقىقاتلىرىغا گۇمان بىلەن قارىساق، بىزدىنمۇ شۇنداق ئالىملار ھەسسىلەپ چىقسۇن.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-7-22 11:44 , Processed in 0.102529 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش