تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 0

تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر


ھەر پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدا، ئۇلار ياشىغان شەرت-شارائىتلار ئۆپ چۆرىسىدە بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلىك ۋەقەلەر مەۋجۇتتۇر. بىر بۇ يەردە بىرىنچى بولۇپ ھەرزىتى ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈستىدە توختىلپ ئۆتمەكچىمىز.
ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللا تائالا تەرىپىدىن بىۋاستە يارىتىلغان ئەڭ دەسلەپكى كىشى بولۇشى سۈپىتىدە بىلەن بىزگە، ھەر جەھەتتىن ئەڭ مۇھىم ئۈلگە ھېساپلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەبەسى بولغانلىقدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە جەمئىيەتتە كۆپلىگەن ئەپسانىلەر مەۋجۇت. لېكىن بىز ئۇنىڭ ئىبرەتلىك ھاياتىنى قۇرئان ئايەتلىرى ئەتراپىدا خۇلاسىلاپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن ياراتقان. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئىدى. چۈنكى ئۇ، ئەڭ دەسلەپكى ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كائىناتتا پەرىشتە ۋە جىنلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەخلۇقات مەۋجۇت ئىدى. بەزى مەنبەلەر، يەر يۈزىدە ئىنسان يارىتىلىشتىن ئىلگىرى بىر تۈركۈم مەخلۇقلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر مەۋجۇت بولسىمۇ بۇلارنىڭ ئىشەنچلىك ئاساسلىرى يوق. بۇ ھەقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دەلىل يەنە قۇرئان ئايەتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئايەتلەردە، يۇقىرىدىكى كۆزقاراشنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق.
ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيتىگە قارشى چىقىش ئىنسان تۈرى يارىتىلغان دەسلەپكى چاغدىلا باشلانغان. ئەڭ باشتا پەرىشتەلەر يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىدىغان، قان تۆكىدىغان بىر خىل جانلىقىنىڭ يارىتىلىشىنى خالىمىغان ئىدى. كائىناتتا بارلىققا كېلىدىغان ئىنسان دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەخلۇق جىن ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. ئەقەللىسى ئىنسان، ئۇلارغا ئوخشاش مۇتلەق ئىتائەت ئۈچۈن ئەمەس، نىسپەتەن ئەركىن بىر ئىرادىگە ئىدى. ئىنسان يارتىشتا ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەر تېگى- تەكتىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن بىر مەقسىدى بار ئىدى. كەلگۈسىدە بەزى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈسىتىگە ئالالىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىتىش قىسقىسى تەربىيلەپ – يېتىلدۈرۈش كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەزى نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇئەللىمى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىدى. بۇ يەردە دىققەت قىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتىلاردىن بىرى بولسا، ئەڭ دەسلەپكى پەيغەمبەر دەسلەپكى قەدەمدە ئاللاھ تائالادىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن ھاياتقا قەدەم باسقان. ئەجەپلىنەرلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە كەلگەن دەسلەپكى ۋەھىمۇ ئۇنى ئوقۇشقا بۇيرۇش بىلەن باشلانغان ئىدى.
قۇرئاندا تىلغان ئېلىنغىدەك ئادەم ئەلەيھىسسالام جىن ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئاسماندا ياكى ھاۋا بوشلۇقىدا ياشايدىغان بىر جانلىق بولماستىن، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ئالاھىدىلىك ئېگە بىر مەخلۇق ئىدى.  ئۇنىڭ نەسلىمۇ مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئېگە ئىدى. ئىنساننىڭ يەر يۈزىدە يۈزىدە ئىزباسار بولۇشى مەسىلى، ئۇنىڭ يەر يۈزىدە ئاللاھ نامىغا ئىش قىلىدىغان مەخلۇق بولۇشى ياكى ئۆزىدىن ئىلگىرى كائىناتتا ياشاپ ئۆتكەن مەۋجۇداتنىڭ ئىز باسارى مەقسەت قىلىنمايدۇ. پەقەتلا ئۆز جىنسىدىكى ئىنسان تۈرلىرى ئىچىدە بىر-بىرىنىڭ ئىزباسار قىلىپ يارىتىلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئۆزلىرى ياشايدىغان زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇدىغان كۈچ-قۇدرەت ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن يارىتىلدى. تارىختىن بېرى ئىنسان نەسلى مۇشۇ بويىچە داۋاملىشىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ بويىچە داۋاملىشىدۇ. مەسىلە شۇنداق ئىكەن، ئىنسانلار باشلانغۇچتا باشقا بىر مەۋجۇدىيەتتىن ئۆزگىرىپ مەيدانغا كەلمىگەندەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزگىرىپ باشقا نەرسە بولۇپ قالمايدۇ.
قۇرئاندا يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان كېيىن، پەرىشە ۋە جىنلارنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. پەرىشتىلەر شەرتسىز ھالدا ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئوتتىن يارىتىلغانلىقىنى سەۋەپ كۆرسىتىپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. ئىسلام دىنىدغا ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئاللاھتىن باشقىسىغا سەجدە قىلىش چەكلىنىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغۇچى ئاللاھ تائالنىڭ ئۆزى بولغانلىقى ھەمدە بۇ سەجدىنىڭ قۇللۇق نىيىتى بىلەن ئەمەس، بىر خىل ھۆرمەت سەجدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ بۇ ئەمىرگە شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. ئىبلىسنىڭ بۇ قىلمىشى بىر ياخشى نىيەتنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، ئىلاھى بۇيرۇققا قارشى بىر ئىسيان، ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈش، تەكەببۇرلۇق ۋە ھىلىگەرلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.  ئۇ، ئۆزى يارىتىلغان ئوتنى تۇپراقتىن يۇقۇرى دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن ھەر ئىككى ماددىنى ياراتقۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەن. پىكرى ماددىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر مەنىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. ماددىنى ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىدىن ئەبەدىي مەھرۇم قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆزىنى ئەقىللىق بىر جانلىق دەپ سانىغان ئىبلىس، ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرگەن ئادەم ئەلەيھىسسامچىلىك بولالمىغان ئىدى. قىلمىشىغا تەۋبە قىلىپ، ياخشى بىر بەندى بولۇشنىڭ يولىنى تۇتماستىن،ئەكسىچە ئاللاھتىن قىيامەت كۈنىگىچە ئۆمۈر تىلىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆزىنىڭ شەيتانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە زىيان سېلىشنى، ئۇلارنى توغرا يولدىن، يەنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشنى تاللىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ، يامانلىق ۋە يامان ئىشلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. يامانلىقنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ قالدى. ھەر يىلى ھەج پائالىيەتىدە ئۇنىڭغا نەپرەت تاشلىرى ئېتىش، مۇسۇلمانلارغا بىر ۋەزىپە قىلىپ تەيىنلەندى.
ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ سىناقتىن ئۆتەلمىگەن، ھېسسىياتىغا يېڭىلگەن ئىدى. ئۇ بۇ مەغلۇبىيەت نەتىجىسىدە يۇقۇرى مەرتىۋىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇ، بۇ يەردە شەيتانغا ئەگىشىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈلگىسى شەيتان بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئادەم ئەلەيھىسسالام دەرھال خاتالىقىنى تونۇدى ۋە ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىنى سورىدى. ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ پۇشايمىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئەھۋال ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ دەسلەپكى جىنايىتى ۋە دەسلەپكى تەۋبىسى ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ئايەتلەردە ئىنسانلارنى شەيتاننىڭ توزاقلىرىغا قارشى ئاگاھلاندۇردۇ.
ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىنسان ئەۋلادىغا بىرىنچى ئۈلگە بولغان بولسا، ئىبلىس، ئۇ زاماندىن تاتىپ ئىنسان ئەۋلادىغا تىپىك بىر ئىبرەت مەنبەسى بولۇپ كەلدى. ئىنسانلار ئاتىلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىن ۋەز-نەسىھەت ئالماي، شەيتاننىڭ يولىغا ئەگىشىپ قالغان تەقدىردە ئەبەدىي خورلۇققا دۇچار بولىدىغانلىقى قۇرئان ئايەتلىرىدە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئىشنى ھېكمەت بىلەن قىلىدۇ. دېمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ دۇنيادا يالغۇز ئەمەس ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئۆز تۈرىدىن بىر ھەمراھ يارىتىپ بەرگەن ئىدى. بەلكى ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغان ئىز باسارلار بولۇشى مۇشۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇكىن ئىدى. ئەڭ دەسلەپكى ئائىلە ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاۋۋا ئانىمىزدىن تەركىپ تاپقان ئىككى كىشىلىك بىر ئائىلە ئىدى.  ئەر- ئايال ئىككىسى نازۇ-نېمەتلەر ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. لېكىن ئۇ ئىككىسى ئاللاھ تائالا ئوچۇق ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغان دۈشمىنىنىڭ شىرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قالدى. شۇ ۋەجىدىن توغرا يولدىن ئادىشىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تەرك ئەتتى. لېكىن ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاۋۋا ئانىمىز قىلغان ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى دەرھال تونۇپ يېتىپ، پۇشايمانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئاللاھتىن ئەپۇ سورىدى. شەيتانغا ئوخشاش ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالمىدى. ئەسلىد ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ كۈچ- قۇردرىتىنى كۆرۈپ تۇرغان ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە بەخىتلىك بىر تۇمۇشتا ياشايدىغان ئىبلىستەك مەرتىۋىلىك بىر مەخلۇق ئويلىيالمىغان بىر نەرسىنى ئويلاپ يېتەلىگەن ئىدى. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن دەرىجىسىنى بىر مەزگىل تۆۋەنلىتىپ، تەييارغا ھەييار بولۇشنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ، ئۆز ئەمگىكى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بۇيرۇدى. ياخشى بىلەن ياماننى، توغرا بىلەن خاتانى ۋە دوست بىلەن دۈشمەننى تونۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە ياشىسا، قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرۈدىغانلىقىنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى.
ئاللاھ تائالا باشتا بايان قىلغان ۋەدىسى بويىچە يەر يۈزىدە ئىزباسار نەسىللەر ياراتتى. يەئنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا پەرزەنتلەر ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنساندا ئىرادە ياراتتى. مۇھەببەت ۋە نەپرەتنى ھېس قىلسۇن دەپ ئاڭنى ياراتتى. ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئەتسۇن دەپ، ئەقىلنى ياراتتى. مانا مۇشۇنداق تەبئىي قۇۋۋەتلەر يېتىشمىگەندە ئاللاھ تائالا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ تۇردى.
ياخشى بىر ئائىلە ۋە ئۈلگىلىك بىر نەسىل، ئاللھنىڭ ھەزرىتى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ نەسلىدىن كۈتكەن ئۈمدى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا  ئادەم ئەلەيھىسسالا ۋە ھاۋۋا ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت بىر ئايال ۋە بىر ئەردىن بىر ئائىلە ياراتتى.
ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئىنسان تەبئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدىن، ئاجىز تەرەپلەرمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى ئوتتۇرىسىدا ئىنسانلىق تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى مەيدانغا كەلدى. ئىككى قېرىنداشتىن بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇ ئىككىسى قۇربانلىق قىلغان ئىدى. ھابىل قىلغان قۇربانلىق ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. لېكىن قابىل ئاتىغان قۇربانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى. قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغان قابىل، چىدىماسلىق، قىزغانجۇقلۇق ۋە ھەستخورلۇق ھېسسىياتىغا يېڭىلىپ قالغان ئىدى. بۇ ھادىسىمۇ بىزگە تاكى ئىنسانلىق تارىخىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئىبرەتلىك بىر مىسال بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بۇ ھادىسە ئۆزىنىڭ ئازغۇنلۇقىنى ئۆزىدىن كۆرمەي ئاللاھتىن كۆرگەن شەيتاننىڭ مەككارلىقىغا ئوخشايىتتى. چۈنكى قۇرباننى قوبۇل قىلمىغان ھابىل ئەمەس ئاللاھ ئىدى. لېكىن قابىل باھانىسىنى باشقا يەردە ئىزدىمەكتە ئىدى.
قۇرئان كېرىمدە خېلى ئەتراپلىق ھالدا بايان قىلىنغان ئادەم ئەلەيھىسسالام قىسسى، بىزگە دۇنيادا ئاپىردە قىلىنغا دەسلەپكى ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئىنسان تۈرىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان بىر جانلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ. سەھۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق كېيىن تەۋبە قىلغاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئەپە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ خاتالىقا چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ زىىينى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى باشقىلارغا دۆڭگەپ ئوشۇقلۇق قىلىشنىڭ دىندا ئىبرەت ئېلىش تېگىشلىك يامان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىنسانلاغا تەلىم بېرىدۇ.

دوكتور نۇرئەھمەد قۇرباننىڭ "پەيغەمبەرلەر ئىزىدىن" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-5-27 03:38 , Processed in 0.116147 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش