تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 597|ئىنكاس: 0

ئىستىئازە - ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا سېغىنىپ پاناھ تىلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
ئىستىئازە

― ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا سېغىنىپ پاناھ تىلەش ―


قَالَ أَبُو هُرَيْرَةَ: إِنَّ رَسُولَ صَلَّى عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَانَ يَدْعُو يَقُولُ: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الشِّقَاقِ، وَالنِّفَاقِ، وَسُوءِ الْأَخْلَاقِ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ئىتتىپاقسىزلىقتىن، مۇناپىقلىقتىن ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن پاناھ تىلەيمەن».
(ئەبى داۋۇد، 1546- ھەدىس، كىتابۇس سالات؛ نەسائى، 5473- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە)

عَنْ عَائِشَةَ، قَالَتْ: فَقَدْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَيْلَةً مِنَ الْفِرَاشِ فَالْتَمَسْتُهُ فَوَقَعَتْ يَدِي عَلَى بَطْنِ قَدَمَيْهِ وَهُوَ فِي الْمَسْجِدِ وَهُمَا مَنْصُوبَتَانِ وَهُوَ يَقُولُ: «اللهُمَّ أَعُوذُ بِرِضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ، وَبِمُعَافَاتِكَ مِنْ عُقُوبَتِكَ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْكَ لَا أُحْصِي ثَنَاءً عَلَيْكَ أَنْتَ كَمَا أَثْنَيْتَ عَلَى نَفْسِكَ».
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن بىر كېچىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياتقان يېرىدىن تاپالماي ئەتراپنى سىلاشتۇرسام، قولۇم ئۇنىڭ تاپىنىغا تەگدى. ئۇ سەجدە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچىنى تىكلەپ تۇرۇپ مۇنداق دۇئا قىلىۋاتقان ئىكەن: «سېنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن غەزىپىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ قوغدىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن بىلەن دوزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە سانا ئېيتىشتىن ئاجىزدۇرمەن».
(مۇسلىم، 1090- ھەدىس، كىتابۇس سالات)

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَانَ يَقُولُ: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْفَقْرِ، وَالْقِلَّةِ، وَالذِّلَّةِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ أَنْ أَظْلِمَ، أَوْ أُظْلَمَ».
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ پېقىرلىقتىن، يوقسۇللۇقتىن، خارلىقتىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن».
(ئەبى داۋۇد، 1544- ھەدىس، كىتابۇس سالات)

عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ قَالَ: كَانَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يُعَوِّذُ الْحَسَنَ وَالْحُسَيْنَ، وَيَقُولُ: «إِنَّ أَبَاكُمَا كَانَ يُعَوِّذُ بِهَا إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ، أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ، مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ».
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن بىلەن ھۇسەيننى پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنى پاناھلاندۇراتتى: ئاللاھنىڭ نۇقسانسىز ۋە مۇكەممەل كەلىمىلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن».
(بۇخارى، 3371- ھەدىس، كىتابۇل ئەنبىيا)


عَنْ شُتَيْرِ بْنِ شَكَلٍ،َ عَنْ أَبِيهِ شَكَلِ بْنِ حُمَيْدٍ، قَالَ: أَتَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ عَلِّمْنِي تَعَوُّذًا أَتَعَوَّذُ بِهِ. قَالَ: فَأَخَذَ بِكَفِّي فَقَالَ: «قُلْ: اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ سَمْعِي، وَمِنْ شَرِّ بَصَرِي، وَمِنْ شَرِّ لِسَانِي، وَمِنْ شَرِّ قَلْبِي، وَمِنْ شَرِّ مَنِيِّي».
شۇتەير ئىبنى شەكەلدىن، ئاندىن ئۇنىڭ دادىسى شەكەل ئىبنى ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا دۇئا ئۆگىتىپ قويغىن» دېسەم، ئۇ مۆرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىمنىڭ يامانلىقىدىن، كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن، تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن، قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە جان يېرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن» دېگەن.
(تىرمىزى، 3492- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات)


عَنْ زَيْدِ بْنِ أَرْقَمَ، قَالَ: لَا أَعْلَمُكُمْ إِلَّا مَا كَانَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يُعَلِّمُنَا: «اللهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ وَالْهَرَمِ وَعَذَابِ الْقَبْرِ، اللهُمَّ آتِ أَنْفُسَنَا تَقْوَاهَا، أَنْتَ خَيْرُ مَنْ زَكَّاهَا أَنْتَ وَلِيِّهَا وَمَوْلَاهَا، اللهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ قَلْبٍ لَا يَخْشَعُ، وَمِنْ نَفْسٍ لَا تَشْبَعُ، وَعِلْمٍ لَا يَنْفَعُ، وَدَعْوَةٍ لَا يُسْتَجَابُ لَهَا».

زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۆگىتىپ قويغان بىر دۇئانى ئۆگىتىپ قويمايمۇ؟ ئۇ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن ۋە قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! نەپسىمنى تەقۋادار قىلغىن ۋە ئۇنى پاك قىلغىن، ئۇنى پەقەت سەنلا پاك قىلىسەن، سەن ئۇنى قوغدىغۇچىسەن ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ بويسۇنماس قەلبتىن، تويماس نەپسىدىن، پايدىسىز ئىلىمدىن ۋە ئىجابەت بولماس دۇئادىن پاناھ تىلەيمەن».
(نەسائى، 5460- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە؛ مۇسلىم، 6906- ھەدىس، كىتابۇز زىكر)


ئىنسانىيەت بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تۇنجى كەچۈرمىشلەر كىشىلەرنىڭ بىر باشپاناھ ۋە ھىماتچىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. قۇرئان كەرىمگە كۆرە، ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىغا خىتاب قىلىپ: ﴿ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر﴾[1] دېگەن ۋە: ﴿ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر﴾[2] دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئادەم ئاتا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى تېزلا ئۇنتۇغان. شەيتان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يالغان قەسەم[3] ئارقىلىق ئۇلارنى ئازدۇرغان[4]. ئىلاھىي پەرماننى ئۇنتۇپ ئاشكارا دۈشمەن بولغان شەيتاننىڭ[5] ۋەسۋەسىسىگە ئالدانغان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار﴾[6] دېگەن ئەمرى بىلەن جەننەت (ئۈستۈن بىر ئورۇن)تىن تۆۋەن بىر يەر (دۇنيا)گە چۈشۈرۈلگەن. تۇيۇقسىز دۇنياغا چۈشۈپ قالغان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا يالغۇزلۇق ۋە چارىسىزلىك ئىچىدە، ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ: ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز﴾[7] دەپ ئىلتىجا قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇسى، رەھىم-شەپقىتى ۋە چەكسىز ھىمايىسىگە پاناھلانغان.
ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئۈچۈن تاللاپ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە يولباشچىلارمۇ ھەر خىل شارائىتلاردا پەرۋەردىگارى تەرەپكە پاناھلىنىشنى بىر خىل ھايات تەرزى دەپ بىلىپ كەلگەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلمىگەن نەرسىلەر ھەققىدە سوراشتىن ئاللاھ تائالانىڭ پاناھىغا سېغىنغان[8]. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئايال ۋە قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قويولغان ناھەق تەلەپكە قارشى: ﴿خۇدا پاناھ بەرسۇن﴾[9] دېگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى مەسخىرە قىلىپ جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن[10] ۋە ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان مۇتەكەببىر پىرئەۋىننىڭ[11] ۋە قەۋمىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن[12] ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگەن.
قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ئۈلگىلىك زاتلاردىن بىرى بولغان ھەزرىتى ئىمراننىڭ ئايالى قورسىقىدىكى پەرزەنتىنى پەرۋەردىگارىغا ئاتىۋەتكەن. پەرزەنتى قىز توغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەريەم دەپ ئىسىم قويۇپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايالنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ھەزرىتى مەريەمنى ساغلام ئۆستۈرۈپ بەرگەن[13]. ھەزرىتى مەريەم بۇ ئىلاھىي ھىمايە ئاستىدا شۇنچىلىك ئىپپەتلىك ئۆسۈپ يېتىلگەنكى، ھەتتا ئادەم سۈرىتىدە كەلگەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە چېقىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ ﴿مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن﴾[14] دېگەن.
ئىنسانلارغا يولباشچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر، سالىھ بەندىلەر ۋە ئۈلگىلىك زاتلارنىڭ مۇناجاتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پاك تەبىئىتىنى ساقلاش ۋە ساپلىقىنى قوغداش ئىستىكى كىشىلەرنىڭ بىر باشپاناھقا موھتاج ئىكەنلىكىگە ئەڭ چوڭ سەۋەب. چۈنكى، بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ، توغرا يولدىن چىقىپ ئازغۇنلۇققا پېتىپ كېتىشتىنمۇ ئارتۇق ھالاكەت بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر شەيئىنى يوقلۇقتىن پەيدا قىلغان ئاللاھ تائالا ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلغان تەلىماتلاردا، ئاۋۋال ناچار كىشىلەردىن ۋە يامانلىقلاردىن پاناھ تىلەشنى ئۆگەتكەن. ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ قىسسىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەيتان كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشنى ئەھدە قىلغانلىقى ئۈچۈن[15] تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز: ﴿شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، شۇڭا ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ﴾[16]. ئىبلىس بارچە يامانلىقنىڭ، بەدنىيەتلىكنىڭ، گۇمراھلىقنىڭ ۋە پۈتۈن ئەسكىلىكلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. مۇئمىن كىشى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ئۆزىنى قوغدىيالىسا، بېشىغا كەلگۈسى يامانلىقلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەپ تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلىپ تۇرغان:
﴿ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾[17].
﴿ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن﴾[18].
ئاللاھ تائالا بۇلار بىلەنلا قالماي يەنە «مۇئەۋۋەزەتەيىن» دەپ ئاتالغان ئىككى مەخسۇس سۈرىدە شەيتاندىن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە شەيتانىي ئىش-ھەرىكەتلەردىن پەيغەمبەرنىڭ (ۋە مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان:
﴿مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ)قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېگىن﴾[19].
﴿ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ)قا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن﴾[20].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قوغدىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان. ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن ئۆزى چوقۇم ئوقۇش بىلەن بىرگە «ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەشتىكى ئەڭ گۈزەل دۇئا» دەپ ساھابىلىرىگىمۇ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان[21]. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك، «ئادەم بالىسىنىڭ قان تومۇرلىرىدا ئاقىدىغان»[22] شەيتان كىشىلەرنى پاك تەبىئىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يامانلىققا، گۇمراھلىققا ۋە گۇناھ-مەئسىيەتكە باشلايدىغان باش رولچى. ھەممە كىشىنىڭ ئىچىدە بار بولغان[23]، قەلبىدىن چىقىرىۋېتەلمەيدىغان بۇ يامانلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئەنە شۇ يامانلىقنىمۇ ياراتقان ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايسىگە پاناھلىنىشتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرىنى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇلارنى پاناھلاندۇرغان[24]. چۈنكى، پەرۋەردىگارىغا پاناھلانغان مۇئمىنلەرنىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ[25].
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شەيتاندىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرى بىلەن سادىر بولىدىغان بولمىغۇر ئىش-ھەرىكەتلەردىنمۇ ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەشنى ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە دەۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، مۇشرىكلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ۋە ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا ﴿ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن﴾[26] دېگەن بۇيرۇق نازىل بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئاچچىقلانغان ۋاقتىمدا قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىغاندا ﴿ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇ﴾[27] دېگەن ئايەت نازىل بولغان[28].
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، ئاچچىقلانغان ۋاقىتلاردا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەي، ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەشنى ساھابىلىرىگە ھەر پۇرسەتتە ئەسلىتىپ تۇرغان. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە ئىككى كىشى تىللىشىپ قېلىپ، بىرىنىڭ يۈزى قىزىرىپ تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەيغەمبىرىمىز: «ھەقىقەتەن مەن بىر سۆز بىلىمەنكى، ئادەم ئۇنى ئېيتسا ئاچچىقى يانىدۇ، ئۇ بولسىمۇ اَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ (ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن)» دېگەن. ساھابىلەردىن بىر كىشى تىللىشىپ قالغان ئىككىيلەننىڭ يېنىغا بېرىپ، غەزەپلەنگەن كىشىگە: «اَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ (ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن) دېگىن» دەپ نەسىھەت قىلغاندا، ئۇ كىشى بۇ نەسىھەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئاڭقىرالماي: «مېنى ساراڭ كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ ئىشىڭنى قىل!» دېگەن[29].
شەيتان ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ توغرا يولىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان[30]. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىۋاتقان پەيتلىرى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، مۇئمىن كىشى ئىبادەت جەريانىدا قەلبىنى ھەر خىل يامان خىياللاردىن پاكلاپ، ھۇزۇرى قەلب بىلەن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئىبادەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەردىن مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغاندا ئۇلارنىڭ قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىشىنى تەلەپ قىلغان[31]. مۇئمىن كىشى قۇرئاننى بۇ كۆرسەتمە بويىچە ئوقۇغاندا، قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك خاتا ئوي-پىكىرلەردىن ۋە بولمىغۇر خىياللاردىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلانغان بولىدۇ ھەمدە قۇرئاننىڭ رەھبەرلىكى ۋە نۇرى ئاستىدا ھىدايەت تېپىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسۇق (يەنى شەيتانىي خىياللار)نى ئېلىۋەتكەن بولىدۇ.
شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى ئاشكارا دۈشمەن دەپ بىلگەن بىز ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋېتىش بولغاچقا، مۇئمىن كىشى ئىمانىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇۋېتىشىدىن پاناھ تىلىشى كېرەك. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈممەتلىرىگە تەلىم بەرگەن دۇئالاردا ئاۋۋال ئىمانغا دەخلى يەتكۈزۈپ ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەتتىن مەھرۇم قىلىدىغان ئىشلاردىن ۋە يامان ئىش-يامان ھەرىكەت سادىر قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «ئاللاھقا سېغىنىپ ئىتتىپاقسىزلىقتىن، مۇناپىقلىقتىن ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن پاناھ تىلەيمەن»[32] دەپ دۇئا قىلغان. پەيغەمبىرىمىز يەنە پايدىسىز ئىلىمدىن، گۇمراھلىقتىن، بويسۇنماس قەلبتىن، تويماس نەپستىن، بېخىللىقتىن، قەبرە ئازابىدىن[33]، ھۇرۇنلۇقتىن، خىيانەتتىن، گۇناھلاردىن، زۇلۇم قىلىشتىن، قوپال ۋە نادانلارچە ئىش قىلىشتىن[34]، كەمچىلىكلەردىن، قىلغان ۋە قىلمىغان ئەمەللىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىگەن[35].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ كۆپ پاناھ تىلىگەن ئىشلار — قەبرە ئازابى، دوزاخ[36]، مەھشەردىكى ئورۇننىڭ تارلىقى[37]، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى ۋە غەزىپىدىن ئىبارەت. سۆيۈملۈك ئايالى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر كېچىسى ئۇنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان: «سېنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن غەزىپىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ قوغدىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن بىلەن دوزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە سانا ئېيتىشتىن ئاجىزدۇرمەن»[38]. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەتتىن مەھرۇم قىلماقچى بولغان شەيتاندىن ياكى شەيتاننىڭ بۇرادەرلىرىدىن كېلىدىغان يامانلىقلاردىن پاناھ تىلەشنىڭ ئۆزىلا ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەشكە بىردىنبىر باھانە بولالمايدۇ. كىشىنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە خاتىرجەم ياشاش ئىستىكى ئۇنى بىر باشپاناھقا موھتاج قىلىدۇ. ئىنسان چارىسىز قالغاندا ۋە بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇنى ھاياتقا باغلاپ، خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان بىر زاتقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ: ﴿بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟﴾[39]. ئاللاھ تائالا دۇنيادا قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىمىزدا ئەڭ بىخەتەر پاناھگاھقا (يەنى ئۆزىنڭ قۇدرىتى ۋە مېھرى-شەپقىتىگە) سېغىنىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. ئىنسان ئاجىزلىقلىرى بىلەن مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن (دائىم شۇنداق تۇرىدۇ)، مۇئمىن كىشى ھەر ۋاقىت قۇدرەتلىك ۋە بۈيۈك ئاللاھقا پاناھلىنىشنى داۋملاشتۇرىدۇ. دەرھەقىقەت دىنسىز كىشىلەرنىڭمۇ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز مېھرى-شەپقىتىگە پاناھلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن مۇنۇ ئايەت بۇ خىل ھېس-تۇيغۇنىڭ يارىتىلىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە: ﴿ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە) ۋە دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ﴾[40].
ھەدىس مەنبەلىرىدىكى مەلۇماتلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەڭرىچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ تائالاغا پاناھلىنىشنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ۋە مەۋجۇتلۇق بىلەن پاناھلىق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، بۈيۈك ھەدىسشۇناش ئىمام نەسائى «سۇنەن» ناملىق قىممەتلىك ھەدىس كىتابىدا «كىتابۇل ئىستىئازە» (پاناھ تىلەش بۆلۈمى) دەپ مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجرىتىپ، 111 ھەدىس نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسلەردە مۇئمىننىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىش ۋە ئۆز-ئۆزى بىلەن ھېسابلىشىش بارىسىدىكى پاناھ تىلەشلەر نەقىل قىلىنىپلا قالماستىن، كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولمىغان ھەر خىل بالايى-ئاپەتلەردىن پاناھ تىلەش ھەققىدىكى بايانلارمۇ نەقىل قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىش مۇمكىنچىلىقى بار بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن، روھىي كېسەلدىن، ماخاۋ كېسىلىدىن، يامان ئاغرىقلاردىن[41]، ئاجىزلىقتىن ۋە بەك قېرىپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيتتى[42]. پەيغەمبىرىمىز تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددىلىقنى تاللاش بىلەن بىللە پېقىرلىقتىن، يوقسۇللۇقتىن، خارلىقتىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن پاناھ تىلىگەن[43]. ئاچلىقتىن[44]، بالا-قازاغا يولۇقۇشتىن ۋە ئېغىر ئەھۋالدا قېلىشتىن[45] پاناھ تىلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن بەرگەن نېمىتىڭنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن، ئامانلىقىمنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن، تۇيۇقسىز جازالىشىڭدىن ۋە جىمي غەزەپلىرىڭدىن پاناھ تىلەيمەن»[46].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتتىن ۋە قەرزگە پېتىپ قېلىشتىن بەك كۆپ پاناھ تىلەيدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزدىن: «قەرزگە پېتىپ كېتىشتىن نېمانچە كۆپ پاناھ تىلەيدىلا؟» دەپ ئەجەبلەنگەندە، ئۇ: «چۈنكى، ئىنسان قەرزگە پاتقاندا يالغان ئېيتىدىغان ۋە ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ»[47] دەپ جاۋاب بىرىش ئارقىلىق، قەرزگە پېتىپ قالغان كىشىنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىپ سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ تولا ۋاقىتلاردا مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم-قايغۇدىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»[48].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى قەرزدارلىقتىن پاناھ تىلەش بىلەن بىرگە، قەرزگە پېتىپ قالغان ساھابىلىرىغا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا پاناھلىنىشنى ئۆگەتكەن. قەرزگە پېتىپ غەم بېسىۋالغان ئەنسارىي ساھابە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «مەن ساڭا بىر دۇئا ئۆگىتىپ قويمايمۇ؟ ئەگەر سەن ئۇ دۇئانى ئوقۇساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ ۋە قەرزلىرىڭنى ئادا قىلىدۇ» دەپ، مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: «سەن ھەر كۈنى ئەتىگەن-ئاخشامدا: ‹ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم-قايغۇدىن پاناھ تىلەيمەن، ئاجىزلىق ۋە ھۇرۇنلۇقتىن پاناھ تىلەيمەن، قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، قەرزدارلىقتىن ۋە كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگەن دۇئانى ئوقۇغىن!». ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېيىن مۇنداق دېگەن: مەن شۇنداق قىلغانىدىم، ئاللاھ تائالا مېنى غەمدىن خالاس قىلىپ قەرزلىرىمنى ئادا قىلدى[49].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچكىمگە موھتاج بولماي ساغلام ياشاشنى ئىستەپ ۋە كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەردە ئۆلۈپ كېتىشتىن پاناھ تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! تام بېسىۋېلىشتىن، غۇلاپ كېتىشتىن، غەرق بولۇشتىن، كۆيۈپ كېتىشتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، ئۆلۈم ئالدىدا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن، سېنىڭ يولۇڭدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنگە كەينىمنى قىلغان ھالەتتە ئۈلۈشتىن ۋە زەھەرلىك جانلىقلار چېقىۋېلىپ ئۆلۈشتىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[50].
پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىكى يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشلىمەستىن چۆلگە كەپە تىكلەپ ھايات كەچۈرىدىغان ئەرەبلەرنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن خېيىم-خەتەرلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل بالايى-ئاپەت ۋە خېيىم-خەتەرگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن مۇئمىنلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ئىرادىسىگە پاناھلىنىشنى ئۆگەتكەن. ئەمما، بۇ خىلدىكى تەلىماتلار كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ۋە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە زىت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بىر قىسىم زىيانداش جانىۋارلارنى ئىھراملىق ھالەتتىمۇ ئۆلتۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان[51]. خېيىم-خەتەر ۋە ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرەپكە پاناھلىنىش ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللانماسلىق دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ.
پاناھلىق تىلەش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نوقۇل ھالدىكى خەتەردىن ئۆزىنى قوغداش پائالىيىتى بولماستىن، بەلكى بىر خىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەخلاقىدۇر. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار تەھلىكىلەرگە قارشى يۈكسەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىشلەنگەن تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمان كىشى يەنىلا مەۋجۇتلۇقنىڭ بىردىنبىر سەۋەبچىسى بولغان ياراتقۇچىسىغا پاناھلىنىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مۇئمىن كىشىنىڭ بۇ خىل مەيدانى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچقانداق ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرى ھەسەن ۋە ھۇسەيننى ئۆزى بىۋاسىتە پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئاتاڭلار مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنى پاناھلاندۇراتتى: ئاللاھنىڭ نۇقسانسىز ۋە مۇكەممەل كەلىمىلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»[52].
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇسۇلمانلارغا تەلىم بەرگەن بۇ دۇئاسىدا تىلغا ئېلىنغان «ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرى»دىن مەقسەت، ﴿ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ﴾[53] دېگەن ئايەتتىكى ﴿ۋۇجۇتقا كەل﴾ بۇيرۇقىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىلىرى (ھۆكۈم ۋە چەكسىز ئىرادىسى)نى ھېچقانداق كۈچ ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ[54]. شۇنداقلا، ئاللاھ بىرەر ئىشنى خالىمىسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ[55]. خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشقان «خۇدانىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەس» دېگەن ئىدىئوممۇ بۇ ئېتىقادنىڭ ئاددىي ئىپادىلىنىش شەكلى بولسا كېرەك. ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ۋۇجۇدقا كەل﴾ دېگەن بۇيرۇقى ئالدىدا ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى ئەرزىمەس نەرسە ئىكەن دەيدىغان قاراشلارغىمۇ كېلىپ قالماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، ھاياتنى شەكىللەندۈرگەن نەرسە ياراتقۇچىنىڭ ﴿ۋۇجۇدقا كەل﴾ دېگەن بۇيرۇقى بىلەن قويۇلغان مەۋجۇتلۇق قانۇنىيەتلىرىدۇر. يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويايلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئىنسانلارنىڭ تېببىي ئىمكانىيەتلىرى چەكلىك ئىدى. تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئاللاھقا سېغىنىپ ئاغرىق-سىلاقلاردىن پاناھ تىلەش ئارقىلىق روھىي جەھەتتە خاتىرجەملىككە ئىگە بولغان. چۈنكى، دىنىي تەلىماتلارنىڭ ئىنسان روھىيىتىگە بولغان ئىجابىي تەسىرى سەل چاغلاشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روھىي جەھەتتە كىشىلەرنى قىيناپ كېلىۋاتقان «قورقۇنچ»قا قارشى مۇئمىنلەرنى ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرىگە سېغىنىشقا چاقىرغان. قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇشنى ئېيتقان: «ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، جازاسىدىن، بەندىلەرنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ۋە ئەمەللىرىمگە شېرىك بولۇۋېلىشىدىن ئاللاھنىڭ نۇقسانسىز ۋە مۇكەممەل كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن». خۇداگۇي ۋە بىلىملىك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان بۇ دۇئانى بالىلىرى ئىچىدىن بالاغەتكە يەتكەنلىرىگە ئۆگىتەتتى ياكى بۇنى بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوياتتى[56].
دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالغانلىقى ئۈچۈن «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دەپ نام ئالغان قەھرىمان ساھابە خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەزگىل قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ياتقان چېغىڭدا ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، جازاسىدىن  بەندىلەرنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ۋە يېنىمغا كېلىشىدىن ئاللاھنىڭ نۇقسانسىز ۋە مۇكەممەل كەلىمىلىرى (ھۆكمى ۋە ئىرادىسى)گە سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېگىن!»[57] دېگەن. ئۇ بۇ دۇئانى ئوقۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ قورقۇنچتىن خالاس بولغان[58]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، خالىد بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن! ئۆگىتىپ قويغان دۇئايىڭنى تەرك قىلماي ئوقۇغانىدىم، ئوڭشىلىپ كەتتىم. ھازىر قاراڭغۇ كېچىدە شىر قەپىسىگە كىرسەممۇ قورقمايمەن»[59] دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخشىمى ياتقاندا خاتىرجەم ئۇخلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا پاناھلىنىشنى مۇئمىنلەرگە تەۋسىيە قىلغان[60]. بۇلاردىن باشقا مەلۇم ۋاقىت ۋە مەلۇم ئورۇنلاردا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغان ھەر خىل دۇئالار مەۋجۇت. ئۆيىدىن چىققاندا سىرتتا بېشىغا كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پايدىسىز ئىشلاردىن پاناھ تىلەپ مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، تېيىلىپ كېتىشىمدىن ۋە تېيىلدۇرۇلۇشۇمدىن، ئېزىپ كېتىشىمدىن ۋە ئازدۇرۇلۇشۇمدىن، نادانلىق قىلىشىمدىن ياكى ماڭا باشقىلارنىڭ نادانلىق قىلىپ قويۇشىدىن سېنىڭ بىلەن پاناھ تىلەيمەن»[61].
پەيغەمبىرىمىز سەپەر مۇشەققىتىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيتتى[62]. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ مۇبارەك لەۋلىرىدىن بۇ دۇئالار تۆكۈلەتتى: «ئى ئاللاھ! سەپەرنىڭ جاپا-مۇشەققىتىدىن، سەپەردىن يامان ھالەتتە قايتىشتىن، نېمەتلىرىمىزنىڭ (كۆپەيگەندىن كېيىن) كېمىيىشكە يۈزلىنىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسىدىن، پۇل-مال ۋە خۇتۇن-بالىلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»[63].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلسا: «بەك قېرىپ كېتىشتىن، غەم-قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[64] دەپ دۇئا قىلاتتى. ھاجەتخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن: «ئەركەك ۋە چىشى جىن-شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»[65]دەيتتى.
ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش، ياردىمىنى ئۈمىد قىلىش ۋە ئۇنىڭ چەكسىز ئىرادىسىگە سېغىنىش رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇرمۇشىغا شۇ قەدەر سېڭىپ كەتكەنكى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە ئوقۇغان دۇئالىرىدا يەنە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە سېغىنىش بار ئىدى. ساق ۋاقتىدا: «ئى ئاللاھ! ئۆلۈم ئالدىدا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن»[66] دەپ دۇئا قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا: «قىلغان ۋە قىلمىغان ئەمەللىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»[67] دېگەن دۇئانى كۆپ ئۇقۇغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرگە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، ئۇلارغا تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، (ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشنىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى بولغان) پاناھ تىلەش (ئىستىئازە)نىمۇ ئۆگىتەتتى. ھەدىسلەردىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەشنى ئۆگەتكەن دۇئالارمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خۇددى باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆزى ئۆگىنىدىغان ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۇفە شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەمەنلىك ساھابە شەكەل ئىبنى ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: «ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا بىر دۇئا ئۆگىتىپ قويسىلا» دېگەندە، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، لەۋزى قىسقا، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر بولغان تۆۋەندىكى دۇئانى يادلىۋېلىشىنى[68] ئېيتقان: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىمنىڭ يامانلىقىدىن، كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن، تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن، قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە جان يېرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»[69]. ساھابە شەكەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ دۇئانى يادلىۋېلىپ كۆپ ئوقۇغان[70]. ئۇنىڭدىن باشقا مەدىنىلىك ساھابە زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگىتىپ قويغان تۆۋەندىكى ئىستىئازە (پاناھ تىلەش) دۇئاسىنى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغىمۇ ئۆگىتىپ قويغان: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن ۋە قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! نەپسىمنى تەقۋادار قىلغىن ۋە ئۇنى پاك قىلغىن، ئۇنى پەقەت سەنلا پاك قىلىسەن، سەن ئۇنى قوغدىغۇچىسەن ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ قورقماس قەلبتىن، تويماس نەپسىدىن، پايدىسىز ئىلىمدىن ۋە ئىجابەت بولماس دۇئادىن پاناھ تىلەيمەن»[71].
بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ پالاكىتى خۇدادىن يىراقلىشىپ ئۆزلىرىنى باشپاناھسىز تاشلاپ قويغانلىقىدۇر. پۈتۈن ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە ۋە يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئىگە تۇرۇپمۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھاياتتىن زېرىكىش ھېس قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بۇ پالاكەتنىڭ روشەن ئىپادىسى. ئاللاھقا ئىشەنگەنلەرنىڭمۇ بەزىدە بۇ پالاكەتكە چۈشۈپ قېلىشى ئادەمنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. ھالبۇكى، پاناھلىنىش — ئاللاھ تائالانىڭ قەلبىمىزگە ئورۇنلاشتۇرغان بىخەتەر ھالدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش تۇيغۇسى ئىدى. چۈنكى، پاناھ تىلەش (ئىستىئازە) — غەم-ئەندىشىلىرىمىزدىن، قورقۇنچلىرىمىزدىن، ياقتۇرمىغان نەرسىلىرىمىزدىن ۋە تۈرلۈك يامانلىقلاردىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ۋە ھىمايىسىگە سېغىنىش ھەمدە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەشتۇر، شۇنداقلا ئەخلاقلىق بولۇش ۋە ئەخلاق ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتۇر. ئۇ ئاللاھ تائالانى ئەسلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا سېغىنىدىغان جۈملىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويۇش بولماستىن، بەلكى يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ھېس قىلىشتۇر. ئۇ يەنە ئۆزىمىزنى ۋە بەندىچىلىكىمىزنى ئاشكارىلايدىغان ۋاسىتە. چۈنكى، ھاياتىمىز پەقەت ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىش بىلەنلا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن بولغان رەفىيقۇل ئەئلا (ئەڭ ئۇلۇغ زات)غا پاناھلىنىشى كېرەك. بۇ پاناھلىنىش بەندىچىلىكنىڭ ئاددىي ئىپادىسى. چۈنكى، ئىنسان بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى، ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكى ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاۋۋال شەيتاندىن، ئاندىن شەيتانىي خاراكتېرگە ئىگە ھەرقانداق جانلىقنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ بىزنى قايمۇقتۇرۇپ قەلبىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش بەندىچىلىك مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاخىرىدا پەيغەمبىرىمىز تەلىم بەرگەن بۇ ئىستىئازە (پاناھ تىلەش) دۇئاسىنى تىلىمىزدىن چۈشۈرمەسلىكىمىز كېرەك: «ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەندىن سورىغان ياخشى نەرسىلەرنى بىزمۇ سورايمىز، پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەن بىلەن پاناھ تىلىگەن نەرسىلەردىن بىزمۇ پاناھ تىلەيمىز. مەدەت سەندىنلا سورىلىدۇ، قايتىش ساڭىلا بولىدۇ، ھەرقانداق چارە-تەدبىر ۋە كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت سېنىڭ خاھىشىڭ بىلەنلا بارلىققا كېلىدۇ»[72].

نەقلىي مەنبەلەر

[1] بەقەرە سۈرىسى، 2/35- ئايەت.
[2] تاھا سۈرىسى، 20/117- ئايەت.
[3] ئەئراف سۈرىسى، 7/21- ئايەت؛ تاھا سۈرىسى، 20/120- ئايەت.
[4] بەقەرە سۈرىسى، 2/36- ئايەت.
[5] ئەئراف سۈرىسى، 7/22- ئايەت.
[6] بەقەرە سۈرىسى، 2/36- ئايەت.
[7] ئەئراف سۈرىسى، 7/23- ئايەت.
[8] ھۇد سۈرىسى، 11/47- ئايەت.
[9] يۇسۇف سۈرىسى 12/23- ۋە 79- ئايەتلەر.
[10] بەقەرە سۈرىسى، 2/67- ئايەت.
[11] غافىر سۈرىسى، 40/47- ئايەت.
[12] دۇخان سۈرىسى، 44/20- ئايەت.
[13] ئال ئىمران سۈرىسى، 3/35 ― 37- ئايەتلەر.
[14] مەريەم سۈرىسى، 19/18- ئايەت.
[15] ھىجر سۈرىسى، 15/39- ئايەت.
[16] فاتىر سۈرىسى، 35/6- ئايەت.
[17] فۇسسىلەت سۈرىسى، 41/36- ئايەت.
[18] مۇئمىنۇن سۈرىسى، 23/97 ― 98- ئايەتلەر.
[19] فەلەق سۈرىسى.
[20] ناس سۈرىسى.
[21] نەسائى، كىتابۇل ئىستىئازە.
[22] بۇخارى، 2038- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات؛ بۇخارى، 7171- ھەدىس، كىتابۇل ئەھكام.
[23] مۇسلىم، 7110- ھەدىس، كىتابۇ سىفاتىل مۇنافىقىن.
[24] بۇخارى 3371- ھەدىس، كىتابۇل ئەنبىيا.
[25] نەھل سۈرىسى، 16/99- ئايەت.
[26] ئەئراف سۈرىسى، 7/199- ئايەت.
[27] ئەئراف سۈرىسى، 7/200- ئايەت.
[28] ئىبنى كەسىر تەپسىرى، 3- جىلد، 533- بەت.
[29] بۇخارى، 6048- ھەدىس، كىتابۇل ئەدەب.
[30] ئەئراف سۈرىسى، 7/16- ئايەت.
[31] نەھل سۈرىسى، 16/98- ئايەت.
[32] ئەبى داۋۇد، 1546- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى؛ نەسائى، 5473- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[33] نەسائى، 5444- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[34] بۇخارى، 6363- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات؛ نەسائى، 5488-، 5470- ۋە 5473- ھەدىسلەر، كىتابۇل ئىستىئازە.
[35] مۇسلىم، 6895- ھەدىس، كىتابۇز زىكر.
[36] مۇسلىم، 1324- ھەدىس، كىتابۇل مەساجىد؛ بۇخارى، 1377- ھەدىس، كىتابۇل جەنائىز.
[37] نەسائى، 5527- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[38] مۇسلىم، 1090- ھەدىس، كىتابۇس سالات.
[39] نەمل سۈرىسى، 27/62- ئايەت.
[40] يۇنۇس سۈرىسى، 10/22- ئايەت.
[41] نەسائى، 5495-ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە؛ ئەبى داۋۇد، 1554-ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى.
[42] بۇخارى، 6390- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات.
[43] ئەبى داۋۇد، 1544- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى.
[44] نەسائى، 5470-ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە؛ ئەبى داۋۇد، 1547- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى.
[45] بۇخارى، 6347- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات؛ نەسائى، 5493-ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[46] مۇسلىم، 6944- ھەدىس، كىتابۇر رىقاق؛ ئەبى داۋۇد، 1545- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى.
[47] نەسائى، 5456-ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[48] ئەبى داۋۇد، 1541- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى؛ تىرمىزى، 3484- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات.
[49] ئەبى داۋۇد، 1555- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى.
[50] نەسائى، 5535- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە؛ ئەبى داۋۇد، 1552- ھەدىس، كىتابۇس سالات، ۋىتر بابى.
[51] بۇخارى، 3314- ھەدىس،  كىتابۇ بەدئىل خەلق؛ مۇسلىم، 2863- ھەدىس، كىتابۇل ھەج.
[52] بۇخارى، 3371- ھەدىس، كىتابۇل ئەنبىيا؛ ئىبنى ماجە، كىتابۇت تىب.
[53] ياسىن سۈرىسى، 36/82- ئايەت.
[54] كەھف سۈرىسى، 18/27- ئايەت.
[55] نەۋادىرۇل ئۇسۇل، 1- جىلد، 61 ― 62- بەتلەر.
[56] ئەبى داۋۇد، 3893- ھەدىس، كىتابۇت تىب؛ تىرمىزى، كىتابۇد دەئەۋات؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6696- ھەدىس، 2- جىلد، 181- بەت.
[57] مۇۋەتتا، 1791- ھەدىس، كىتابۇش شەئەرى.
[58] نەسائى، ئەس سۇنەنۇل كۇبرا، 6- جىلد، 191- ھەدىس.
[59] تەبەرانى، ئەل مۇئجەمۇل ئەۋسەت، 1- جىلد، 285- بەت.
[60] تىرمىزى، 3400- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات.
[61] ئەبى داۋۇد، كىتابۇل ئەدەب، 5094- ھەدىس؛ نەسائى، 5541- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[62] مۇسلىم، 3275- ھەدىس، كىتابۇل ھەج؛ تىرمىزى، 3438- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات.
[63] مۇسلىم، 3276- ھەدىس، كىتابۇل ھەج؛ نەسائى، 5500- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[64] بۇخارى، 5425- ھەدىس، كىتابۇل ئەتئىمە؛ نەسائى، 5505- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[65] بۇخارى، 142- ھەدىس، كىتابۇل ۋۇزۇئـ؛ مۇسلىم، 831- ھەدىس، كىتابۇل ھەيز.
[66] نەسائى، 5535- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[67] نەسائى، 5526- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە؛ مۇسلىم، 6895- ھەدىس، كىتابۇز زىكر.
[68] تەبەرانى، مۇئجەمۇل كەبىر، 7- جىلد، 310- بەت.
[69] تىرمىزى، 3492- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات.
[70] نەسائى، 5446- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە.
[71] نەسائى، 5460- ھەدىس، كىتابۇل ئىستىئازە؛ مۇسلىم، 6906- ھەدىس، كىتابۇز زىكر.
[72] تىرمىزى، 3521- ھەدىس، كىتابۇد دەئەۋات.

"ھەدىسلەردە ئىسلام" ناملىق تۈركچە ھەدس شەرھىسى كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-5-27 02:52 , Processed in 0.162128 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش