تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 831|ئىنكاس: 0

قۇرئان تەپسىرى ۋە زامانىمىزدىكى تەپسىر پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
قۇرئان تەپسىرى ۋە زامانىمىزدىكى تەپسىر پائالىيەتلىرى

دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان

كىرىش سۆز

ئىسلام ئەقىدىسىدە ھاياتلىق بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھاياتتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنساننى يوقلۇقتىن بار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىككى ئالەملىك ھاياتلىق ئاتا قىلغان. دۇنيا ھاياتى ئەبەدىي ئالەمنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ھاياتىدا ئىنسانلارنىڭ ئەبەدىي خۇشاللىقنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كېرەك بولغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر تەق قىلىنغان. ئاللاھتائالا ئىنسانلارنىڭ توغرا يولدىن ئاداشماسلىقى ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخى باسقۇچتا، نۇرغۇن يولباشچى ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. بۇ ئەلچىلەر ئىنسانلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا  يېتەكلەپ، يامان ئىشلاردىن توسقان. ئۇلار بۇ جەرياندا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش يولىدا ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئۈلگە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك (ئەلچىلىك) ۋەزىپىسىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان بىلەن تاماملىغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلەر ۋە ساھابىلەردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئىسلام ئەھلى ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشقان ۋە بۇ كىتابنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغان. بۇ ۋەزىپە پەقەت ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. قۇرئاننىڭ يوليورۇقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشۇش يولىدا تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. ئىشىنىمىزكى بۇ ھەقتىكى  تىرىشچانلىقلار تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى  ھاياتلىق باشلانغان كۈندىن باشلاپ قىيامەت كۈنىگىچە دۇنياغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق نىزامى قۇرئان كەرىمگە مۇجەسسەملەنگەن. دېمەك، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى  بۇ كىتابقا ماسلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ قۇرئانى كەرىمنى چۈشىنىشكە بولغان ئېھتىياجى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارماقتا. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە تەرجىمە ۋە تەپسىر پائالىيەتلىرى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلماقتا. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ، قۇرئان تەرجىمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە قۇرئان تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى كۆز قاراشلار ئۆتمۈشتىكىدىن پەرقلىق ھالدا يېڭى ئېقىملارنى شەكىللەندۈرمەكتە. تىلنىڭ قۇرۇلمىسى، تەپسىرچىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى، ياشىغان دەۋرىنىڭ شەرت-شارائىتى ۋە تەپسىرچىنىڭ ياقىلىغان مېتودى بۇ ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ خىل ئوخشىماسلىقلارغا قارىمۇ قارشىلىق نۇقتىسىدىن ئەمەس  بەلكى مەنىۋى بايلىق نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە بىر قاتار ئىجابىي نەتىجىلەرنى روياپقا چىقارغان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم پىكىر ئېقىملىرى قۇرئاننىڭ ئىلاھى كىتاب ئىكەنلىكىگە شەك چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپلىرىنى ئېتىبارسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىسلام چەمبىرى ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئىجتىھاد خاتالىقى بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى يامان غەرەزنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرماقتا.
جەمئىيىتىمىزدە بىلىم سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكلىكى ياكى تەتقىقات مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكى ۋە ياكى قاراشلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار قۇرئاننى "مۇھەممەدنىڭ سۆزى" دەپ ئىسپاتلاشقا كۈچىگەن. بۇنىڭ ئاساسسىز بىر سەپسەتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئاشكارا ھەقىقەتتۇر.  دەرۋەقە بىر ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ۋە شۇ تەتقىقاتىدا توغرا  نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ھەر بىر تەتقىقاتچى ئالدى بىلەن كونا كۆز قاراشلىرىدىن ئازاد بولۇشى، ئاندىن ئۇچۇق زېھنى بىلەن، مەزكۇر ساھەنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى ۋە تەتقىقات پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئۇسۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات ئادىل بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىلىمغا ئۆز ئۇسۇلى ۋە مەنبەسى دائىرىسىدە باھا بېرىلىشى كېرەك.

1. تەپسىر تېرىمىنىڭ مەنىسى ھەققىدە بىر ئىككى كەلىمە

تەپسىر كەلىمىسى ئەسلى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «ئۈستى يېپىق بىر نەرسىنى ئېچىش ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىش» دېگەنلىك بولىدۇ.[1] بەزى ھاللاردا «بايان قىلىش ۋە ئىزاھلاش» دېگەن  مەنىدە كېلىپ، «بىر سۆزنىڭ تەپسىلاتى ۋە يېشىمى» دېگەن  مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى تەپسىر كەلىمىسىنىڭ تېرىم مەنىسى ھەققىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان خىلمۇ-خىل ئېنىقلىمىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلارنى خۇلاسىلەپ ئېيتقان ۋاقتىمىزدا تەپسىر ئاتالغۇسىنى قىسقىچە «ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابى قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كىتابتىن ھېكمەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بىر ئىلىم» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن تەپسىر تېرىمىنى، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشنى تېما قىلغان پۈتۈن پائالىيەتلەرگە قوللىنىشقا بولىدۇ.[2]
تەپسىر تارىخىدا، تەپسىر بىلەن ئوخشاش قوللىنىلغان يەنە بىر ئۇقۇم «تەۋىل» كەلىمىسى بولۇپ، ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسمى تەۋىل ئۇقۇمىنى تەپسىر ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاش مەنىدە دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. تەپسىر تارىخىنىڭ تۇنجى مەزگىللىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، تەپسىر ۋە تەۋىلنىڭ بىرى-بىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، شۇ زاماننىڭ ئۆلىمالىرىدىن بىرى تەۋىل كەلىمىسىنى، كالامنى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش ياكى كالامدا دېمەكچى بولغان مەقسىتىنىڭ ئۆز ئەينىسى، دەپ قارىغان. كېيىنكى ئەۋلاد فىقھىشۇناسلار، كالامچىلار، ھەدىسشۇناسلار ۋە تەسەۋۋۇپ ئالىملىرى بۇ كەلىمىنى «بىر دەلىلگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، سۆزنىڭ ئەسلى ئوچۇق مەنىسىدىن چىقىپ كېتىپ ئىپادىلەش مۇمكىن بولغان، ئېھتىمالىي مەنىلىرىدىن بىرىنى تاللاش» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ سۆزلەر كېيىنكى چاغلاردا، فىقىھ، كالام، تەسەۋۋۇپ ۋە ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن بۇرۇنقىدىن پەرقلىق مەنىلەردە قوللىنىلغان. بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدىكى پەرقلەرنى يىغىنچاقلىساق، تەپسىر ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى تەۋىل كەلىمىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭرەك دېيىشكە بولىدۇ. تەپسىردە، ئايەت ۋە ھەدىسلەر سايىسىدە كەسكىن بىر نەتىجە ئوتتۇرىغا قويۇلسا، تەۋىلدە ئېھتىماللىقى بولغان مەنىلەردىن بىرى ۋە مۇئەللىپنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى كۆزقارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.[3]
تەپسىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئەھۋالىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشتىن ئىلگىرى، تەپسىر ئىلمى ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەرەققىيات باسقۇچى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىرئاز توختىلىپ ئۆتىمىز.

2- تەپسىر  ئېقىملىرى

قۇرئاننىڭ بىر قېتىمدىلا نازىل بولماستىن، توپتوغرا يىگىرمە ئۈچ يىلدا، ئايەت - ئايەت، سۈرە –سۈرىدىن  بىر - بىرلەپ نازىل بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. نازىل قىلىنغان ھەر بىر ئايەت  ۋەھىي كاتىپلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ تۇرغان ھەمدە  بۇنى  ساھابىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يادقا ئېلىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نازىل بولغان ھەربىر ئايەتنى جامائەتكە تەبلىغ قىلىپ بەرگەن ھەمدە ئۇنى ساھابىلەرنىڭ ئېسىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەر نامازدا ئۈنلۈك ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بەزى مەزمۇنلارنى ساھابىلەرگە ئىزاھلاپ ئۆتكەن. ساھابىلەر ئېنىق چۈشىنەلمىگەن ۋە تۇرمۇشتا تېخى ئۇچراتمىغان مەسىلىلەرنى پەيغەمبىرىمىزدىن سوراپ ئۇنىڭدىن قانائەتلىنەرلىك  جاۋابقا ئېرىشكەن. دېمەك، ئۇ زاماندا ساھابىلەر يۇقىرىقى سەۋەبتىن ئايرىم تەپسىر يېزىپ قالدۇرمىسىمۇ بولاتتى. چۈنكى ئۇلار چۈشىنەلمىگەن ھەرقانداق بىر مەسىلىنى قۇرئاننىڭ ئەڭ ياخشى تەپسىرچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە، دەل ۋاقتىدا سوراپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تۈردىكى ئېنىقلىمىلىرىنى، ئاساسەن ھەدىس مەنبەلىرىنىڭ «كىتابۇتتەپسىر» بابلىرىدا ئۇچرىتىمىز. بۇنى قۇرئان تەپسىرى تەرەققىيات تارىخىدىكى تۇنجى باشلىنىش دەپ قاراش مۇمكىن. بۇ يەردە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، قۇرئان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دوستلىرىغا يازدۇرغان ياكى ئۆزى ئىجاد قىلغان كىتاب ئەمەس. قۇرئان، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۆزى. ئۇ ھەرخىل ۋاسىتە  ۋە يوللار ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ زاماننىڭ ئۆزىدىلا يازدۇرغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يادلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىزاھلىغان رىۋايەتلەرنى رەتلەپ، توپلاش ئىشلىرى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ دەۋردە تەپسىرگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ئىشەنچلىك دەلىلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلۇنىشى كېرەك ئىدى. [4]  ساھابىلەر دەۋرىدە ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى زامانىدىكى قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان تېرە، تاختا ۋە سۆڭەك پارچىلىرىنى رەتلەپ چىقىش ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا ئىشلەنگەن ئىدى. توپلانغان بۇ نۇسخا كېيىن «ئىمام نۇسخا» نامىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە ھەزرىتى ئوسمان زامانىغا كەلگەندە كۆپەيتىلىپ، ھەرقايسى رايونلارغا ئەۋەتىلگەن.[5]  تۆت چوڭ خەلىپە زامانىدا، ئىسلام جۇغراپىيەسى تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن ھەمدە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن كىشى ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەر بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر دۈچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەرخىللىشىشى، ئۇلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، ھەمدە بۇ جەھەتتە قۇرئاننىڭ دانا پىكىرلىرىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، تەپسىر ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن يەنە بىر ئامىل، دەپ قارالماقتا.[6] بىر قىسىم ساھابىلەرنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ئىزاھات ۋە ئېنىقلىمىلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى قولىدىكى قۇرئان تېكىستلىرىنىڭ يېنىغا خاتىرىلەپ قويغانلىقى بايقالغان بولۇپ، بۇمۇ بىرخىل تەپسىر دەپ قارالماقتا. لېكىن بۇخىل ئەھۋالنىڭ قۇرئاننىڭ ئېتىبارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن ھەزرىتى ئۆمەر قۇرئان نۇسخىلىرىنىڭ ئۈستىگە بۇ شەكىلدە ئېنىقلىما ۋە تەپسىرنىڭ يېزىلىشىغا قارشى پىكىردە بولغان.[7]
بۇ دەۋردە يۇقىرىقىدەك ئىشلاردىن باشقا، تەپسىر پائالىيەتلىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىدەك كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان. تەپسىرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولغان بۇ دەۋردە، ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىش (چۈشۈرۈلۈش)  سەۋەبلىرى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ساھابىلەرنىڭ بۇ توغرىدا ئېلىپ بارغان ئىجتىھاد ۋە ئېنىقلىمىلىرى مۇھىم قىممەتكە ئىگە.[8]
ھەزرىتى ئوسمان زامانىدا ساھابىلەرنىڭ سەركىسى دەپ سانالغان بىر قىسىم ساھابىلەر، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن فەتىھ قىلىنغان (بويسۇندۇرۇلغان) زېمىنلارغا كۆچكەن. ئۇلاردىن بەزىلىرى ۋالىي، بەزىلىرى قازى، بەزىلىرى مۇئەللىم ۋە باشقا ھەرخىل خىزمەتلەر بىلەن ئوخشىمىغان رايونلارغا كەتكەن. ئۇلار بارغانلا يېرىدە، ئۆزلىرى بىلگەن دائىرىدە قۇرئاننى تەپسىر قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى بىر مەزگىلدىن كېيىن مەيدانغا چىققان مەزھەپ ھەرىكەتلىرىدە چوڭ رول ئوينىغان. [9]
ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ساھابىلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان سۆھبەتلىرى ئوخشىمىغىنىدەك، قۇرئاننى چۈشىنىش سەۋىيەلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى.[10] ئۇلارنىڭ ئەقلىي مۇھاكىمە قابىلىيىتىدە پەرقلەر مەۋجۇت بولغىنىغا ئوخشاش، ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىغا بولغان چۈشەنچىسى، تارىخىي مەلۇماتىدىمۇ مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قۇرئان ھەققىدە ئىگە بولغان بىلىملىرىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى.[11] مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پەرقلىق مېتودلاردىن تۇغۇلغان ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنسانلار دۇچ كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب تاپقۇدەك يېگانە مەنبە قۇرئاندىن باشقا بىر ئىلاھىي ئاساس يوق ئىدى. سوئاللارنى پەقەت قۇرئان تېكىستى ۋە ئېنىقلىمىلىرىغا تايىنىپ جاۋابلاشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ئەھۋال تەپسىردە پەرقلىق ئېقىملارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە چوڭ تۆھپە قوشقان.
ساھابىلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن «تابىئۇن» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ھەرقايسى شەھەرلەردە ئوخشىمىغان تەپسىر ئېقىملىرى ناھايىتى تېز ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. پىكىرىي جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلارمۇ بىر قەدەر كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردە، بۇ ھەقتىكى ئىجابىي تەرەققىياتلاردىن باشقا، يەنە  قۇرئاننىڭ مەقسىتىگە زىت بولغان بەزى كۆز-قاراش ۋە پىكىرلەرمۇ  تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشكە باشلىغان.[12] شۇ سەۋەبتىن، قۇرئاننىڭ قايىل قىلارلىق  ۋە توغرا شەكىلدىكى تەپسىرىگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىپ بارغان. تابىئۇن ئالىملىرى بۇ ھەقتىكى بەزى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان. ئۇلار قۇرئاننى تەپسىر قىلغان چاغلىرىدا، ساھابىلەردىن ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزلىرى ئىجتىھاد ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان. ئايەتلەر نازىل بولغان دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئىشەنچلىك رىۋايەتلەر ۋە باشقا بىلىم ساھەلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قۇرئان تەپسىرى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن. ساھابە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى، ئىسلام جۇغراپىيەسىدە تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان بەزى تەپسىر ئېقىملىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا مەككە تەپسىر ئېقىمى، مەدىنە تەپسىر ئېقىمى ۋە ئىراق تەپسىر ئېقىمى قاتارلىقلارنى ئۇچرىتىمىز.[13]
مەدىنىدە ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلىنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان ساھابىلەر بار ئىدى. بۇ يەردىكى دەرس سورۇنلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ باشقا ساھەدىكىگە ئوخشاش قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ساھەسىدىمۇ ئۆزگىچە بىر ئېقىم شەكىللەنگەن. بۇ يەردە شەكىللەنگەن ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ بېشىدا ئۇبەي ئىبنى كەئىب بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر تالىپلىرىدىن ئەبۇل ئالىيە ئەر-رىياھى (90/708)، مۇھەممەد ئىبنى كەئب ئەل-قۇرەزى (118/736) ۋە زەيد ئىبنى ئەسلەم (136/753)  قاتارلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر مەدىنە ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئېقىملاردىن يەنە بىرى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئىراق ئېقىمىدۇر. بۇ رايونغا نۇرغۇن ساھابىلەر كەلگەن. ئىراقلىقلار ئۇلاردىن ئىسلامىي ئىلىملەرنى، خۇسۇسەن تەپسىر ئىلمىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، بۇ ئېقىمنىڭ تۇنجى ئۇستازلىق نېسىۋىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدقا بېرىلگەن. ھەزرىتى ئۆمەر، ئەممار ئىبنى ياسىرنى كۇفەگە ۋالىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنى مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسۇدنىڭ كۇفەدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىشى ئىراق ئېقىمىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. تەپسىر ساھەسىدىكى ئىناۋەتلىك ئالىملارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئېقىمدا يېتىشىپ چىققان.[14]
مەككە ئېقىمىغا كەلسەك، بۇ ئېقىمنىڭ ئۇستازى، تەپسىر ئىلمىدىكى قابىلىيىتى ۋە بىلىمى بىلەن شۆھرەت تاپقان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستۇر. ئىبنى ئابباسنىڭ ئەرەب تىلى، ئەرەب تىلى ئەدەبىياتى ۋە ئەرەب جاھىلىيە ئۆرپ-ئادەتلىرى ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغاندىن باشقا، ئىجتىھادى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق، تەپسىر پائالىيەتلىرىگە مۇھىم تۆھپىلەر قوشقان.[15] ئۇنىڭ تالىپلىرىدىن سەئىد ئىبنى جۈبەير (95/714)، مۇجاھىد ئىبنى ئىبنى جەبر (103/721)، ئىكرىمە (105/723) ۋە تاۋۇس ئىبنى كەيسان (107/724) قاتارلىقلار تەپسىر ئىلمىدە ئالاھىدە شۆھرەت قازانغان.  ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان مەككە ئېقىمىغا ئىبنى تەيمىيە «تابىئۇن ئىچىدە تەپسىردە ئەڭ بىلىملىك كىشىلەر- مەككە ئېقىمىنىڭ ئالىملىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار ئىبنى ئابباسنىڭ تالىپلىرى ئىدى» دەپ باھا بەرگەن.[16]
كېيىنكى مەزگىللەردە، يېڭى ئەۋلاد تەپسىرچىلەر، ئەجدادلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىغا، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراش  ۋە ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى قوشۇپ، تەپسىر ئىلىم ساھەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. بۇ ئۇسۇلدا قۇرئاننى تەتقىقات تېمىسى قىلغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ دەۋردىكى مۇھىم ئالىملاردىن ئەلى ئىبنى ئەبى تەلھە، يەھيا ئىبنى زىياد ئەل-فەررا ۋە مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

3. تەپسىر مېتودى ۋە قۇرئان ئىلىملىرى

قۇرئان كەرىم بىر ئىلاھىي كىتاب بولغانلىقتىن، ئۇ ھەقتە خالىغانچە پىكىر بايان قىلىش توغرا ئەمەس. تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئالىملىرى بۇ كىتابنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا باش قاتۇرغان ۋە بەزى ئۇسۇل- چارىلەرنى تېپىپ چىققان. بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرگە قارايدىغان  بولساق، بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئىپادىسى «ئۇلۇمۇل قۇرئان» بولۇپ، بىز بۇ ئىلىمنى «تەپسىر مېتودى»، «تەپسىر ئىلىملىرى» ۋە «قۇرئان ئىلىملىرى» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئىپادىلەيمىز.
بۇرۇنقى ئالىملار قۇرئاننى ئىزاھلاشنى مەقسەت قىلغان تېمىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئۇلۇمۇل قۇرئان» دەپ ئاتىغان. كېيىنكى دەۋردە شاھ ۋەلىييۇللاھ ئەددېھلەۋىنىڭ (1176/1762) «ئەل فەۋزۇل كەبىيىر فى ئۇسۇلىتتەپسىر» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ئۇسۇلۇتتەپسىر» دېگەن بۇ ئاتالغۇ قۇرئان بىلىملىرى ساھەسىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ھازىرقى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئەرەب تەتقىقاتچىلىرى «ئۇسۇلۇتتەپسىر» (تەپسىر مېتودى) ئىبارىسىنى مەزمۇن جەھەتتە «ئۇلۇمۇل قۇرئان» (قۇرئان ئىلىملىرى)غا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قوللانماقتا. مەزمۇن جەھەتتە كۆرۈلگەن بۇ پەرق، «ئۇلۇمۇل قۇرئان» ئىبارىسىنىڭ «ئۇسۇلۇتتەپسىر (تەپسىر مېتودى)»  بىلەن مەنىداش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
«تەپسىر مېتودى» خۇسۇسىيلىققا ئىگە بولۇپ، «ئۇلۇمۇل قۇرئان» ئاتالغۇسى ئومۇمىيلىققا ئىگە . چۈنكى «ئۇلۇمۇل قۇرئان» قۇرئان ۋە تەپسىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن بىلىم تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تەپسىر مېتودى» ئاتالغۇسى تەپسىرگە مۇناسىۋەتلىك قورال، قائىدە ۋە ئىزاھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەپسىر مەسىلىلىرى، تۈرلىرى، شەرتلىرى ۋە قوراللىرى، شۇنداقلا تەرجىمىگە ئوخشاش تەپسىر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك تېمىلار، تەپسىر ئۇسۇلىدىكى مەزمۇنلاردۇر. قۇرئان ئىلىملىرى بولسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كەڭ مەزمۇنغا ئىگە.[17]
دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئالىملار ئەسەر يېزىشقا باشلىغان. مەسىلەن، «ئەسبابۇن نۇزۇل»  (بەزى ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەپلىرىنى بايان قىلىدىغان ئىلىم) ھەققىدە ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازى ئەلى ئىبنى ئەل مەدىنىي (234/843)؛ قۇرئان قىرائىتى ھەققىدە ھەسەن ئەل بەسرى (110/728)؛ «غەرىيبۇل-قۇرئان» ۋە «فەزائىلۇل قۇرئان» ھەققىدە ئەبۇ-ئۇبەيدە (209/824)؛ «ئەنناسىخ ۋەل مەنسۇخ» ھەققىدە ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام (230/839)؛ «مۇشكىلۇل قۇرئان» ۋە «مەجازۇل قۇرئان» ھەققىدە ئابدۇللاھ ئىبنى قۇتەيبە (276/889)؛ «ئىجازۇل-قۇرئان» ھەققىدە مۇھەممەد ئىبنى يەزىد ئەل ۋاسىتى (306/918)؛ «ئىرابۇل-قۇرئان» ھەققىدە مۇھەممەد ئىبنى سەيد ئەل خۇفى (340/951)؛ «ئەمسالۇل قۇرئان» ھەققىدە ئەبۇل ھەسەن ئەل ماۋەردى (450/1058)؛ «ئەقسامۇل قۇرئان» ھەققىدە ئىبنى قەييۇم (751/1350) ۋە «جەدەلۇل قۇرئان» ھەققىدە نەجمۇددىن ئەتتۇفى (716/1316) قاتارلىق كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئەسەر يازغان.[18] قۇرئان ئىلىملىرى ساھەسىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ ئەتراپلىق ۋە ئەڭ پايدىلىق ئەسەر، بۇرھانۇددىن ئەز-زەركەشىنىڭ (794/1392) «ئەل بۇرھان فى ئۇلۇمىل قۇرئان» ناملىق ئەسىرى ۋە سۇيۇتىنىڭ «ئەل ئىتقان فى ئۇلۇمىل قۇرئان» ناملىق ئەسىرىدۇر. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ تېمىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەر يېزىلغان.

4. تەپسىردە رىۋايەت ۋە دىرايەت مېتودى

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر، ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، ئىشلىتىلگەن تەپسىر ماتېرىيالى نۇقتىسىدىن ئادەتتە «رىۋايەت تەپسىرى» ۋە «دىرايەت تەپسىرى»[19] دەپ، ئىككى ئانا تېما ئاستىغا يىغىنچاقلىنىدۇ. بۇ يەردە ئاۋۋال تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز رىۋايەت تەپسىر ئۇسۇلىدۇر.

4-1- تەپسىردە رىۋايەت مېتودى
رىۋايەت تەپسىرىگە، «مەئسۇر» ياكى «نەقلىي» تەپسىرمۇ دېيىلىدۇ . يەنى- ئايەتلەرنىڭ، قۇرئان ئايەتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر. بۇ خىلدىكى تەپسىر دەسلەپتە رىۋايەت بىلەن باشلانغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلارغا، ئۇلاردىن تابىئىنلارغا يەتكۈزۈلگەن. پەقەت رىۋايەت تەپسىرىدە ھەزرىتى پەيغەمبەردىن باشلىنىپ، ساھابىلارغا ھەتتا تابىئىلارغىچە سوزۇلغان رىۋايەت زەنجىرى ئىچىدە بەزى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپلۈكى، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان مەنبەلىرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ۋە رىۋايەت زەنجىرىدىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ قىسقارتىۋېتىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بۇ تەپسىر تۈرىنىڭ نۇقسانلىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خىلدىكى تەپسىر مەنبەلىرى سۈپىتىدە ئىبنى جەرىر ئەت- تەبەرىي (310/922) نىڭ «جامىئۇل-بايان ئەن تەپسىيرىل قۇرئان»؛ ئەبۇل لەيس ئەس سەمەرقەندىي (373/898) نىڭ «بەھرۇل ئۇلۇم»؛ ئەل ۋاھىدىي (468/1075) نىڭ «ئەل ۋەجىز فى تەفسىيرىل قۇرئانىل ئەزىز»؛ ئەل بەغەۋىي (516/1122) نىڭ «مەئالىمۇتتەنزىل»؛ ئىبنى ئەتىييە (546/1151) نىڭ «ئەل مۇھەررەرۇل ۋەجىيز فى تەپسىرى كىتابىل ئەزىز»؛ ئىبنى كەسىر (774/1372) نىڭ «تەپسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم»؛ جەلالۇددىن ئەس سۇيۇتى (911/1505) نىڭ «ئەد-دۇررۇل مەنسۇر فىتتەفسىر بىل مەئسۇر»؛ جامالۇددىن قاسىمىي (1332/19147) نىڭ «مەھاسىنۇت تەۋىل» غا ئوخشاش ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ساناپ چىقىش مۇمكىن.

4-2- تەپسىردە قابىلىيەت مېتودى
بۇ خىلدىكى تەپسىرلەردە تەپسىرچى پەقەت رىۋايەتلەر بىلەنلا قانائەت قىلماي، تىل-ئەدەبىيات، دىن ۋە ھەر تۈرلۈك بىلىملەرگە تايىنىپ ئېلىپ بارغان ئىجتىھادى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن تەپسىرلەردۇر.  بۇ تۈر تەپسىرىنىڭ  قوبۇل قىلىنىپ، قىلىنماسلىقى توغرىسىدا دەسلەپتە تالاش- تارتىشلار بولغان، ئۇنى بەزى ئالىملار توغرا دەپ قارىسا، يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار ئىشلەتكەن ماتېرياللىرى جەھەتتىن توغرا، دەپ قارىغان. تىز سۈرئەتتە كېڭىيىپ بارغان ئىسلام جۇغراپىيەسىدە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلارغا ۋە غەيرى ئەرەبلەرگە سىستېمىلىق ھالدا ئەرەب تىلىنى، شۇنداقلا قۇرئاننى ئۆگىتىش ئېھتىياجى دىرايەت تەپسىر ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئېقىمدىكى تەپسىرمۇ تەرەققىي قىلغان ئىلىم-پەن، پىكىر ۋە ئوتتۇرىغا چىققان مەزھەپلەرگە قاراپ  ھەرخىل تارماقلارغا ئايرىلغان. ئىشارىي تەپسىر، ئىجتىمائىي تەپسىر، ئەدەبىي تەپسىر، ئەھكام تەپسىرى، پەلسەپىۋىي تەپسىر ۋە ئىلمىي تەپسىر دېگەندك تەپسىر تۈرلىرىنى  دىرايەت تەپسىرى كاتېگورىيىسىدە مۇلاھىزە قىلىشقا بولىدۇ.
ئىمام ماتۇرىدىينىڭ (333/994) «تەئۋىلاتۇل قۇرئان»؛ نەسەفىي (537/1142) نىڭ «مەدارىكۇت تەنزىيل ۋە ھەقائىقۇتتەئۋىيل»؛ زەمەخشەرىي (538/114) نىڭ ئەل-كەششاف ئەن ھەقائىقىت تەنزىل ۋە ئۇيۇنىل ئەقاۋىيل فى ۋۇجىھىت تەئۋىل»؛ ئىبنى ئەتىييە ئەل ئەندەلۇسىي (541/1147) نىڭ «ئەل مۇھەررەرۇل ۋەجىز فى تەپسىرى-كىتابىل ئەزىز»؛ فەخرۇددىن ئەر رازىي (606/1209) نىڭ «مەفاتىيھۇل غەيب» ئەل-قۇرتۇبىي (671/1272) نىڭ «ئەل جامىئ لىئەھكامىل قۇرئان»؛ قازى ئەل بەيداۋىي (685/1288) نىڭ «ئەنۋارۇت تەنزىل ۋە ئەسرارۇت تەئۋىيل»؛ رەشىد رىزا (1354/1935) نىڭ «تەپسىرۇل مەنار»؛ سەييىد قۇتۇب (1906/1967) نىڭ «فى زىلالىل قۇرئان» غا ئوخشاش تەپسىرلەر بۇلارنىڭ بىرقىسمىدۇر.

5. زامانىمىزدىكى تەپسىر پائالىيەتلىرى

ئون توققۇزىنچى ئەسىردىن باشلاپ، غەرب دۆلەتلىرىدە ۋە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان مۇستەملىكە رايونلاردا بىر ئېقىم سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان مودېرنىزملىق دۇنيا قارىشىنىڭ تەسىرى، باشقا ئىلىم ساھەسىگە ئوخشاشلا تەپسىر ئىلمىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتمۈشنى تىرىلدۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ ۋەياكى بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىچە بىر يول تۇتۇش كېرەكمۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر، بىلىم ئىنسانلىرى ئوتتۇرىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ جەھەتتە ھەر ئېقىمنىڭ قۇرئاندىن چىقارغان ھۆكۈملىرىدە پەرقلەر مەۋجۇت ئىدى. چۈنكى ھەممە ئېقىمنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىقات مېتودى بار ئىدى. مانا بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار، تارىخىدا تېخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان پىكىرىي زىددىيەتلەر بىلەن داۋالغۇشقا باشلىدى.  ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ غايىسى، ئىلىم مەنبەلىرى ۋە تەلىم- تەربىيە مېتۇدى تىز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشكە باشلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم تارىخىدا يېڭىچە بىر سەھىپە ھېسابلىنىدىغان بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغاندەك تۇرىدۇ. بىز بۇ يەردە مەسىلىنى، ماقالىمىزدە باش تېما قىلىپ تاللىغان دائىرىگە يەنى، قۇرئان تەپسىرى ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىمىز. بىرىنچى قىلىپ تەپسىر مېتودولوگىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

5-1- زامانىمىزدىكى قۇرئان مېتودولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك قۇرئان كەرىم، تارىختىن بۇيان مەيلى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان بولمىغان ئەللەر تەرىپىدىن بولسۇن ئەھمىيەتلىك بىر كىتاب، دەپ قارىلىپ كەلگەن ۋە مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى بولغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان باشقا ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچبىرىگە نېسىپ بولمىغان بىر ئىلم تېمىسىغا ئايلانغان.[20] ئۇنىڭغا قارىتىلغان بۇ كۈچلۈك قىزىقىش نەتىجىسىدە، قۇرئاننىڭ بەزى تېمىلىرى ھەققىدە ئايرىم ئىلىم تارماقلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. بەزى تېمىلار ھەققىدە نەچچە ئونلىغان ئەسەرلەر يېزىلغان. ئىسلام تارىخىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلانغان بۇ خىزمەتلەر بەزى زامانلاردا تىز، بەزىدە ئاستا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھېلىغىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.[21] قۇرئانغا بولغان بۇ كۈچلۈك يۆنىلىش نەتىجىسىدە، ئۇلۇمۇل قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئاساسى مەنبە بولۇشقا لايىق نۇرغۇن ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. سۇيۇتى (910/1504) ئۆز دەۋرىدە قەلەمگە ئالغان «ئەل ئىتقان» ناملىق ئەسىرىدە قۇرئان ئىلىملىرىگە دائىر 80  ئايرىم تېمىدا توختالغان بولسا، 20-ئەسىردە قۇرئان ئىلىملىرى ساھەسىدە ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان «مەناھىلۇل ئىرفان»  ناملىق ئەسەردە پەقەت ئون ئالتە تېما تەتقىق قىلىنغان. پەقەت شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلەردە «ئەل ئىتقان» دىكىگە ئوخشاش كەڭ دائىرىلىك بولمىسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان ۋە يازغۇچى مۇھىم دەپ قارىغان تېمىلار ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا چىققان.
قۇرئان ئىلىملىرى ساھەسىدە 20-ئەسىردە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى، غەربلىكلەر قىزىقىۋاتقان قۇرئاننىڭ مەنبەسى، قۇرئاننىڭ جەملىنىشى، يەتتە ھەرپ مەسىلىسى، سۈرىلەرنىڭ بېشىدىكى ئۈزۈك ھەرپلەر مەسىلىسى ۋە ھازىرقى ۋەزىيەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغان قۇرئان مۆجىزىلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئاساسى تېما قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن. زامانىمىزدىكى قۇرئان ئىلىملىرى خىزمىتىنىڭ يەنە  بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا ئۆتمۈشتە بىر كىتابنىڭ ئىچىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈپ كېتىلگەن بەزى تېمىلارنى مۇستەقىل تېما قىلىپ ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇرۇنقى دەۋرلەردە، قۇرئان ئىلىملىرى ھەققىدىكى خىزمەتلەردە بىر كىچىك تېما سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ھەقتە مۇستەقىل ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزىلغانلىقىنى  كۈرۈۋالالايمىز.[22]
بۇ دەۋردىكى مېتودولوگىيەلىك پائالىيەتلەر دائىرىسىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە، قەدىمكى مېتودلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى مەسىلىلەرگە چارە تېپىش كۈچىنىڭ قالمىغانلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە «مەۋجۇتقا دائىر تەھلىل، مۇستەھكەملەش ۋە تەنقىدتىن ئىبارەت بولۇپ، بولۇشى زۆرۈر بولغانغا دائىر چارە ئوتتۇرىغا قويماسلىق» جەھەتتىن يېتەرسىزدۇر.[23]

5-2- زامانىمىزدىكى تەپسىر پائالىيەتلىرى
قۇرئان ۋە تەپسىر تەتقىقاتىنىڭ ئىسلاھات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن بۇيانقى ئىككى يۈز يىل مابەينىدىكى ئەسەرلەر ئاساسلىقى، ھىندىستان  يېرىم ئارىلى بىلەن مىسىردا ئوتتۇرىغا چىققان. ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى قۇرئان ۋە تەپسىر خىزمەتلىرىدە، تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالىدىغان ئىسىملارنىڭ بىرى سەييىد ئەھمەدخاندۇر. ئۇ ئۆزى ياشىغان جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ئىنگىلىزلارغا ساداقەت كۆرسىتىشتىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ سىياسىي مايىللىقىدىن مەمنۇن بولغان ئىنگلىز ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «سىر» (ئەپەندى) ئۇنۋانىنى بەرگەن. سەييىد ئەھمەدخان (1898) ئىلمىي ۋە ئەقلىي پائالىيەتلىرى ئارىسىدا قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر تەپسىر بىلەن، بۇ ساھەدە يېڭى بىر ئۇسۇلۇپ (مېتود) يارىتىش ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تەھرىر فى ئۇسۇلىتتەپسىر» ناملىق ئىككى ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ قۇرئان چۈشۈرۈلگەن ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى ئەنئەنىۋى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا  ۋەھىي، رېئال ۋە مۇستەقىل بىر مەۋجۇدات بولغان پەرىشتە (جەبرائىل) ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، پەيغەمبەرلىك قۇۋۋىتى سايىسىدە، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ قەلبىگە چۈشۈرۈلگەن ياكى ئىلھام بېرىلگەن.[24] بۇ كۆز قاراشنىڭ قۇرئاندىكى كۆپ قىسىم ئايەتلەرگە زىت ئىكەنلىكى ئوچۇقتۇر.
ئەھمەدخان قۇرئاندا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيەتكە (مۆجىزە)، ئەنئەنىۋى مۆجىزە چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن ھالدا باھا بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئەرەب تىلىنىڭ كىنايە، تەمسىل (سىمۋول)، ئوخشىتىش قاتارلىق تىل بايلىقى ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى ياقلىمىلىق باھا بېرىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ دائىرىدە، مۆجىزىلەر سۆز تېمىسى بولغاندا، ئىرراتسىيونال مەنىلەرنى، بەزىدە ئەرەب تىلىنىڭ ئىمكان ۋە چەك- چېگراسىنى زورلاش ئارقىلىق راتسىيوناللاشتۇرۇشقا تىرىشقان. مەسىلەن، ھەزرىتى يۇنۇسنىڭ بىر چوڭ بېلىق تەرىپىدىن يوتۇۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئايەت (37/ساففات 142) بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قۇرئاندا بۇنى جەزملەشتۈرىدىغان ئېنىق بىر ئىپادە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ئايەتتىكى «يۇتۇش» مەنىسىدە كەلگەن «ئىبتەلەئە» پېئىلىنىڭ ئەمەس، «ئاغزى بىلەن تۇتۇش» مەنىسىدىكى «ئىلتەقەمە» پېئىلىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ شەكىلدە، ئايەتتە چۈشەندۈرۈلگەن ھادىسىنىڭ ئەقىلگە تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە چۈشىنىشلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ھەم ھەزرىتى مۇسانىڭ ھاسا بىلەن ئۇرۇپ دېڭىزنى ئىككىگە ئايرىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتنى[25] مەد جەزىر (ئاينىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ-پەسىيىشى) ھادىسىسى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ.[26] مۇنداق بولغاندا دېڭىزنىڭ يېرىلىشى ئىلاھىي مۆجىزە بولماستىن، بىر تاسادىپىيلىق بولغان بولىدۇ. ئەمما قۇرئان بۇ ھادىسىنى بىر مۆجىزە سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.
ئەھمەدخاننىڭ قۇرئان تەتقىقاتىدا ئەڭ ئاساسلىق تەكىتلەيدىغانلىرىدىن بىرى، تەبىئەت قانۇنلىرىغا دىققەت قىلىش. ئۇنىڭچە، ئاللاھ كائىناتقا ئەزەلدىن بېرى ئۆزگەرمەيدىغان بىر يارىتىلىش قانۇنى قويغان. تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرى، ئاللاھنىڭ ئەمەلىي سۆزىدۇر. ئۇنىڭ ھېچبىر سۆزىدە (قانۇنلىرىدا) ئۆزگىرىش بولمايدۇ ، قۇرئاندىمۇ ئەزەلدىن بېرى ئۆزگەرمىگەن تەبىئەت قانۇنىغا زىت ھېچبىر بايان يوق. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭچە، ئىسلام ئۆلىمالىرى مۆجىزە دەپ ئاتالغۇلاشتۇرغان ھادىسلەر ھەققىدە گەپ قىلغان قۇرئان ئايەتلىرى، ئەسلىدە بىز بىلىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئىشارە قىلىدۇ.
ئەھمەدخاننىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كىلاسسىك نەسىخ نەزەرىيەسىگە قىلغان ئېتىرازىدۇر. ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە ئوخشاش مەسىلە ئەسىرلەر بۇرۇن، مۇئتەزىلە مەزھىبىنىڭ تەپسىرچىلىرىدىن ئەبۇ مۇسلىم ئەل-ئىسفاھانى تەرىپىدىن ئەتراپلىق بىر شەكىلدە بايان قىلىنغان. تەبىئەت قانۇنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى پىرىنسىپىغا كەلسەك، ئەھمەدخان بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇبتا ئىپادىلەشتىن باشقا، غەرب دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرگەن راتسىيونال ۋە ناتۇرالىستلاردىن ئىلھام ئالغان. بولۇپمۇ ئەھمەدخان بۇ يەردە يېڭى ۋە ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب تەكىتلەشتىن باشقا يەنە، ئىبنى سىنا (428/1067) ۋە ئىبنى رۇشد (595/1198) قا ئوخشاش ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ مۆجىزە ھەققىدىكى رادىكال قاراشلىرىنىمۇ جانلاندۇرىدىغان، قۇرئاننى راتسىيونالىست ۋە ناتۇرالىست كۆز قاراش بىلەن تەتقىق قىلىش  ئەھمەدخان، ئادەم ۋە ئىبلىس قىسسىلىرىنىڭ تەپسىرىدە، ئەپسانە تۈسىدىن ئايرىش يولىنى تۇتقان. يەنى مەزكۇر قىسسەدىكى پەرىشتە ۋە شەيتانغا ئوخشاش مەخلۇقلارنىڭ ئەسلىدە بىر خىل كۈچ ۋە قابىلىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. جەننەت، جەھەننەمگە ئوخشاش غايىۋى ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى تەمسىل، ئوخشىتىش، كىنايە قاتارلىقلارغا يۈكلەشنى ئەۋزەل بىلگەن. ئەھكام ئايەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەرقانداق زاماندا لەۋزى بىلەن ياكى ئەينەن تەتبىقلاشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىدىن بولسا كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تەھلىل قىلغاندا، بولۇپمۇ تالاق، كۆپ خوتۇنلۇق، جازانە (ئۆسۈم) ئېلىشقا ئوخشاش تېمىلاردا يەنە قوغدىغۇچى بىر ئۇسلۇبتا، قۇرئان ئەھكاملىرىنىڭ ھازىرقى زامان قانۇن سىستېمىلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.[28]
ئەھمەدخان، ئەنئەنىدىن يىراق بولغان بەزى كۆز قاراشلارغا ئىگە بولۇشى بىلەن بىللە ئىسلام تەپسىر ئەنئەنىسىگە ئۆز زامانىدا بولسۇن ياكى  كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈستىدە بولسۇن، مەلۇم دەرىجىدە ئىز قالدۇرغانلىقى شۈبھىسىز. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئادەم قىسسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھ ئۇسلۇبى، قىسمەن بولسىمۇ مۇھەممەد ئابدۇھ (1905) ۋە مۇھەممەد ئىقبال (1938) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك ھەزرىتى مۇسانىڭ دېڭىزنى ئىككىگە ئايرىشى، بېلىقنىڭ ھەزرىتى يۇنۇسنى يۇتۇشى، جىن، پەرىشتە، شەيتان، جەننەت ۋە جەھەننەمگە ئوخشاش تېمىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلار، كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قىسىم تەپسىرچىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقى بايان قىلىنغان.[29]
بۇ يەردە ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئابدۇللاھ چەكرئالەۋى (1914) تەرىپىدىن، 1912-يىلى «ئەھلۇز زىكىر ۋەل قۇرئان»  ئىسمى بىلەن تەشكىللەنگەن قۇرئانچىلار ئېقىمىدىنمۇ سۆز ئېچىش مۇمكىن. ئاساسەن سەييىد ئەھمەدخان، چىراگ ئەلى (Melevi Chirag Ali) ۋە سەييىد ئەمىر ئەلى (1928) قاتارلىق مودېرنىزمچىلار ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆز قاراشنىڭ بىرئاز تاكامۇللاشقان شەكلىدىن ئىبارەت بولغان بۇ ئېقىم، كىلاسسىك «ئۇلۇمۇل قۇرئان» ئەدەبىياتىدىكى مەزمۇنلارنى، قۇرئاننى توغرا چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېگەن چۈشەنچە بىلەن پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىشقا قاراپ ماڭغان. ئاتالمىش زامانىۋى قۇرئان ئىسلامچىلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نەزەرىيەچىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئېقىمنىڭ ھەرىكەت نۇقتىسى، ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغاندەك، قۇرئاننىڭ ھەر تەرەپتىن كافى (يېتەرلىك، كۇپايە) ۋە شافىي (شىپالىق، تۈپتىن ھەل قىلغۇچ) بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتۇر.
بۇ قاراش ئىگىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رىۋايەت ماتېرىياللىرىنى ئەڭ باشتا رەت قىلغاندىن باشقا، بۇ ئىشنىڭ  تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە، ناماز ۋاقىتلىرى ۋە رەكئەتلىرى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە توختالغاندا، بەزىدە قۇرئان تېكىستلىرى ئۈستىدە، ئۇنىڭ مەنىسىنى بۇزۇش دەرىجىسىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، «بارلىق مەدھىيە يەر ۋە ئاسماننى يوقتىن بار قىلغان؛ پەرىشتىلەرنى ئىككى، ئۈچ ۋە تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغان ئاللاھقا خاستۇر.» مەنىسىدىكى ئايەتنى (35/فاتىر،1)، «ئەي، ئاسمان ۋە يەر ئەھلى! ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئىرىشىش ئۈچۈن، بەش ۋاخ نامىزىڭلاردا فاتىھەنى ئوقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئالتە رۇكنى (قىيام، قىرائەت، رۇكۇ ۋە باشقىلار) بار نامازغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، پەرىشتە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ.» شەكلىدە چۈشەندۈرگەن. بۇ جەرياندا، ئىسلام دۇنياسىدىكى زەئىپلىك ۋە يوقىلىشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەنئەنىگە ئارتىلغان. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزلىرى ياشىغان دەۋردىكى كېلىشمەسلىكلەرنىڭ پۈتۈن گۇناھى ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە مەدەنىي مىراسلارغا ئارتىپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان  بەزى ئەنئەنىۋى تەتقىقاتلارنى كىلاسسىك شەكىللەردىن ئايرىپ چىقىپ، يېڭى بىر قېلىپقا كىرگۈزۈشكە تىرىشقان.[30]
ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى باشقا يېڭىلىق، پەرۋەر كىشىلەر قاتارىدا بولۇپمۇ فەزلۇرراھمان« ئىسلام ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن ئەسىرىدە تەۋسىيە قىلغان تەپسىر ئۇسۇلى بىلەن شۆھرەت قازانغان. فەزلۇرراھماننىڭ ئاساسى لايىھەسى، ھازىرقى زاماندا كۆپلىگەن مۇسۇلمان تەرىپىدىن زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر يېڭىلىق ۋە يېڭىلىنىش چاقىرىقى، دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.[31]
تۇتۇرۇقسىز يېڭىلىقچىلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا ئىسلاھاتچى، غەربلىكلەرنىڭ ئالدىدا قوغدىغۇچى پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ «ئۆزگىچىلىك ۋە خاسلىق» نەتىجىسى يارىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان فەزلۇرراھمان قۇرئاننى ئەخلاق  يولباشچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالغا سۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆزىگە خاس ئىپادە بىلەن «قۇرئان ھەممىدىن ئاۋۋال بىر قانۇن كىتابى بولمىغىنىدەك،  مۇنداق مەقسىتىمۇ يوق. ئۇ ئۆزىنى ئىنسانلارنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى دەپ ئاتايدۇ. ئىنسانلاردىن شۇ كۆرسىتىلگەن يول بويىچە مېڭىشنى ئىستەيدۇ. ئەمما بۇ ئەمرلەر ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قانۇنىيلىققا ئىگە ئەمەس، ئەخلاقىيلىققا ئىگە» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.[32] ئەپسۇسكى، ئۇ بۇ كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىسلامنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى پاسسىپلاشتۇرماقتا. بۇ يەردە فەزلۇرراھمان، قۇرئاندىكى شەرىئەت-ئەھكاملىرىنىڭ نەچچە ئەسىر ئاۋۋالقى مەسىلىلەرگە بېرىلگەن جاۋاب ، چۈشەنچىسىنى نەزەرگە ئېلىپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئەينەن يولغا قويغاندا پايدىلىق نەتىجە يارىتالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.[33] فەزلۇرراھماننىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرى دەۋرىمىز ئالىملىرى تەرىپىدىن ناھايىتى قاتتىق تەنقىدلەنگەن.[34]
ئاخىرقى مەزگىلدە ئۇنىڭ «ئەھۋال قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ چىن قەلبىمدىن ئىشىنىدىغىنىم، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا قۇرئاننىڭ كۆز قاراش ۋە غايىلىرىنى تارىخنىڭ خارابىلىرى ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ قايتىدىن جانلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.» دېگەن سۆزلىرى ئىسلام دۇنياسىدا ئېتىبارغا ئېلىنغان.[35] فەزلۇرراھماننىڭ ئەخلاق ۋە قانۇننى مەقسەت قىلغان ھەم بۇنى ئالدىنقى ئورۇندا قويغان قۇرئان چۈشەنچىسى 1982-يىلى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغان فىرانسىيەلىك روگۇر گارۇدى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان. خۇددى فەزلۇرراھماندەك قۇرئاننىڭ بىر ئەخلاق يولباشچىسى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن گارۇدى، ئىلاھىي تەبلىغگە ھاياتلىق ئاتا قىلىشنىڭ پەقەت مۇھەببەت باغلاش- بۇنىڭغا تەقۋا ئەخلاقىمۇ دېيىلىدۇ - ۋە ئىجتىھات يولى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.[36] بۇ يەردە پەلەستىنلىك ئىسمايىل راجى فارۇقىنىڭ (1986) قۇرئان پىكرى ۋە قۇرئان ئىرادىسىگە  مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بەزى مەملىكەتلەردە ئىسلامغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان فارۇقىينىڭ قارىشىچە، قۇرئان ئاساسىي جەھەتتىن ئەخلاقىيلىققا ئىگە بىر كالام. قۇرئان تېكىستلىرىدىكى ئەخلاقىي قىممەت تېما قىلىنمىغان مەزمۇنلار بولسا، ئەسلىدە دىنىي - ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنىڭ بايانىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىيلىققا ئىگە بىر ئۆرنەكتۇر. بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا چۈشكەن ۋەزىپە قۇرئاننىڭ قىممەتلىك تەلىماتلىرىنى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر.[37] زامانىمىزدا بۇ توغرىدا جىددىي خىزمەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەرلەرنىڭ بىرى مىسىردۇر. «مەنار ئېقىمى» ۋە ئىسلاھات-يېڭىلىق چاقىرىقى، بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، قۇرئاننىڭ ھىدايەت ۋە قۇدرىتىنى (تەجدىد) يېڭىلىق پەرۋەرلىك يولى بىلەن تۇرمۇشقا ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىسلام ئېقىملىرى ئارىسىدا، مىسىردىن يەنە باشقا بىر ھەرىكەت قېتىلدى. جامالىددىن ئافغانىينىڭ (1935) كۈچىشى بىلەن بارلىققا كېلىپ، مۇھەممەد ئابدۇھ (1905) ۋە رەشىد رىزا (1935) نىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن تەرەققىي قىلغان بۇ ھەرىكەت، زامانىمىزدىكى قۇرئان تەھلىللىرىگە پەرقلىق مەزمۇن قوشتى.  تەپسىر تارىخى كىتابلىرىدا «ئىجتىمائىي تەپسىر ئېقىمى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىسمى مۇھەممەد ئابدۇھتۇر. ئىسلامنىڭ ئاساسى مەسىلىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى كىملىكى بويىچە تەھلىل قىلىشقا تىرىشقان ۋە بۇ دائىرىدە پىكىرىي يېڭىلىق ئارقىلىق ياخشى يېتىشكەن ئىنسان ئامىللىرىغا تايانغان بىر خىل «يېڭىدىن تۇغۇلۇش» ئىدىيەسىنىڭ ئىزىنى قوغلىغان ئابدۇھنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ قاتلاملىق چۆكۈش ۋە مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دىنىي تەپەككۇردا يېڭىلىق شەرتتۇر. بۇ لايىھەنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاساسى شەرتى، ئىسلامنى مەزھەپ ئىختىلاپلىرىدىن بۇرۇنقى ساپ ھالىتىگە قايتۇرۇش. بۇنىڭدىن باشقا تەقلىدنى رەت قىلىش،  قۇرئان-سۈننەتنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىشنى ئاساس قىلىش ۋە زامانىۋى بىلىملەردىن پايدىلىنىشمۇ غەلىبىگە ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم شەرتلىرى دەپ قارالغان.
ئىسلامىنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشىغا ئېلىپ بارىدىغان يولدىكى تۇنجى بېكەت قۇرئاندۇر. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان، يېڭى بىر كۆز قاراش بىلەن تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. تەھلىل پائالىيەتلىرىدىكى ئاساسى پىرىنسىپ قۇرئاننىڭ ۋەھىي قىلىنىش مەقسىتىنى دىققەتكە ئېلىش، يەنى ئىلاھىي خىتاپنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىنىڭ، ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش مەقسىتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.[38] بۇ سەۋەبتىن، قۇرئاننى چۈشىنىپ ئىزاھلاشنى، پەقەتلا كىلاسسىك تەپسىرلەردە ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، تېكىست يېشىش پائالىيىتى سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. يەنە ئىشەنچلىك بولمىغان رىۋايەت ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە، قۇرئاننىڭ بىر ئايىتىنى ئالدى بىلەن يەنە قۇرئاننىڭ باشقا بىر ئايىتى بىلەن ئىزاھلاش ۋە بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ئەقىلنى ئاكتىپ بىر شەكىلدە ئىشقا سېلىش كېرەك. قۇرئاننى تەپسىر قىلىشتىكى غايە ئىمان ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن بېزەلگەن كىشىلەر توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا تەپسىر بىر ئىلمىي پائالىيەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ئىنسانلاردىن كۈتكىنىگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى. بۇ سەۋەبتىن تەپسىرچىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى، قۇرئاننىڭ  ھەقىقىي چۈشۈرۈلۈش سەۋەبى بولغان ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىش غايىسىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر.[39]
ئابدۇھ ۋە رەشىد رىزانىڭ پىكرىچە كىلاسسىك تەپسىرلەر، تەپسىلىي گىرامماتىكىلىق ئىزاھلار، بالاغەت ماھارىتى ۋە ئەدەبىي سەنئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە نۇقتىلار، كالامى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلار، مېتودولوگىيە ئالىملىرىنىڭ كەشپىياتلىرى، دورامچى فىقىھچىلارنىڭ ھۆكۈم ۋە پەتىۋالىرى بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ مەلۇماتلار دۆۋىسى، قۇرئاننى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاللاھ نىشان قىلىپ كۆرسەتكەن دىنىي ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلەر بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشنى خالايدىغان ئىنسانلار ئۈچۈن توسالغۇ. شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەرەب تىلىنى ئاساس قىلغان مېتود (ئۇسۇل)، رىۋايەت ۋە باشقا بىلىملەردىن پايدىلىنىش كېرەك. پەقەت بۇ خىلدىكى بىلىملەردىن كېرەكلىك بولغان جايلاردا ئۆلچەملىك پايدىلىنىش، يەنى كىلاسسىك تەپسىرلەرگە ئوخشاش ۋاسىتىنى غايىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىق، بولۇپمۇ، ئەرەب تىلىدىكى گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى قۇرئان تېكىستىنى تىزگىنلەيدىغان بىر مۇراجىئەت مەنبەسى ھالىغا كەلتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.[40] ئابدۇھ ۋە رەشىد رىزانىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە قاراتقان ئەڭ يىرىك تەنقىتلىرىدىن بىرى «ئىسرائىليات» دەپ ئاتىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ (ئىسرائىل) ئەپسانىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «ئىسرائىليات» خاراكتېرلىك رىۋايەت ماتېرىياللىرى قۇرئاننى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن توسالغۇ بولىدىغانلىقتىن، قەتئىي دەلىل قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، رەشىد رىزا «ئىسرائىليات» نى رەت قىلىش بىلەنلا قالمىغان، بۇ تېمىدا مەنبە قىلىپ كۆرسىتىلگەن يەھۇدىي نەسىللىك كەئبۇل ئەخبارنى (32/652-653) ئىسلام ئېتىقادىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى، دەپ ئەيىبلىگەن . بۇ ھەقتە قەدىمدىن تارتىپ ھەقىقىي، راست دەپ قارالغان دەججال، قىيامەت، ۋە ئەيسانىڭ چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە، «ئىسرائىليات»  كاتىگورىيەسىدە باھا بېرىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان. كىلاسسىك تەپسىرلەرنى بەزىدە ناھايىتى ئېغىر تىللار بىلەن تەنقىد قىلغان ئابدۇھ ۋە رەشىد رىزا قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىييە (728/1328) نىڭ ئىزىدىن ماڭغان «مەنار  ئېقىمى»، بولۇپمۇ ئابدۇھ، ئەقلىي كۈچكە بەرگەن ئەھمىيىتى جەھەتتىن مۇئتەزىلىلەرنى ئەسلىتىدۇ. ئابدۇھ، «فۇرقان» دەپ ئاتىغان ئەقىلنىڭ رولى، ئۇنىڭ قىسسىلەرنى تەپسىر قىلىشى جەريانىدا ئەڭ روشەن ھالدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئابدۇھ مۆجىزىنىڭ رېئاللىقى رەت قىلماسلىق بىلەن بىللە قۇرئاندىكى ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان ئىپادىلەرنى مەجاز (بىر كەلىمە ياكى ئاتالغۇنى ئاشكارە مەنىسىنىڭ سىرتىدا باشقا بىر مەنىدە قوللىنىش)، تەمسىل قاتارلىق تەپسىر قوراللىرى (قۇرئاننى تەپسىر قىلىش جەريانىدا پايدىلىنىدىغان ئىلىم تارماقلىرى) بىلەن ئاددىيلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىكى ھاياتى، مەنئى قىلىنغان دەرەخكە يېقىنلىشىشى ۋە جەننەتتىن قوغلىنىشى قاتارلىقلارنى، ئىنسان ھاياتىدىكى بالىلىق، ياشلىق ۋە قىرانلىق چاغلىرىغا تەمسىل قىلىپ، شۇ ھەقتىكى قىسسەنى ئەپسانىلەردىن ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.[41]
مەنار تەپسىرىگە قارىساق، ئەھكام ئايەتلىرى ئۈستىدە قوغداش خاراكتېرىدە تەھلىل ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرىمىز. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئايالنىڭ ئېرىدىن تاياق يېيىشى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە سۆزلەنگەن ئايەتلەرنى، ئۇستىلىق بىلەن زامانىۋى قىممەت سىستېمىلىرىغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. «قۇرئاندا ۋاقتى ئۆتكەن ھېچبىر بۇيرۇق يوق. ئەكسىچە، ھەر ئايەتنىڭ ھەر زامان ۋە  ماكاندا سۆزلەيدىغان سۆزى بار» دېگەن پىكرىنى بەك قوغدىغان.[42]
مەنار تەپسىرىگە قارىساق، ئابدۇھ ۋە رەشىد رىزا، كىلاسسىك تەپسىر قاراشلىرىنى ناھايىتى قاتتىق تەنقىدلىگەن. بۇ ئىككىسىنىڭ ئورتاق مەھسۇلاتى بولغان مەنار تەپسىرى، ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ماتېرىياللىرى بىلەن ئەنئەنىۋى شەكىللەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.  ئەڭ روشەن پەرقى، ئابدۇھنىڭ تەپسىر قارىشىدا ئەقىلنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن مەنار تەپسىرى كېيىنكى مەزگىللەردە قۇرئان تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن قىممەتلىك بىر ئەسەرگە ئايلانغان ۋە ھازىرغىچە  كۆپلىگەن قۇرئان تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.            
تارىخى باسقۇچ جەرياندا رەشىد رىزا ئۇستازى ئابدۇھنىڭ يولىدىن چىقىپ، ۋاھابىيلىك ئېقىمىغا يېقىنلىشىشقا باشلىغان ۋە سەلەفى-ھەنبەلىلىككە مايىل بىر پوزىتسىيەدە بولغان. بۇ يېڭىچە سەلەفى مايىللىق مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار (ئىخۋانۇل مۇسلىمىين) تەشكىلاتىنىڭ شەكىللىنىشىگە زېمىن ھازىرلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن مىسىردا ھەسەن ئەل-بەننانىڭ (1949) 1928-يىلىدا ئاساسىنى تۇرغۇزغان ئىخۋانۇل مۇسلىمىين تەشكىلاتى بىلەن مەۋدۇدىينىڭ ئىسلامىي نىزام تەسىس قىلىش ئىدىيەسى بىلەن پاكىستاندا قۇرغان «جامائەتى-ئىسلامى» كېيىنكى مەزگىللەردىكى قۇرئان ئوقۇش ئىشلىرىنى پەرقلىق بىر سەۋىيەگە كۆتۈرگەن.[43]
زامانىۋى دەۋردىكى تەپسىر خىزمەتلىرىدە مۇھىم كۆز قاراشلارغا ئىگە بولغان سەييىد قۇتۇپنىمۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. مىسىردىكى كۈرىشىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىدىن تېخىمۇ رادىكال بىر دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بارغان ۋە شۇ سەۋەبتىن  1966-يىلى جامال ئابدۇناسىر تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان سەييىد قۇتۇپنىڭ «20-ئەسىردىكى جاھىلىيەت»، «جاھىلىييە ۋە شەيتانىي تۈزۈم»، «ساختا تەڭرىلەر» قاتارلىق تەبىرلەردىن مۇرەككەپ كۆپلىگەن ئىپادىنى «فى زىلالى-قۇرئان» ناملىق تەپسىرىدە كۆرۈش مۇمكىن.[44]
ئىسلامنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ياكى زامانغا ماسلىشىشقا ئېھتىياجى بولمىغان كامىل بىر سىستېما ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بۇ سىياسىي رادىكال چۈشەنچە، غەرب دۇنياسى بىلەن كېلىشىش ۋە ياكى مۇداپىئەلىنىشتەك بىر پوزىتسىيە تۇتمىغان. ئەكسىچە، ئىسلام بىلەن غەرب ئارىسىدا ھەر زامان بىر زىتلىق پەيدا قىلىشقا تىرىشقان. بولۇپمۇ، ئىسلامنىڭ ئەقىدە ۋە ھوقۇق ئاساسلىرىنى زامانىۋى سىياسىي بىر يول بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان جاھىلىيەت، تاغۇت ( شەيتان)، تەۋھىد ( بىر خۇدالىق)، شۇرا، ھىزىب (گۇرۇھ )، چارەسىزلەر، ئۇلۇغلار مەجلىسى ۋە مۇترەڧ قاتارلىق ئاتالغۇلار زامانىۋى دەۋرگە تەتبىقلاپ تەھلىل قىلىنغان.  بۇ شەكىلدە قۇرئان تېكىستلىرىنى سىياسىي مۇستەقىللىق، سايلام، مەجلىس، قانۇن، ئاساسى قانۇن، سىياسىي پارتىيە، كاپىتالىزم، ئىمپېرىيالىزم، سىنىپسىز كوللېكتىپ ، دېموكراتىيە، بۇرژۇئازىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ئوخشاش زامانىۋى ئۇقۇملار تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان بىر مەيدانغا ئېلىپ كىرگەن.[45]
سەييىد قۇتۇپقا كۆرە، زامانىۋىلاشقان جەمئىيەت، نادانلاشقان جەمئىيەت بولغانلىقتىن، مۇسۇلمان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆسۈم، سۇغۇرتا، نوپۇس پىلانلاش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىشى ۋە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پەتىۋا بېرىشكە تىرىشىشى ھەم ھەجۋىي ھەم ئورۇنسىز ئىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش، مەۋجۇت جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە قۇرئان ۋە سۈننەتتىن جاۋاب تېپىپ چىقىش ئەمەس، بۇ ئىككى مەنبەنىڭ پۈتۈن ھۆكۈملىرىنى دەل مەنىسى بىلەن ئىجرا قىلىدىغان جامائەت شەكىللەندۈرۈش.[46] ئۇ، ئىسلام دىنىڭ ھۆكۈملىرى ئىجرا قىلىنىدىغان بىر جامائەت شەكىللەنگەندە، ھەممە نەرسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەت ئىسلامىي بولمىغان بىر جەمئىيەت بولغاچقا، نادانلىقتىن كېلىپ چىققان ئېھتىياجلىرىنى دىققەتكە ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.70
بۇ ساھەدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى، ئىززەت دەرۋەزەدۇر. دەرۋەزە تەپسىرىدە قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش تەرتىپىنى بىر قەدەر يۈزەكى ۋە تولۇقسىز ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ ئەسەر، ئىسلام تەپسىر تارىخىدىكى تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ھەم مۇئەللىپنىڭ بەزى ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت تەھلىل ۋە تەتقىقات خىزمىتى دىققىتىمىزنى قوزغايدىغان نۇقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە «ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھاياتى» ناملىق ئەسىرىنى قۇرئاننى ئۆزىنىڭ تارىخىدا ئوقۇش تىرىشچانلىقىغا نىسبەتەن قىممەتلىك بىر ئەسەر دەپ قاراش مۇمكىن.
ئىلمىي تەپسىر خىزمەتلىرى راۋاج تاپقان مەزگىل يەنىلا يېقىنقى دەۋر بولغان. ھىندىستان بولۇپمۇ مىسىرنى مەركەز قىلىنغان زامانىۋى قۇرئان تەتقىقات خىزمەتلىرىدە، دىققىتىمىزنى تارتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىلمىيلىك، يەنى قۇرئاننىڭ زامانىۋى بىلىملەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى تونۇتۇش تىرىشچانلىقىدۇر. سىر ئەھمەدخان ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىش چۈشەنچىسى  بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان تەھلىللىرىدىن بىر قىسمى ئىلمى تەپسىر كىملىكىگە ئورالغان بولۇش بىلەن بىرلىكتە، قۇرئاننى ئىلمىي قاراش بىلەن تەتقىق قىلىش ھەققىدىكى مۇھاكىمىنىڭ تۇنجى مەھسۇلى مىسىردا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ساھەدىكى تۇنجى ئەسەر، ئەسلى كەسپى دوختۇرلۇق بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەل-ئىسكەندەرانى (1889) «كەشفۇل-ئەسرارىننۇرانىيەتىل قۇرئانىيە» ناملىق ئەسىرىدۇر. تاش كۆمۈرنىڭ پەيدا بولۇشىغا دائىر سۆز بىلەن باشلىغان بۇ ئاجايىپ تەپسىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئابدۇراھمان ئەل-كەۋاكىبىنىڭ (1902) «تەبائئۇل-ئىستىبدات ۋە مەسايرۇل ئىستىئباد» ناملىق ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. يەنە بۇ تارىختا مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ، فىل سۈرىسى 3- ئايەتتىكى «تەيرەن ئەبابىل» ئىبارىسىنى «مىكروپلار» دەپ ئىپادىلىگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تەنتاۋى جەۋھەرى (1940) «ئەل- جەۋاھىر ناملىق» ئېنسىكلوپېدى خاراكېرلىك ئەسىرى بىلەن ئىلمىي تەپسىر ساھەسىگە چوڭ تۆھپە قوشقان.  ئىلمىي تەپسىر ئېقىمىغا ئىزمىرلىق ئىسمايىل ھەققى (1946)، مۇھەممەد ھۈسەيىن ئەز-زەھەبى (1978) ۋە ئەمىن ئەل- خۈلى (1966) غا ئوخشاش شەخسلەر تەرىپىدىن جىددىي تەنقىدلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، قۇرئاندىن بىلىم چىقىرىش غەيرىتى ئازايغىنى يوق؛ ئەكسىچە، يېقىنقى زامانلاردا، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن يېڭى- يېڭى خىزمەتلەر ۋە ئوخشىمىغان سادالار مەيدانغا چىقماقتا.
زامانىمىزدا، مەيلى ھوقۇقى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئەقىدە جەھەتتىن بولسۇن ياكى  قۇرئانغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قاراش جەھەتتە بولسۇن يېڭىچە كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان جايلاردىن بىرى  تاتارىستاننى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسى . بۇ يەردىكى يېڭىلىقپەرۋەر ئېقىمىنىڭ بېشىدا مۇسا جارۇللانى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ ھەممە ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىم ئالغان مۇسا جارۇللاھ، ئۆز دەۋرىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەتنىڭ يولىنى تۇتقان. بىر تەرەپتىن كىلاسسىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرخىل تېمىلاردا ئەسەر يېزىپ جەمئىيەتنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغان.

خۇلاسە

قۇرئانى كەرىم، مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدىكى ئاساس يولباشچى. بۇ كىتابنىڭ يولباشچىلىق ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تەپسىر ئىلمى بولسا، قۇرئان ئايەتلىرى يەتكۈزمەكچى بولغان مەنىلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزى بىر ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئاننى ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىزاھلاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ زامانىدا ھېچقانداق بىر دىنىي مەسىلىدە ئىختىلاپ يۈز بەرمىگەن. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسلام دىنىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى تەبىئىي ھالدا ساھابىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. ساھابىلىرى ئاساسەن ئەرەبلەردىن ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆپ ھاللاردا بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان مۇقەددەس كىتاب قۇرئاننى ئاڭلاپلا چۈشەنگەن بولۇپ، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر دەۋرىدىكى ۋەزىيەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدىن پەرقلىنىپ كەتمىگەن. پەقەتلا چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى قۇرئان تېكىستىنىڭ بىر توپلام ھالىتىدە جەملىنىشىنى بۇ باسقۇچتىكى مۇھىم بىر خىزمەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بولسا، شەرت-شارائىتنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن قۇرئاننىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى ئۈستىدە ساھابىلەر ئىچىدە مۇھاكىمە سورۇنلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام تارىخىنىڭ بۇ باسقۇچىدا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىزاھلاشقا بولغان ئېھتىياج قەدەممۇ قەدەم ئېشىشقا باشلىغان. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە بولسا، تىز سۈرئەتتە كېڭىيىشكە باشلىغان ئىسلام جۇغراپىيەسىدىكى قۇرئانغا بولغان ئېھتىياجنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرئان نۇسخىلىرىنى كۆپەيتىپ يېڭىدىن پەتىھ قىلىنغان رايونلارغا ئەۋەتتى. بۇنىڭ سىرتىدا قۇرئان تەپسىرىگە دائىر تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر پائالىيەت كۆرۈلمىدى.
ساھابە دەۋرىدە قۇرئان ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن نامى مەشھۇر ساھابىلەردىن ھەزرىتى ئەلىي ئىبنى ئەبى تالىپ ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي ئىبنى كەئىب، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس قاتارلىق كىشىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس قۇرئاننى تەپسىر قىلىش جەھەتتىكى ماھارىتى بىلەن داۋاملىق تەپسىر تارىخى بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
ساھابىدىن كېيىنكى ئەۋلادنىڭ مەزمۇنى مول، ئۇسلۇب جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان بۇ كىتابنى تولۇق چۈشىنىشى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنى باشقىلارغا ئېنىق ئىزاھلاپ بېرەلىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ياردەمچى مەلۇماتلارغا ھاجەت چۈشكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇرئان تەپسىر قىلىشنىڭ ئۇسلۇپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەر يېزىلىشقا باشلىدى. پەقەت ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى ئەسىرى بىلەن ئىككىنچى ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، ئىسلام ئالىملىرى بۇ تۈردىكى بىلىملەرنى ئاساسلىقى رىۋايەت قىلىش شەكلى ئارقىلىق بىر بىرىگە يەتكۈزگەن. تەخمىنەن ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىدىن باشلاپ، قۇرئان ئىلمىنىڭ تۇنجى يادروسىنى تەشكىل قىلغان تەپسىر،  ھەدىس مەجمۇئەلىرىنىڭ بىر بابى سۈپىتىدە يازما دەۋرىگە قەدەم قويدى.
زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قۇرئان تەپسىرىنى تېما قىلغان مۇستەقىل ئەسەرلەر يېزىلىشقا باشلىدى. خىلمۇخىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، تەپىسرلەرنىڭ مېتود ۋە مەزمۇنلىرىمۇ خىلمۇخىللاشتى. ئالىملارنىڭ قۇرئاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چۈشەنچىلەرنى تەھلىل قىلىش جەھەتتىكى ئىلىمىي قابىلىيىتى، ياشىغان مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تۇتۇمى ئىسلام تەپسىر تارىخىدا ئوخشاش بولمىغان ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىشىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە رول ئوينىدى. ئەخلاق، سىياسەت، ئېتىقاد، قانۇن ۋە ئىبادەت قاتارلىق تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھاياتلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى ياكى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھايات بىلەن بۇ ئايەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچاس مۇناسىۋەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئېتىقادلىق، سىياسىي ۋە فىقھىي مەزھەپلەر بۇ ئىلىم تارمىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم سەۋەب بولدى.
بىز بۇ ئەسەردە ئۆتمۈشكە ناھايىتى تىز كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن تەپسىر خىزمەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىياتىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشتۇق. تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىدە، دەۋرىمىزدىكى تەپسىر خىزمەتلىرىنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسىدە بىر يېڭىلىق ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق بولۇش جەھەتتە، خېلى كۆپ نۇقتىدىن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئەمما يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دەۋرىمىزدە بۇ خىزمەتلەرنىڭ مەلۇم نىسبەتتە پايدىسى بولغاندىن سىرت، يەنە بىرقىسىم سەلبىي تەسىرى بارلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىش كېرەك. چۈنكى زېھنى خىرە ياشاۋاتقان بەزى دىندار ئاممىنىڭ قارىشىچە قۇتقۇزغۇچى دورىدەك قوبۇل قىلىنغان كۆزقاراشلارنىڭ ئىسلامنىڭ ئاساسى ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان بىرتۈركۈم زەھەر بولىدىغانلىقى كۆپ نەزەرگە ئېلىنمايۋاتىدۇ.
بولۇپمۇ سىر ئەھمەدخاننىڭ بىر- بىرىگە زىت تەھلىللىرى، شۇ چاغلاردا فەزلۇراھماننىڭ ئىسلام دىنىنى پەقەت ئېتىقاد ۋە ئەخلاقنى بايان قىلغان بىر دىن سۈپىتىدە قولغا ئېلىپ، دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيەت ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتكەن تۈزۈلمىلەر دەپ قارىشى، بىر قىسىم زامانىۋى تەپسىر ۋە تەپسىرچىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. يەنە بىر قىسم ئىسلام ئالىملىرى بۇ خىل كۆز قاراشلارنى ئۆز مەنبەسىدىن ئەستايىدىل ئوقۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەنقىد قىلغان. ئەكسىچە بولغاندا خاتا تەھلىللەر ئۇلۇغ ئىسلام دىنىغا سىڭىپ كىرىپ، جامائەتتە خاتا ئىسلام ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ.
بۇ ھەقتە خەتەرلىك دەپ قارالغان يەنە بىر ئەھۋال، ئىلمى تەپسىرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرئانى كەرىمنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇشى. چۈنكى بەزى ئىلمىي كەشپىياتلار ئىلمىي تەجرىبىلەرنىڭ نەتىجىسى ئۆزگىرىشچاندۇر. قۇرئان ۋە ئۇنىڭ توغرا يولى تاكى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ  مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇشۇنداق ئۇزۇن بىر تارىخ بويىچە يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇپ تۈگىتىش ۋە بۇ باسقۇچتا مەيدانغا كەلگەن قۇرئان تەپسىرىگە دائىر پائالىيەتلىرىنى تولىمۇ قىسقا ھەجىمدىكى بۇ ئەسىرىمىزدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە زامانىمىزدىكى قۇرئان تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ يۆنۈلۈشى ۋە بەزى مۇھىم پىكىرلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ماۋزۇنى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ تاللىدۇق.

پايدىلانغان مەنبەلەر

[1] ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، 4- جىلد، 369-بەت.
[2] بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاراڭ: زەھەبىي، ئەتتەپسىر ۋەلمۇپەسسىرۇن، 1 جىلد، 10-11-12- بەت ۋە زەرقانىي، مەناھىل، 1- جىلد، 4-5- بەت.
[3] زەھەبىي، ئەتتەپسىر ۋەلمۇپەسسىرۇن، 1- جىلد، 14- بەت.
[4] مەننائۇل قەتتان، مەباھىس ڧى  ئۇلۇمىل قۇرئان، 3- باسمىسى، 2000- يىلى مەكتەبەتۇل مەئارىڧ نەشر قىلغان، 129- بەت، مۇھەممەد ئابدۇل ئەزىيم ئەز-زەرقانىي، مەناھىلۇل ئىرڧان ڧى ئۇلۇمىل قۇرئان، ڧىكر نەشرىياتى، بيرۇت 1996- يىلى، 1- جىلد، 244- بەت، ئورھان ئاتالاي، 20. ئەسىردە تەپسىر ئېقىملىرى، 29- بەت.
[5] ۋەلىييۇللاھ ئەد دىھلەۋىي، ئەل ڧەۋزۇل كەبىيىر ڧى ئۇسۇلىتتەپسىير، ئەس سەھۋە نەشرىياتى قاھىرە1986- يلى، 1- جىلد، 141- بەت.
[6] ڧەھد ئىبنى ئابدۇررەھمان ئىبنى سۇلەيمان ئەر رۇمىي، ئىتتىجاھاتۇتتەپسىير ڧى قەرنىررابىئى ئەشەر، سەئۇدىي ئەرەبىستاندا 1986- يىلى بېسىلغان، 1- جىلد، 24 ۋە 25- بەتلەر.
[7] مۇھەممەە ھەمىدۇللاھ، قۇرئان تارىخى، 89- بەت.
[8] ئسمائىل جەرراھئوغلۇ، قۇرئان تەڧسىرىنىڭ دوغۇشۇ ۋە بۇنا ھىز ۋەرەن ئامىللەر، 98- بەت.
[9] مۇھەممدە ھۈسەيىن ئەز زەھەبىي، ئەتتەپسىير ۋەل مۇپەسسىرۇن، 1- جىلد، 70- بەت.
[10] مۇھەممەد تاييىب ئوقئىچ، تەپسىر ۋە ھەدىس ئۇسۇلۇنىڭ بەزى مەسەلەلىرى، ئستانبۇل 1995- يىلى، 145- بەت.
[11] سۇئات يىلدىرىم، پەيغەمبەرىمىزنىڭ قۇرئان تەپسىرى، 19-20-بەتلر.
[12] سۇئات يىلدىرىم، پەيغەمبەرىمىزىن قۇرئان تەپسىرى، قاياخان نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1998- يىلى، 22-23-بەت.
[13] مەننەئۇل قەتتان، مابەھىس ڧى ئۇلۇمىل قۇرئان، 338-340- بەتلەر.
[14] ئىسمائىل جەرراھئوغلۇ، تەپسىر تارىخى، 1- جىلد، 141- بەت.
[15] جەرراھئوغلۇ، قۇرئان تەپسىرىنىڭ دوغۇشۇ ۋە بونا ھىزۋەرەن ئامىللەر، 100- بەت.
[16] جەلالۇددىن ئەس سۇيۇتىي، ئەل ئىتقان ڧى ئۇلۇمىل قۇرئان، ھەيئەتۇل مىسرىييە نەشرى، 1974- يىلى، 4- جىلد، 240- بەت.
[17] ئەدنان زەرزۇر، ئۇلۇمۇل قۇرئان ۋە ئىجازۇھۇ، 123- بەت.
[18] بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاراڭ: زەرقانىي، مەناھىلۇل ئىرڧان، 1- جىلد، 24-25- بەتلەر، سۇبھى ئەس سالىھ، مەباھىس ڧى ئۇلۇمىل قۇرئان، 121-124- بەتلەر، ئەبۇ شۇھبە، سىيرەتۇننەبىي ڧى دىيۋانىل قۇرئان ۋەس سۈننە، 31-32- بەت.
[19] تەپسىرچىنىڭ، ئىجادىيىتى جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ساھابىلەردىن ياكى تابىئۇن ئالىملىرىدن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەرگىلا تايانماستىن ئىجتىھاد يولىنى تۇتۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىنمۇ پايدىلىنىش ئارقىلىق يازغان تەپسىرى «دىرايەت تەپسىرى» ياكى «رەي تەپسىرى» قاتارىغا كىرىدۇ.
[20] لەۋىز بەرنارد، ئىسلامىن سىياسال دىلى، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: ڧاتىھ تاشار، ئىستانبۇل 1992-  يىلى نەشرى، 20-بەت.
[21] ئىبنى نەدىيىم، ئەل ڧىھرىست، 1988- يىللىق نەشرى، 37-42- بەتلەر.
[22] خالىل چېلىك، 20- ئاسىردا قۇرئان ئىلىملەرى چالىشمالارى، گىرىش سۆز.
[23] مۇستافا ئۆزتۈرۈك، قۇرئان، تەپسىر ۋە ئۇسۇل ئۈزەرىنە، 7- بەت.
[24] ئىسمائىل ئالبايراق، كىلاسسىك مودېرنىزىمدە قۇرئانا ياقلاشىملار، ئىستانبۇل 2004- يىل نەشرى، 65-66- بەتلەر.
[25] شۇرا سۈرىسى، 63- ئايەت.
[26] مۇستاڧا ئۆزتۈرك، قۇرئان ۋە تەپسىر كۈلتۈرۈمۈز، ئەنقەرە 2010- يلى، 141- بەت.
[27] مۇستاڧا ئۆزتۈرك، قۇرئان ۋە تەپسىر كۈلتۈرۈمۈز، ئەنقەرە 2010- يلى، 141- بەت.
[28] ئابدۇلھەمىت بىرئىشىق، ھىنت ئالت قىتئاسى دۈشۈنجە ۋە تەپسىر ئېكوللەرى، ئىستانبۇل 2001-يلى، 324 ۋە 442- بەتلەر. ئىسمائىل ئالبايراق، كىلاسسىك مودېرنىزىمدە قۇرئانا ياقلاشىملار، 43-81- بەتلەر. شابان ئالى دۈزگۈن، سەييىد ئاھمەدخان ۋە ئەنتەللكتۈەل مودېرنىزمى، ئەنقەرە 1997- يىلى نەشرى ۋە ئەينى يازغۇچىنىڭ راسيونالىست دۈشۈنجەنىڭ قۇرئان يورۇمۇنا ئەتكىلەرى، 2- قۇرئان سەمپوزيۇمۇ، ئەنقەرە 1996- يلى، 305 ۋە 324- بەتلەر.
[29] مۇستاڧا ئۆزتۈرك، قۇرئان ۋە تەپسىر كۈلتۈرۈمۈز، 142- بەت.
[30] مۇستاڧا ئۆزتۈرك، قۇرئان ۋە تەپسىر كۈلتۈرۈمۈز، 142-143-بەت.
[31] مۇستاڧا ئۆزتۈرك، تەپسىر تارىخىندە ئەھلى قۇرئان ئېكولۈ، چۇقۇرئوۋە ئىلاھىيات ڧاكولتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 3- جىلد، 1- سان، 2003- يلى، 167-200-بەتلەر. خادىم ھۈسەيىن ئىلاھىباخش، ئەل قۇرئانىييۇن، تائىڧ 1989- يىلى، 25- بەت. ئابدۇلھەمىت بىرئىشىق، ھىنت ئالت قىتئاسى دۈشۈنجە ۋە تەپسىر ئېكوللەرى، 318-395- بەتلەر.
[32] ڧەزلۇرراھمان، ئاللاھىن ئەلچىسى ۋە مەساژى، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى، ئادىل چىڧتچى، ئەنقەرە 1997- يىلى، 110- بەت.
[33] ئۆمەر ئۆزسوي، قۇرئان ۋە تەرىخسەللىك يازىلارى، ئەنقەرە 2004- يىلى، 122-بەت.
[34] خەيرۇددىن قارامان، تەپسىردە ئەسكى- يېنى تارتىشمالار، 35-37- بەتلەر. بۇ ماقالە بىر قانچە يازغۇچىنىڭ ماقالىلىرىدىن تەركىپ تاپقان «قۇرئانى كېرىم، تاىخسەلجىلىك ۋە ھەرمونىتىك» دېگەن كىتاپتا 2003- يىلى «ئىشىق» نەشىرياتى تەرىپىدىن ئىزمىردا نەشىر قىلىنغان.
[35] ڧەزلۇرراھمان، ئىسلامى يېنىلەنمە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل چىڧتچى، ئەنقەرە 2000- يىلى، 12- بەت.
[36] گارائۇدى، ئەنتەگرىزم، ڧىنار نەشرىياتى، ئىستانبۇل 2005- يىلى، 9-10-بەت.
[37] ئىسمائىل راجى ئەل ڧارۇقىي، قۇرئان يورۇمۇندا يېنى بىر مېتودولوجىيە دوغرۇ، ئىسلامى ئاراشتىرمالار ژۇرنىلى 7- جىلد، 3-4- سان، 1994- يىلى، 305-313-بەتلەر.
[38] رەشىد رىزا، تەپسىرۇل مەنار، بېيرۇت 1999- يلى، 1- جىلد، 25- بەت.
[39] رەشىد رىزا، تەپسىرۇل مەنار، 25-26-بەتلەر.
[40] رەشىد رىزا، تەپسىرۇل مەنار، 1- جىلد، 46-47-بەت، 3- جىلد، 48- بەت، 4- جىلد، 392- بەت.
[41] رەشىد رىزا، تەپسىرۇل قۇرئان (ئەل-مەنار)، 1- جىلد، 282-283- بەت.
[42] ھاسىب ئەس سەمەررائىي، رەشىد رىزا ۋەل مۇڧەسسىر، باغداد 1976- ىلى نەشرى، 327-359- بەتلەر.
[43] ئولىۋەر روي، سىياسال ئىسلامنىڭ ئىڧلاسى، تۈركچىگە تەرجىمە: جۈنەيت ئاقئالىن، ئىستانبۇل 1994- يىلى 61- بەت.
[44] قۇرئان ۋە تەپسىر كۈلتۈرۈمۈز، 152-153- بەتلەر.
[45] ئولىۋەر روي، سىياسال ئىسلامنىڭ ئىڧلاسى، 61-62- بەتلەر.
[46] سەييىد قۇتۇب، ڧى زىلالىل قۇرئان، 6-جىلد، 285.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-7-22 11:24 , Processed in 0.149836 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش