تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 0

راستچىللىقنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۆگۈنەيلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
راسىتچىللىق

       سۆيۈملۈك جان-جىگەر بالىلىرىم! راسىتچىللىق بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۇنجى ئەخلاق-پەزىلىتى ، بىز چوقۇم ئۇ ئەخلاقنى ئۆزىمىزدە يىتىلدۈرىشىمىز كىرەك. راسىتچىللىق ۋە سەمىمىيلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەزىلەتلىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن راسىتچىل، سەمىمىي ئادەم دەپ تونۇلغان ئىدى. بىر مۇسۇلماننىڭ راسىتچىل، ئىشەنچلىك ئادەم دەپ ئاتىلىشى نىمىدىگەن كاتتا ئىش ھە! دىمەك بۇنداق مۇسۇلمان ئاللاھ بىلەن ئالاقىسىدىمۇ راسىتچىل، ئەتىراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ راسىتچىل بولغان بولىدۇ. دىمەك ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ، ھەم كىشىلەرنىڭ قارىشىدىمۇ راسىتچىل دەپ قارالغان بولىدۇ. قىنى كىلىڭلار! بىز چىن قەلبىمىز بىلەن راسىتچىللىق ئەخلاقى بىلەن ياشايلى!

پەيغەمبەر ئەلەيىسالام بىزگە راسىتچىللىق ئەخلاقىنى ئۆگىتىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئاللاھ ئۆزى تەلىم-تەربىيە بەرگەن، ئۇ ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ھەممىدىن كاتتا، ئىسىىل كىشى بولغاچقا ئۇ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى مەككىلىكلەر ئارىسىدا راسىتچىل، سەمىمى كىشى دىگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىدى. مەككىلىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ راسىتچىللىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بەكلا ئىشىنەتتى. بىرەر قىممەت باھالىق مىلىنى بىخەتەر ساقلاشقا ئىشەنىچ قىلالمىغان ھەر قانداق مۈلۈكدار ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا خاتىرجەم ھالدا ئامانەت قوياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆزىگە ئامانەت تاپشۇرغان كىشىلەر گەرچە ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە-ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىنى ئوبدان ساقلايىتتى، ئىگىىسىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇق بىرەتتى. مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا بولغان زىيانكەشلىكى كۈچىيىپ كەتكەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەككىدىن مەدىنەگە ھىجرەت ( ئاللاھ يولىدا تەركى ۋەتەن بولۇش) قىلىشقا ئىجازەت بەردى. شۇ ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قولىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈش كويىدا بولغان بىر قىسىم مۇشرىكلارنىڭ ئامانەتلىرى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھىچبىر كىشىنىڭ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىپتۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان كىچىدە نەۋرە ئىنىسى ھەزىرتى ئەلىينى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ياتقۇزۇپ قويدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا قولىدىكى ئامانەتلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرىدى. ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئامانەتلەرنى ئىگىلىرىگە تولۇق قايتۇرۇپ بەرگەندە كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئورۇنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بىرىشكە بولغان ھىرىسمەنلكىدىن ھەيران بولۇشتى. شۇڭلاشقىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇسۇلمانلارنى ھەر قانداق بىر ئىشتا راسىتچىل بولۇشقا تەۋسىيە قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى مىھرىبان ئاللاھنىڭ جەننىتى تەرەپكە سىلجىتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:«سىلەرماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئالتە تۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا كىپىللىك بىرىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كىپىل بولىمەن». بۇ ئالتە تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرى:«سىلەرگە ئامانەت قويۇلسا ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىڭلار!» دىگەن سۆز ئىدى.  
      پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى گەچە ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەر راسىتچىل، سەمىمى بولمىسىمۇ، ئوخشاشلا ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن ئىدى:«ئامانەتنى ئىگسىگە قايتۇرغىن، ساڭا خىيانەت قىلغان كىشىگە سەن خىيانەت قىلما!». پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتىن قاتتىق توساتتى. ئۇ زات ئامانەتكە خىيانەت قىلىشنى مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىلىرىدىن سانىغان. بۇ ھەقتە ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن:« مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ، ئۇ سۆز قىلسا يالغان سۆزلەيدۇ. ۋەدە قىلسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ. ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« راسىتچىل بولمىغان كىشىنىڭ ئىمانى بولمايدۇ، ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئادەمنىڭ ئىمانى بولمايدۇ».

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسالام كۈچلۈك ۋە ئىشەنىچلىك كىشى ئىدى

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسالام پىرئەۋىننىڭ ىيانكەشلىكىدىن قورقۇپ مىسىر زىمىندىن قىچىپ چىقىپ، ئاخىرىدا مەديەن ئاھالىسى ئىچىدىغان سۇ بويىغا يىتىپ كەلدى، ئۇ شۇ ئارىدا پادىلىرىنى سۇغارغىلى كەلگەن ئىككى قىزنى كۆردى-دە، ئۇ ئىككىسىنىڭ قىستاڭچىلىقتا ئەر كىشىلەر بىلەن تىگىشىپ قىلىشىدىن خەۋپسىرەپ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى ۋە ئارام ئالماق بولۇپ سايە جايغا بىرىپ ئولتۇردى. بۇ ئەھۋال مۇنداق بايان قىلىنغان: ﴿فَجَاءتْهُ إِحْدَاهُمَا تَمْشِي عَلَى اسْتِحْيَاء قَالَتْ إِنَّ أَبِي يَدْعُوكَ لِيَجْزِيَكَ أَجْرَ مَا سَقَيْتَ لَنَا فَلَمَّا جَاءهُ وَقَصَّ عَلَيْهِ الْقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفْ نَجَوْتَ مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ﴾[26-28:25] يەنى، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يىنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مىڭىپ كىلىپ قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بىرىش ئۈچۈن ئاتام سىنى چاقرىدۇ» دىدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيىبنىڭ) قىشىغا كىلىپ ئەھۋالنى ھىكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيىب :« قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دىدى. ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئىيىتتى:« ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، ئۇ سەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنىچلىكتۇر» دىدى. ئىبنى ئابباس ۋە مەدىنە قازىيسى شۇرەيىھ يۇقارقى ئايەت ھەققىدە مۇنداق دىگەن: «ئىككى قىزنىڭ بىرى:« ئۇ سەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنىچلىكتۇر» دىگەندە ئاتىسى شۇئەيىب :« سىز ئۇنى قانداق بىلدىڭىز» دەپ سورىغان، قىز دادىسىغا جاۋابەن بولغان ئەھۋالنى ئەينەن بايان قىلىپ مۇنداق دىدى:« ئۇ ئون ئادەم ئاران كۆتىرىدىغان تاشنى (قۇدۇق ئىغىزىنى ئىتىدىغان تاش) ئۆزى يالغۇر كۆتۈردى، مەن ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئالدىدا ماڭغىنىمدا ماڭا :« سىز مىنىڭ ئارقامدىن مىڭىڭ، ئەگەر يولدىن ئادىشىپ كەتسەم، تاش ئىتىپ يول كۆرسىتىپ قويۇڭ!» دىدى.

ئاز كۆرىلىدىغان سەمىمىيەت ۋە راسىتچىللىق

      مۇسۇلمانلار قوشۇنى قادىسىيە جىڭىدە پارىسلارغا قارشى زور غەلبىگە ئىرىشكەن مەزگىلدە سەئىد ئىبنى ۋەققاس كىسرانىڭ قەسىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇرۇشتا ئىرىشكەن غەنىمەت-ئولجىلارنى يىغىشقا بويرىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى مۇجاھىدلارغا ئۆزلىرىنىڭ تىگىشلىك نىسىۋىلىرىنى تەقسىملەپ بەرگەندىن كىيىن، ئاشقان قىسمىنى دۆلەت خەزىنىسىگە ئەۋەتىپ بىرىش ئىدى. مۇلازىملار ئەمىرىينىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلاۋاتقان پەيىتتە تۇرقىدىن جەڭنىڭ ئەسىرى چىقىپ تۇرىدىغان بىر كىشى لىقمۇ-لىق ئالتۇن-جاۋاھىراتلار، قىممەت باھالىق بۇيۇملار قاچىلانغان چوڭ ھەم ئىغىر بىر ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كىردى-دە، ئۇنى مۇلازىملارنىڭ ئالدىغا قويۇپ چىقىپ كىتىشكە تەمشەلدى.
كىشىلەر تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا:« بۇنچە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى قەيەردىن تاپتىڭ؟» دىدى. ئۇ كىشى:« جەڭدە پالانى جايدا ئىرىشكەن ئىدىم»دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇلار بۇ كىشىدىن يەنە سورىدى:« بۇ بايلىقلاردىن ئىلىۋالمىغانسەن؟». ئۇ كىشى تەمكىنلىك بىلەن سۆز باشلاپ:« ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت ئۈستىدە قىلسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مانا، بۇ بايلىقلار شۇ پىتى تۇرۇپتۇ، بارلىق پارىس شاھلىرىنىڭ توپلىغان بايلىقى- مۈلكى مىنىڭ نەزىرىمدە تىرناقنىڭ قىرىندىسىغا تەڭ ئەمەس. ئەگەر مەن ئاللانىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرمىگەن بولسام، ئەلۋەتتە، بۇ بايلىقلارنى ئورنىدىن يۆتكىمىگەن ۋە سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئىلىپ كەلمىگەن بولاتتىم» دەپتۇ.
بۇ كىشىدىن سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئالدىراپ سوراپتۇ :« ئاللاھ سىنى ھۆرمەتلىك قىلسۇن!، سەن كىم بولىسەن؟». ئۇ كىشى مۇنداق جاۋاپ بىرىپ :« ياق، مەن كىشىلەر مىنى ماختىسۇن دەپ سىلەرگە ئىسىم-زاتىمنى ئىيتىپ بىرەلمەيمەن، لىكىن مەن ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئۈمۈد قىلىمەن» دەپتۇ-دە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قەسىردىن چىقىپ كىتىپتۇ. ئۇلار بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمەك بولۇپ، بىرەيلەننى ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈپ مىڭىشقا بۇيرۇپتۇ. كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشى ھىلىقى كىشىنىڭ قەيەرگە ماڭغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ ۋە كوچا-يوللاردىكى كىشىلەردىن سوراپ-سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ بەسرە شەھرىدىكى ئامىر ئىبنى ئابدۇللا ئىسىملىك بىر زاھىد ئىكەنلىكىنى ئىيتىپتۇ. ئاللاھ بۇ بۈيۈك ساھابە ئىز باسارىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بارلىق ساھابىلىرىدىن رازى بولسۇن!.
سەمىمىيەت ۋە راسىتچىللىقنىڭ مۇكاپاتى
     ھىكايە قىلىنىدۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەمىرلەردىن بىرى ئاۋامنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولۇش ئويى بىلەن قەسىىرىدىن چىقىپتۇ ۋە بىر قانچە سائەتلەپ ئۇزۇن يوللارنى بىسىپ قاتتىق چارچاپ كىتىپتۇ-دە، ئارام ئالماق بولۇپ، بىر دەرەخنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپتۇ. شۇ ئارىدا ئۇ قارىغۇدەك بولسا كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يىگىت بىر پادا قوينى ئالدىغا سىلىپ ھەيدەپ كىلىۋاتقۇدەك. ئەمىر دەرھال ئۇ يىگىتنى توختىتىپ:« ئى يىگىت، قويلىرىڭ سىمىز ھەم پاكىز ئىكەن، قويدىن بىرنى سىتىۋالاي دەيمەن؟» دەپتۇ. يىگىت جاۋابەن:« بۇ قويلار مىنىڭ ئەمەس، ئەگەر مىنىڭ بولىدىغان بولسا سەن تاللىغان بىرىنى ساڭا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن بولاتتىم» دەپتۇ. ئەمىير يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:«خوجايىنىڭ ھازىر بىزنى كۆرەلمىگەندىكىن، قورقماي ماڭا بىر قوي سىتىپ بەرگەن بولساڭ». سىلى دىگەندەك قىلسام خوجايىنىمنىڭ قىشىغا بارغاندا قانداق قىلىمەن؟ دەپتۇ يىگىت. ئەمىر ئۇنىڭغا قاراپ: «توساتتىن بۆرە كىلىپ بىر قوينى يەپ كەتتى دىسەڭلا بولمامدۇ؟». پادىچى يىگىت ئەمىرنىڭ بۇ سۆزىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: « ئۇنداقتا قوي ئىگىسى يالغان گىپىمگە ئىشەنگەن تەقدىردىمۇ، بىزنى ھەر قاچان كۆرۈپ، سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان پەرۋەردىگارىم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا نىمە دەيمەن؟، ئەي نەمەلۇم يولۇچى، مىنى ئازدۇرىمەن دىمەي، يولىڭىزغا مىڭىڭ، مەن ساق-سالامەت قۇيۇمنى باقاي» دەپتۇ-دە، ئەمىرنىڭ سۆزىگە كەسكىن رەددىيە بىرىپ قويلىرىنى ھەيدەپ مىڭىپتۇ. پادىچى يىگىتىنىڭ سەمىمىيتىدىن مەمنۇن بولغان ئەمىر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مىڭىپتۇ. ئۇ ئىككىسى خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن قوي ئىگىسىنىڭ يىنىغا كەپتۇ-دە، ئەمىر ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ: «خوجايىن مەن سىلىدىن بۇ پادىچى يىگىتنى ۋە ئۇ بىقىۋاتقان بارلىق پادىلارنى سىتىۋالاي دەيمەن؟». ئەمىرنى تونىغان قوي ئىگىسى جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:« ئەمىر جاناپلىرى، سىلىنىڭ تەلەپلىرىنى ئەلۋەتتە يەردە قويغىلى بولمايدۇ، سىلى قانداق خالىغان بولسىلا شۇندا قىلايلى». ئەمىر سودىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يىگىتكە:« ئى ئوغلۇم، مەن سىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم، بۇ قويلار سىنىڭ راسىتچىللىقىڭ ۋە ساداقەتمەنلىكىڭنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە ساڭا ھەدىيەم بولۇپ قالسۇن» دەپتۇ.

بۇ تىمىدا يەنە يەنە بىر ھىكايە

      ئىلگىرى مەككىدە خوتۇن-بالىلىرى بىلەن مەككىلىك كەمبەغەل بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولسا كىچىدە ئىبادەت بىلەن كۈندۈزدە روزا بىلەن ئۆتىدىغان تەقۋادار سالىھ ئايال ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئائىلىنىڭ ھال-كۈنى تىخمۇ ناچارلىشىپ، تۇرمۇشى بارغانسىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈشكە باشلاپتۇ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يىگۈدەك بىرەر نەرسە يوق ئاچىلىقتا قاتتىق قىينىلىپتۇ. ئايالى ئىرىگە مەسىلھەت بىرىپ : « سىرىتلارغا چىقىپ، يىگۈدەك بىرەر نەرسە تىپىپ كەلمىسىىلە بولمىدى، ئاچىلقىتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى» دەپتۇ. ئايالىنىڭ بىچارىلىك بىلەن ئىيىتقان سۆزلرىدىن غەيرەتكە كەلگەن ئەر بىرەر دوسىت-يىقىنلىرىنى تىپىپ قەزىر سورىماقچى بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا چىپىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما قەزىر ئالغۇدەك بىرەر كىشىنى تاپالماپتۇ. ئۇ شۇ ئارىدا بىر بىسىپ-ئىككى بىسىپ كەئبىگە كىرىپتۇ-دە، كەئبىنىڭ يۇپۇقلىرىنى تۇتۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىشقا باشلاپتۇ:« ئى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ! سەن مىنى ھالال رىزقىڭ بىلەن ھارام نەرسىلەردىن بىھاجەت قىلغىن!، ئۆز پەزلى-رەھمىتىڭ بىلەن باشقىلارغا مۇھتاج بولۇپ قىلىشتىن بىھاجەت قىلغىن!». ئۇ كىشى دۇئادىن پارىغ بولۇپ، ھەرەمدىن چىقىشىغا ئاغزى ئىتىلگەن بىر ھەميان تىپىۋاپتۇ-دە، ئۇنى ئىچىپ قارىسا ئىچىدە مىڭ دىينار پۇل تۇرغۇدەك. بۇ كىشى قولىدىكى شۈنچە كۆپ پۇللاردىن قاتتىق خۇرسەن بوپتۇ ۋە ئالدىراپ ئۆيىگە كەپتۇ. ئۇ ئۇدۇل ئايالىنىڭ يىنىغا كىرىپ بولغان ئەھۋالنى ئىيىتقاندىن كىيىن ئۇنىڭ قانداق تاماققا تەۋى بارلىقىنى سوراپتۇ. ئايال ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئىرىگە:« سىلى دەرھال ھەرەمگە قايتىپ بىرىپ، بۇ پۇلنىڭ ئىگىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرسىلە، بۇ بىزگە ھالال بولمايدۇ» دەپتۇ. ئەر ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۆيگە قانداق ئالدىراپ كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق ئالدىراشلىق بىلەن ھەرەمگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ئاڭلىغۇدەك بولسا، بىر كىشى ھەميانىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاۋاتقان ئىكەن. كەمبەغەل ئۇ كىشىگە مۇنداق دەپتۇ:« مەن بايام بىر ھھەنيان تىپىۋالغان ئىدىم، لىكىن بۇ سىزنىڭمۇ، ئەمەسمۇ بىلمەيمەن، ئىچىدە نىمە بارلىقىنى ئىيتىپ باقسىڭىز؟». ئىچىدە ساقلا مىڭ دىينار بارئىدى دەپتۇ ئۇ كىشى جىددىيلىك بىلەن. ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان كەمبەغەل :« بۇ ھەميان راستىنلا سىزنىڭ ئىكەن، قىنى ئىلىڭ، ئاللاھ سىزگە بەركەت ئاتا قىلسۇن؟ دەپتۇ». ھىلىقى كىشى كەمبەغەلگە قاراپ:« بولدى ھەمياننى ماڭا قايتۇرماڭ! بۇ پۇللار سىزگە قىلغان ھەدىيەم بولسۇن، سىزگە يەنە 9 مىڭ دىينار پۇل بىرەي، جەمئى قىلغان سوۋغام 10مىڭ دىينار بولسۇن» دەپتۇ. بۇنچە كۆپ پۇلنى ئاڭلىغان كەمبەغەل ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇ كىشىگە:« مىنى مازاق قىلىۋاتامىسسىز ياكى دىگىنىڭىز راسىتمۇ؟» دەپتۇ. ياق، ئاللاھقا قەسەمكى، مىنىڭ سىزنى مازاق قىلىۋاتقىنىم يوق. مەن تولىمۇ پۇلدار بىر كىشىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتىم، خوجايىنىم مىنى بۇ پۇللارنى جەزمەن ھەقلىق كىشىلەرگە سەدىقە قىلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ماڭا:« مىڭ دىينار پۇلنى ھەميانغا سىلىپ ھەرەمگە تاشلاپ قويغىن، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن: «ھەميانىمنى يوقۇتۇپ قويدۇم» دەپ جاكارلىغىن، ھەمياننى تىپىۋالغان كىشى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا 9 مىڭ دىينارنىمۇ قىتىپ بىرىۋەتكىن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ساداقەتمەن، راسىتچىل كىشى بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر مۈلكىدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ ھەم باشقىلارغا سەدىقە-ئىھسانمۇ قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ سەدىقە دەل جايىغا بىرىلگەن بولىدۇ» دىگەن ئىدى دەپتۇ. نەتىجىدە بۇ كەمبەغەل ئۆمرىدە ئىرىشىپ باقمىغان كۆپ پۇلغا ئىرىشىپتۇ-دە، ھاجەتتىن چىققۇدەك ئاشلىق، ئۇزۇق-تۈلۈك سىتىۋاپتۇ ۋە پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى كىيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ، يەنە بىر قىسمىنى ئەتىراپىدىكى كەمبەغەل-يوقسۇلارغا سەدىقە قىپتۇ.

پادىشاھ ۋە راسىتچىل سودىگەرنىڭ ھىكايىسى

ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مەككىدە راسىتچىل بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىلىپ باشقا يۇرت-ئەللەرگە تىجارەت سەپىرىدە بولىدىكەن. بىر قىتىم ئۇ ياقا يۇرتلاردا سەپەر قىلىۋىتىپ، يىنىدا قورال-ياراغ ئىلىۋالغان نىقاپلانغان بىر ئوغرىغا يولۇقۇپ قاپتۇ. ئوغرى بىلەن سودىگەر ئوتتۇرسىدا تۆۋەندىكى دىئالوگلار بولۇپتۇ:
ئوغرى: «يىنىڭدىكى بارلىق پۇل-ماللارنى چىقار! بولمىسا سىنى جىنىڭدىن جۇدا قىلمەن» دەپتۇ قاتتىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىپ.
سودىگەر: پۇلنى ئالساڭ ئال، ئەمما مىنى ئۆلتۈرمە دەپتۇ تەمكىنلىك بىلەن.
ئوغرى: مال ئەلۋەتتە مىنىڭ بولىدۇ، مەن پەقەت سىنىڭ قىنىڭنى تۆكۈشنىلا ئويلايمەن.
سودىگەر: سەن راستىنلا مىنى ئۆلتۈرمەكچى ئوخشايسەن، مەن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇۋالسام قانداق؟
ئوغرى: بوپتۇ، خالىغىنىڭنى قىل
      سودىگەر شۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئىلىپ تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇپتۇ ۋە ئەڭ ئاخىرقى سەجدىدىكى دۇئاسىدا ئاللاھقا مۇنداق مۇناجات قىپتۇ: «مۆئمىن بەندىلەرنى دوسىت تۇتقۇچى ئاللاھ! بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ! خالىغىنىنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى ئاللاھ! ئى ئاللاھ! دەخلىگە ئۇچرىمايدىغان ئىززتىڭ، دەپسەندە قىلنمايدىغان ھوقوقۇڭ، ئەرشنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى توشقۇزغان ئىلاھى نۇرۇڭ بىلەن بۇ ئوغرىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى مۆئمىن بەندىلىرىگە ياردەم بەرگۈچى ئاللاھ ماڭا ياردەم قىلغىن!، ئى ياردەم بەرگۈچى ئاللاھىم ماڭا ياردەم قىلغىن! دەپ ئۈچ قىتىم ئاللاھقا ئىلتىجا قىپتۇ. شۇ ئارىدا سودىگەر قارىغۇدەك بولسا قولىدا نەيزە كۆتۈرۈۋالغان بىر چەۋەنداز كىلىۋاتقۇدەك، ئۇ ئۇدۇل كىلىپلا ئوغىرنى نەيزە بىلەن بىر زىخلاپلا ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپتۇ-دە، بۇ تەقۋادار، زاھىد سودىگەرنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن خۇش چىراي ئىچىپ مۇنداق دەپتۇ:« قورقماي ئورۇنلرىدىن تۇرسىلا» دەپتۇ. ئاتا-ئانام سىلى ئۈچۈن پىدا بولسۇن! نام-زاتىلىرى كىم بولىدىكىن؟ بۈگۈن ئاللاھ مىنى سىلى ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قالدى». مەن تۆتىنجى ئاسماندا تۇرۇشلۇق پەرىشتىلەردىنمەن. سەن تۇنجى دۇئايىڭنى قىلغىنىڭدا ئاسمان ئىشىكلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئاندىن ئىككىنجى دۇئايىڭنى قىلغان ۋاقىتتا ئاسمان ئىشىكلىرىنىڭ چۇقان سالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاخىرىدا ئۈچىنجى قىتىملىق دۇئايىڭنى قىلغاندا ماڭا: «بۇ پىشكەللىككە يولۇققان بەندىنىڭ دۇئاسى» دىگەن ئاۋاز كەلدى. مەن ئاللاھدىن ساڭا ياردەم قىلىپ ئوغرىنى ئۆلتۈرۈشنى سورىغان ئىدىم.

مۇبارەكنىڭ توي ھىكايىسى

ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مەلۇم بىر شەھەردە مۇبارەك ئىسىملىك تەقۋادار بىر ياش يىگىت بولۇپ، ئۇ تولىمۇ رايىش قۇل ئىكەن. ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ چىرايلىق بىر بىغى بار ئىكەن. بىر كۈنى خوجايىن مۇبارەكنى چاقرىتىپ ئۇنى باغنىڭ باشقۇرۇش ۋە پەرۋىش ئىشلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. مۇبارەك خوجايىنىنىڭ دىگىنى بويىچە باغقا بىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بوپتۇ، ئارىدىن تولۇق تۆت ئاي ئۆتكەندە خوجايىن بىر توپ دوسىت-بۇرادەرلىرىنى باشلاپ باغقا كىرىپ كەپتۇ. ۋە مۇبارەك بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى داستىخانغا ئالما، ئانار، ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلەردىن ئىلىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ. مۇبارەك ھايال ئۆتمەي ئالما، ئانار ۋە تىخى تولۇق پىشمىغان ئۈزۈملەرنى ئىلىپ كەپتۇ. خوجايىن ئۈزۈمنىڭ توڭ، تىخى پىشمىغانلىقىنى كۆرۈپ :« بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟ سەن تىخىچە مىۋىنىڭ تەملىك ياكى بەتتاملىقىنى پەرىقلەندۈرۈلمەمسەن؟»دەپتۇ. «سىلى مىنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەندىن بىرى، باغلىرىدىن ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سىلىپ باقمىدىم. شۇڭلاشقا مىۋىنىڭ تەمىنى راستىنلا بىلەلمەيمەن خوجايىن» دەپتۇ يىگىت سالماقلىق بىلەن. خوجايىن يىگىتنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەپتۇ ۋە ئۇ مىنى ئالداۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، بۇ يەردىكى قۇلۇم-قوشنىلاردىن قۇلىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپتۇ. قوشنىلار ئۇنىڭغا يىگىتنىڭ باغدىن بىرەر تال مىۋىنى يىگەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئىيتىپتۇ. مانا ئەمدى خوجايىن خىزمەتكارىنىڭ راستىنلا تەقۋادار، ساداقەتمەن كىشى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتۈپتۇ-دە، «ئى مۇبارەك مەن مۇھىم بىر ئىشتا سەن بىلەن مەسىلىھەت قىلاي دەيمەن» دەپتۇ خۇشاللىق بىلەن. يىگىت خۇش تەبەسسۇم بىلەن :«خوجايىن، بۇ قانداق ئىش ئىدى؟» دەپتۇ. خوجايىن خىزمەتكارىغا مۇنداق دەپتۇ : « سەن بىلىسەن، مىنىڭ مال-مۈلكۈم خىلىلا كۆپ، دۇنيالىقىمىدا بىرلا قىزىم بار، ئۇنىڭغا نۇرغۇن بايلاردىن ئەلچىلەر كەلدى. مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ قوياي دەيمەن، سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟». مۇبارەك تەمكىنلىك بىلەن خوجايىنىغا قاراپ دەپتۇ :«خوجايىن، يەھۇدىيلار بولسا ئايال تەرەپنىڭ پۇل-مىلىغا قاراپ ئۆيلىنەتتى، ناسارالار بولسا ئايال كىشىنىڭ ھۈسىن –چىرايىنى ئاساس قىلاتتى، ئەرەبلەر بولسا ئايال كىشىنىڭ نەسەب-ئىمتىيازىغا قارايىتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى بولسا تەقۋادارلىقى ۋە دىيانىتىنى ئۆلچەم قىلاتتى. سىلى يۇقارقىلاردىن قايسىسىنى تاللىغان بولسىلا، قىزلىرىنى شۇ تۈردىكى كىشىگە ياتلىق قىلسىلا!». خوجايىن بىلەن خىزمەتكار ئارىسىدا سۆھبەت يەنە داۋام ئىتىپتۇ. خوجايىن مۇبارەككە قاراپ دەپتۇ:« مەن ئەلۋەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىنى تاللايمەن. قىزىمنى چوقۇم تەقۋادار كىشىگە ياتلىق قىلىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئۆمرۈمدە سەندىنمۇ تەقۋادار بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. سىنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئازات قىلدىم ۋە قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بەردىم ». يىگىت قىزنى نىكاھىغا ئاپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئوغۇل يۈزى كۆرۈپتۇ. بالىغا «ئابدۇللا» دىگەن ئىسىم قويۇلۇپتۇ. مانا بۇ بالا مەشھۇر ئۆلىما، تەقۋادار زاھىد، «شەيخۇل ئىسلام» (ئىسلام پىشىۋاسى) دىگەن كاتتا نامغا مۇشەررەپ بولغان ھەزىرتى ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەكتۇر.

ئامانەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللرى

      ئاللاھ بىزنى رىئايە قىلىشقا ۋە ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان ئامانەت پەقەت كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلاپ بىرىش ئامانىتىنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئامانەت يەنە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ساڭا قىممىتى تۆۋەن بولسىمۇ بىرەر نەرسىسىنى ساڭا مۇئەييەن مۇددەتكىچە ساقلاپ بىرىشكە بەرسە، بۇ ساڭا بىرىلگەن ئامانەت بولىدۇ. باشقىلارنىڭ سىر-مەخپىيەتلىكلىرىنى ساقلاش بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ساڭا قويۇلغان ئامانەت، ساڭا بىر ئادەم بىر پارچە مەكتۇپ ياكى سالامنامەنى بىرەر جايغا يەتكۈزۈش بىرىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا ئۇنى كەم-زىيادە قىلماستىن ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىشمۇ ساڭا بىرىلگەن ئامانەت. سەن بىرەر جايدا گۇۋاھلىققا چاقرىلغىنىڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭنى قىلچە ئۆزگەرىتمەستىن ئەينەن سۆزلىشىڭ بۇ بىر ئامانەت. يەنە ۋاقىت بىزگە بىرىلگەن ئامانەت، بىز ھاياتىمىزنى پەقەت پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىشىمىز، ئۆمرىمىزنى ئاللاھ غەزەپلىنىدىغان ئىشلاردا زايا قىلىۋەتمەسىلىكىمىز كىرەك. ناماز، روزا قاتارلىق ئاللاھ بىزگە بۇيرىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش بىزگە يۈكلەنگەن ئەڭ چوڭ ئامانەت. دىمەك، بىز نامازنى ئاللاھدىن ئەيمەنگەن ھالدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ۋاقتىدا، تولۇق ئۇقۇساق، بىز ئامانەتنى ئادا قىلغان يەنى ئىگىسىگە ساق-سالامەت تاپشۇرغان بولىمىز. يەنە ئىلىم-سىتىمدا راسىتچىل بولۇشمۇ ئامانەت. ھەقىقى ئىشەنىچلىك سودىگەر-تىجارەتچى خىرىدارغا ۋاپادار بولىدۇ، مالنىڭ سۈپىتىنى ئىيىتماي تۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا ساتمايدۇ. ھەرگىزمۇ مال-تاۋارنىڭ ئەيبىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنمايدۇ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئالدامچىلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: «بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس». ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئامانەت. سەن بىرەر ساۋاقدىشىڭغا مەلۇم بىر ۋاقىتتا ياكى مەلۇم بىر جايدا كۆرۈشۈشكە ۋەدە قىلغان بولساڭ، دەل شۇ ۋاقىت ياكى شۇ جايغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىڭ ئامانەت. سەن دەل ۋاقتىدا بارالمىساڭ ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسەن. ئىىلم ئۆگىنىش بولسا بىر ئامانەت. يەنە ئۆگەنگەن بىلم بىلەن كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش يەنە بىر ئامانەت. تىنىمىز بىزگە بىرىلگەن ئامانەت، بىز تەن ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز، بەدىنمىزنى پەقەت ياخشى ۋە پايدىلىق ئىشلارغىلا ئىشتىلىشىمىز لازىمدۇر. ھەر بىر ئىشنى بىپەرۋالىق قىلماستىن پۇختا قىلىش ئامانەت. دىمەك ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ دەرسىلىرى ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تاپشۇرۇقلىرىغا نىسبەتەن ئامانەتدار ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ئىمتىھاندا ئىمتىھان قائىدىسىگە بۇيسۇنىشى، ئالدامچىلىق قىلماسلىقى ۋە باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغىمۇ ھەمدەم بولماسلىقى كىرەك. ئوقۇتقۇچى ئۆز نۆۋىتىدە ئۆىنىڭ كەسپى، بىلىمى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئامانەتداردۇر. خىزمەتچى بولسا ئۆز خىزمىتىگە نىسبەتەن ئامانەتدار ھىسىاپلىنىدۇ، دىمەك ئۇ خىزمەت تەرتىپى بويىچە كىشىلەرگە لايىقىدا مۇلازىمەت قىلىشى، ئىش بىجىرىشى كىرەك. ئەسكەر ئۆز ۋەتىنىگە نىسبەتەن ئامانەتدار، شۇڭلاشقا ئۆز ئىلىنى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئە قىلىش كىرەك. ئانا بولسا ئائىلىسى ۋە بالىلىرىغا نىسبەتەن ئامانەتدار، ئۇ چوقۇم ئائىلىسىگە كۆيىنىشى، پەرزەنىتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىشى كىرەك. ھەر بىر كىشىگە تاپشۇرۇلغان ئۆزى ۋە باشقىلارغا پايدىلىق بولغان ھەر بىر ئىش ۋە خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئامانەت، شۇڭلاشقا ئۇ ئۆز ۋەزىپسىنى ياخشى ياخشى ئادا قىلىشى كىرەك.

راسىتچىللىقنىڭ پەزىلىيىتى

       راسىتىچىللىقنىڭ پەزىلەت-خىسلەتلىرى تولىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۆەندىكىچە:
1. راسىتچىل ئادەمنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ كىشىنى باشقىلارمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
2. راسىتچىل ئادەمگە ئەتىراپىدىكى كىشىلەر چىن پۈتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم مۇئامىلە قىلالايدۇ. كىشىلەر ئەمما سەمىمىيەتسىز-راسىتچىل بولمىغان ئادەم بىلەن خاتىرجەم مۇئامىلە قىلالمايدۇ.
3. جەمىئەتتە راسىتچىللىق-ساداقەتمەنلىك كۈچەيسە كىشىلەر بىر-بىرىدىن خاتىرجەم بولىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئىشىندۇ. شەخىسلەر ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا مۇھەببەت-كۆيۈم، ھەمكارلىق، قىرىنداشلىق قاتارلىق ئىسىل خىسلەت-پەزىلەتلەر كۆپىيىدۇ.
4. راسىتچىللىق-ساداقەتمەنلىك تۈرلۈك غەم-قايغۇ، قۇرقۇنىچ-ئەندىشىلەرنى يۇوقىتىشتىكى مۇھىم ئامىل.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم غارغا قاپسىلىپ قالغان ئۈچ كىشى ھەققىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە تۆەندىكىدەك تارىخ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ئۈچ كىشى بىر غارغا كىرىشىگە ئۈستى تەرەپتىن يوغان بىر تاش چۈشۈپ غار ئىغىزىنى توسۇۋالغان. ئۇلار بۇنىڭغا ھىچ ئىلاج قىلالماي، ئاخىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئىلىشىپ دۇئا قىلماقچى بولغان. ئۇلاردىن بىرى ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان. يەنە بىرى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، پاھىشە ئىشتىن ساقلىنىپ قالغان. يەنە بىرەيلەن بولسا ئۆزىنىڭ راسىتچىل ۋە ئامانەتدارلىقى بىلەن تەقۋادارلىق قىلغان كىشى ئىدى. بۇ كىشى دۇئاسىدا ئاللاھقا مۇنداق مۇناجات قىلدى:« مەن نۇرغۇن ئادەمنى ئىشلىتىپ، ھەققىنى ۋاقتىدا بەرگەن ئىدىم، لىكىن مەن ئىشلەتكەن ئادەملەردىن بىرى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالماي كىتىپ قاپتۇ. ئارىدىن خىل ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپ، ئۇ كىشىنىڭ ئەجىر-ھەققى خىلى كۆپىيىپ قالدى. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنى ئىزدەپ كىلىپ مەندىن ھەققىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دىدى:« ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى، مىنىڭ ئەجرىمنى بىرىۋەتكىن». مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: « سەن كۆرۈۋاتقان بۇ بىر توپ تۆگە، كالا، قوي ۋە قۇل ھەممىسى سىنىڭ ھەققىڭ» دىدىم. ئۇ مىنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنمىگەن قىياپەتتە :« مىنى مازاق قىلما، بۇنچە كۆپ ماللار قانداقسىگە مىنىڭ ھەققىم بولسۇن» دىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن:« ئۇنداق ئەمەس، سىنى مازاق قىلىۋاتقىنىم يوق، بۇ ماللار راستىنلا سىنىڭ» دىدىم. ئاندىن ئۇ كىشى مىنىڭ سۆزۈم بويىچە بۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئىلىپ كەتتى. ئى ئاللاھ! ئەگەر مەن بۇ ئىشنى پەقەت سىنىڭ رازىلىقىڭنىلا كۆزلەپ قىلغان بولسام، بىزنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغايسەن!» دەپ دۇئا قىلدى-دە، شۇئان تاش سۈرۈلۈپ غارنىڭ ئىغىزى ئىچىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غاردىن ساق-سالامەت چىقىۋالدى.
5. راسىتچىللىق-ساداقەتمەنلىك بولسا كىشىنى بۈيۈك پىردەۋىس جەننىتىگە ئىرىشتۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ راسىتچىل مۇسۇلمانغا پىردەۋستىن ئىبارەت جەننەتتىكى كاتتا بىر جاينى ھازىرلىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: ﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ أُوْلَئِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾[11- ،10-،9،8- : 23] . يەنى، ئۇلار(مۆئمىنلەر) ئۆرلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا) ئادا قىلغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار ( يەنى يۇقىرىقى سۈپەتكە ئىگە مۆئمىنلەر نازۇ-نئمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر. ئۇلار ( يۇقىرى دەرىجىلىك) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فردەۋىستە مەڭگۈ قالىدۇ.

ئوغۇرلۇق ۋە خىيانەتتىن يىراق تۇرۇڭ!

      سۆيۈملۈك ئوغلۇم! ئوغۇرلۇق ۋە خىيانەت قاتارلىق يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ! ئەگەر سىنىپتا بىرەر ساۋاقدىشىڭىز قاندق نەرسە-كىرەكلىرىنى قانداق مۇددىئا-مەقسەتتە قويۇپ قويىشدىىن قەتئىينەزەر، ئىگسىنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىلماڭ! ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز ئۆيدە بىرەر نەرسە قويۇپ قويسا ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىلماڭ! شۇنىڭدەك ھىچقاچان، ھەر قانداق بىر جايدا رۇخسەتسىز ھەر كىمنىڭ مۈلكىگە كۆز قىرىڭىزنى سالماڭ! چۈنكى ئوغۇرلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى توسقان چەكلىگەن ئەڭ يامان ئىللەت ۋە قەبىھ گۇناھتىن ئىبارەت. قانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىلىۋىلىپ، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھەق ئىگىسىگە ئىلىپ بىرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرنىڭ بىرىدە ساھابىلرىدىن :« سىلەر مۇفلىس ( بارلىق مۈلكىدىن ئايرىلغان ئادەم) نىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىغان ئۇلار: « بىز پۇلى، مال-مۈلكى بولمىغان ئادەمنى مۇفلىىس دەپ قارايمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن:« مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىكى ھەقىقى مۇفلىس بولسا، قىيامەت كۈنىدە ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق ئەمەللىرى كەلگەن، لىكىن ئۇ دۇنيا ھاياتىدا بۇنى تىللىغان، بۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان، بۇنىڭ مىلىنى يەۋالغان، بۇنىڭ قىنىنى تۆككەن، بۇنى ئۇرغان بولغاچقا، ئەمدى ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بۇنىڭغا، يەنە بۇنىڭغا بۆلۈپ بىرىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقلىرى ئۈستىدىكى ئادا قىلىشقا ھەققى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ تۈگەپ كەتسە، ھەق ئىگىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئىلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ.

قىزىقارلىق ھىكايە

   مەلۇم بىرى كۈنى تىخى ئالتە ياشلارغا كىرمىگەن كىچىك بىر بالا چوڭ بىر سودا سارايغا كىرىپتۇ. بالىنىڭ بوي-بەستى بەكلا كىچىك بولغاچقا، سارايدىكى شۇنچە كۆپ تىلكامىرالارنىڭ چاققان كۆزلىرىمۇ ئۇنى بايقىيالماپتۇ. بالا ساراينى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئۇدۇللا ھىساۋات ئۈستىلىگە يىقىنلاپ كەپتۇ-دە، قولىدىكى چوڭ تاپانچىنى ساراي خوجايىنىغا تەڭلەپ ئۈستەلدىكى بارلىق پۇللارنى بىر سومكىغا سىلىشقا بۇيرۇپتۇ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن خوجايىن ئامالسىزلىقتىن بالىنىڭ دىگىنىدەك قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. بالا لىق پۇل قاچىلانغان سومكىنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا چىقىپتۇ-دە، ۋىلىسپىتىگە مىنىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ساقچىلار بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تىپىپ جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈپتۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي بالىنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەپتۇ. بالا ئۆيىدە بىخارامان تۇرغىنىدك، ساقچىلار ئۇنىڭدىن بولغان ئەھۋالنى سوراشقا باشلاپتۇ . بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتتىق قورقۇپ كىتىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ زادى نىمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ گەپكە قۇلاپ سىلىپ تۇرۇپتۇ. بالا تىخى بايىلا تاتلىق-تۈرۈم ۋە بىر مۇنچە ئويۇنچۇقلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىكەن. بالا ھىچ ئىش بولمىغاندەك، جىدىيلەشمەستىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقىچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىشكە باشلاپتۇ. ئۇلار بالىدىن ئوغۇرلۇقتا ئىشلەتكەن جىنايەت قورالى-تاپانچا توغۇرلۇق سوراپتۇ. مانا ئەمدى، ھەممە ئادەمنى چۈچۈتكەن ھەم قورقۇنۇچلۇق ھەم كۈلكىلىك بىر ئىش ئاشكارە بوپتۇ. ئەسلىدە بالىنىڭ قولىدىكى سۇ تاپانچىسى بولۇپ، بالا ئۆزى كۆرگەن بىر كىنو پىلىمىدىكى كۆرۈنۈشنى دوراپ، سۇ تاپانچىسى ئوينايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈۋالغان ئىكەن. ساقچىلار ئوغرىلىغان پۇلنىڭ نەدىلىكنى سورىغاندا بالا يەنە ھىچنىمە بولمىغاندەكلا پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئويۇنچۇق ۋە ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى ئىلىپ تۈگەتكەنلىكىنى ئىيىتقان. سىز ئەمدى ئالدىرىماي ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭ! بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ شۇنداق ئىيتالايمىزكى، تىخى ئەقلىنى توختاتمىغان بۇ سەبى بالا ئۆزى كۆرگەن كىنو پىلىمىدىكى بىر پىرسۇناژنى دوراپ شۇنداق قىلغان. قىنى ئىيتىڭە! ئەنە شۇنداق قانۇنغا خىلاپ، ئەخلاقسىز قىلمىشلار تەسۋىرلەنگەن كىنو پىلىملىرىنىڭ ئۆسمۈر بالىلىرىمىز ئۈچۈن قانچىلىك يامان تەسىرى بولار؟.

راسىت سۆزلۈك بولۇش

سۆيۈملۈك جان-جىگەر بالىلىرىم! راسىت سۆزلۈك-راسىتچىل بولۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۈيۈك سۈپەت-خىسلەتلىرىدىن بولۇپ، بىز چوقۇم ئۆزىمىزدە بۇ ئىسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرىشىمز كىرەك. مۈئمىن كىشىنىڭ راسىت سۆزلۈك بولىشى نىمىدىگەن ئىسىل ئىش ھە! دىمەك، مۈئمىن ئادەم يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئاللاھ يالغانچى-كاززاپلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالايدىغان تۇرسا، مۈئمىن كىشى بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ يالغان سۆزلىسۇن؟. ئۇ يەنە راسىتچىل كىشىلەرنىڭ مىھرىبان ئاللاھنىڭ دوستى ۋە ئاللاھنىڭ بۇنداق كىشىلەردىن رازى بولۇپ جەننىتىگە داخىل قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، قانداقمۇ راسىت سۆزلۈك بولمىسۇن؟ مۈئمىن يەنە ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى، يىتەكچىسى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئامانەتدار، راسىتچىل دىگەن سۈپەتلەر بىلەن ئاتالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قانداقسىگە راسىتچىل بولماي تۇرالىسۇن؟ قىنى كىلىڭلار! بىز ھەمىمىز بىرلىكتە چىن قەلبىمىزدىن ئۆزىمىزگە راسىتچىللىق ۋە راسىتچىل كىشىلەرنى ھەمراھ قىلىپ ياشايلى!

قۇرئان ۋە ھەدىستىكى راسىتچىللىق

      ئى مۈئمىنلەر! ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۈئمىن بەندىلىرىنى راسىتچىل كشىلەردىن بولۇشقا ئۈندەپ مۇنداق دىگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللّهَ وَكُونُواْ مَعَ الصَّادِقِينَ﴾[9:119] يەنى، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راسىتچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار. ﴿ وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ﴾[33:35] راسىتچىل ئەرلەر ۋە راسىتچىل ئاياللار . ﴿ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ﴾[47:21] يەنى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشقان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. بەلكى ئاللاھ راسىتچىللىقنىڭ كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زور مەنپەئەت بىرىدىغانلىقىنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دىگەن: ﴿قَالَ اللّهُ هَذَا يَوْمُ يَنفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا رَّضِيَ اللّهُ عَنْهُمْ وَرَضُواْ عَنْهُ ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾[5:119] يەنى، ئاللاھ ئىيتىدۇ: «بۇ كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) راسىتچىللارنىڭ راسىتچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئىقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەخىتتۇر». ئاللاھ شۇ ۋەجىدىن بىزنى يالغانچىلىقتىن قاتتىق توسقان، چۈنكى يالغانچىلىق بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كىشىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ناچار قىلمىشدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: ﴿وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ تَرَى الَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى اللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسْوَدَّةٌ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْمُتَكَبِّرِينَ﴾[39:60] يەنى، قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟. مانا بۇ ئايەت بىزنى راسىتچىللىققا ئىلھاملاندۇرۇپ، يالغانچىلىقتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرماقتا. يەنە راسىتچىللىققا بۇيرۇپ، يالغانچىلىقتىن چەكلىگەن ھەدىسلەر تولىمۇ كۆپ بولۇپ، بىز پەقەت ئۇلار ئىچىدىن بىر قانچە ھەدىسنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
      ھەزىرتى ئەلىينىڭ ئوغلى ھەسەندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دىگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى يادلىۋالغان ئىدىم :« سەن قەلبىڭدە شەك بولۇپ قالغان ئىشنى تاشلاپ، شەك بولمىغان ئىشقا يۈزلەنگىن، چۈنكى راسىتچىللىق بولسا خاتىرجەملىك، يالغانچىلىق بولسا ئەنسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دىگەن: « تۆت خىل خىسلەت بار بولۇپ، ئەگەر سەندە تۆت تۈرلۈك خىسلەت بولسا قولدىن كەتكەن دۇنيالىقىڭ ساڭا ھىچ زىيان ئىلىپ كىلەلمەيدۇ. ئۇلار بولسا، راسىت سۆزلۈك بولۇش، ئامانەتنى ساقلاش، گۈزەل خۇلىقلىق بولۇش، يىمەك-ئىچمىكى پاك بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزنى جەننەت تەرەپكە باشلاپ مۇنداق دىگەن :« شۈبھىسىزكى، راسىتچىللىق كىشىنى ياخىشىلىققا يىتەكلەيدۇ. ياخشىلىق بولسا كىشىنى جەننەتكە يىتەكلەيدۇ. بىر ئادەم ھەر قاچان راسىت سۆزلىسە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا راسىتچىل بەندە دەپ پۈتىلىدۇ. يالغانچىلىق بولسا، كىشىنى يامانلىققا باشلايدۇ، يامانلىق بولسا كىشىنى دەۋزەخكە باشلايدۇ. بىر ئادەم ھەر قاچان يالغان سۆزلىسە ئاللاھنىڭ ھۇزورىدا يالغانچى بەندە دەپ پۈتىلىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دىگەن: سىلەر ماڭا چىن قەلبىڭلار بىلەن ئالتە تۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا كاپالەت بىرىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كاپالەت بىرىمەن، يەنى سۆز قىلساڭلار راسىت سۆزلەڭلار، ۋەدە قىلساڭلار ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىڭلار، سىلەرگە ئامانەت بىرىلسە ئىگىسىگە تاپشۇرۇڭلار، جىنسى ئەزالىرىڭلارنى زىنا-پاھىشىدىن ساقلاڭلار، نامەھرەملەرگە (سىلەر نىكاھلىنىشقا بولىدىغان ئاياللارغا) قارىماڭلار، باشقىلارغا يامانلىق قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دىگەن :«مەن قىلغىنى ھەق تۇرۇپمۇ، جىدەل-ماجرانى تەرك قىلغان كىشىنىڭ جەننەت مەنزىللىرى ئەتىراپىدىكى قەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا، گەرچە ئويۇن-چاقچاق قىلسىمۇ يالغان گەپنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ جەننەتنىڭ قاپ ئوتتۇرىدىكى قەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا، ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن قىسمىدىكى قەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا كاپالەت بىرىمەن».

راسىت سۆزلۈك كارتىنىلىرى

      راسىتچىللىقنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىغان بىر قانچە خىل كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. گەپ-سۆزدىكى راسىتچىللىق
مۇسۇلمان كىشى سۆز قىلسا ناھەق يالغان سۆز قىلمايدۇ. ئەگەر بىرەر خەۋەر يەتكۈزسە، ئەمەلى ئەھۋالنى ئەكسچە بايان قىلمايدۇ. چۈنكى يالغان سۆزلەش بولسا مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: « مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ. ئامانەت بىرىلسە خىيانەت قىلىنىدۇ».
2. ئىرادىدىكى راسىتچىللىق
مۈئمىن كىشى قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشتا گاڭگىراپ قالمايدۇ، بەلكى ئىرادە باغلىغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارمىغۇچە بوشاشماي ۋە يەنە بىر ئىش بىلەن ئاۋارە بولماي قەتئى رەۋىشتە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
3. مۇئامىلىدىكى راسىتچىللىق
مۇسۇلمان كىشى باشقىلار بىلەن قىلغان مۇئامىلىسىدە راسىتچىل بولىدۇ، ساختىپەزلىك قىلمايدۇ، باشقىلارنى ئالدىمايدۇ، ھىيلە-مىكىر قىلمايدۇ، ھەر قانداق شارائىتتا باشقىلارنى قويمايدۇ.
4. قىلغان ۋەدىسىدە راسىتچىللىق
مۇسۇلمان كىشى بىراۋغا ۋەدە قىلسا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قالمايدۇ، چۈنكى ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسىدۇر.
5. روھى ھالەت-قىياپەتتىكى راسىتچىللىق
مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يۇشۇرمايدۇ ۋە ئەسلى ھالىتىگە قارشى قياپەتتە تۇرمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىكى راسىت سۆزلۈك كۆرۈنۈشلىرى

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بارچە ئەھۋالى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ سۆزلىرىدە ئەڭ راسىتچىل ئىدى. قىنى كىلىڭلار! بىز بىرلكىتە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پەيەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىكى راسىتچىللىق-سەمىمىيەتنىڭ شانلىق سىمالىرىنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ ياشايلى! قۇرەيىش خەلقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئامانەتدار، راسىتچىل كىشى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغان ئىدى. دۈشمەننىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋە ئىقرارى پولاتتەك پاكىت بولالايدۇ. بۇ نىمىدىگەن كاتتا ئىش ھە!.
      مانا، ئەبۇ سۇفيان مەككە ئازات قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرىدىن ئىدى. ئۇ شۇنداقتىمۇ رۇم پادىشاھى ھىرەقلىنىڭ ھۇزۇرىغا ئەلچى سۈپىتىدە كەلگىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ راسىتچىللىقىنى ئىقرار قىلماي تۇرالمىغان. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئەبۇ سۇفيان تەكلىپ بويىچە قۇرەيىشنىڭ بىر بۆلۈك سودا كارۋانلىرىنى باشلاپ ھىرەقلى بىلەن كۆرۈشكىلى كىلىدۇ، ھىرەقلى ئەبۇ سۇفيان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن قۇرەيىش كارۋانلىرىنى ھۇزۇرىغا چاقرىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھىرەقلىنىڭ ئەتىراپىدا رۇم كاتتىلىرى بار ئىدى. ئۇ (ھىرەقلى) تەرجىمانىنى چاقرىتىپ ئۇلاردىن : ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان كىشىگە ئاراڭلاردا كىمنىڭ نەسىبى ئەڭ يىقىن؟ دەپ سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوتتۇرسىدا تۆۋەندىكى سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن:
ئەبۇ سۇفيان: مىنىڭ نەسىبىم يىقىن.
ھىرەقلى: ئۇنى ماڭا يىىنمىغا ئىلىپ كىلىڭلار، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ يىقىن ئەكىلىڭلار، ئۇنى ھەمراھلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا قويۇڭلار. ئاندىن ئۇ تەرجىمانىغا قاراپ مۇنداق دىدى: ئۇلارغا ئىيىتقىن، مەن بۇنىڭدىن ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان كىشى توغرۇلۇق سورايمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا يالغان سۆزلىسە، ئۇنىڭ سۆزىنى يالغان دىسۇن!. ئەبۇ سۇفيان شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى بايان قىلىۋىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلمەنكى، ئۇلارنىڭ مىنى يالغانچى دەپ قىلىشىدىن ئۇيالمىغان بولسام، ئەلۋەتتە مۇھەممەد (ئەلەيھىسالام) ھەققىدە يالغان سۆزلىگەن بولاتتىم.
ھىرەقلى ئەبۇ سۇفياندىن سورىغان سۇئاللار قاتارىدا يەنە باشقا مەزمۇنلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ھىرەقلى: ئۇ كىشى سىلەرنى نىمىگە بۇيرۇيدۇ؟
ئەبۇ سۇفيان: ئۇ بىزگە : «يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھىچبىر نەرسىنى شىرىك قىلىۋلماڭلار، ئاتا-ئەجداتلىرىڭلار ئىيىتقان خاتا سۆزلەرنى قىلماڭلار» دەيدۇ ۋە بىزنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ، يەنە راسىتچىل بولۇشقا، پاك-ئىپپەتلىك بولۇش ۋە سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قۇرەيىش چوڭلىرىدىن بىرى مەككە يوللىرىنىڭ بىرىدە ئەبۇ جەھىل بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغان ۋە ئۇنى يولدىن توختىتىپ :«ئەي ئەبۇلھەكەم، بۇ يەردە سەن بىلەن مەندىن باشقا ھىچكىم يوق. مەن سەندىن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ سورايمەنكى، مۇھەممەد راسىت سۆزلەمدۇ ياكى يالغان سۆزلەمدۇ؟ دىگەندە ئەبۇ جەھىل ئىنق قىلىپ مۇنداق دىگەن :«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇھەممەد راسىتچىل كىشى، ئۇ ئەسلا يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان. يەنە خەدىچەنى تىلغا ئىلىپ ئۆتىدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆزىگە تۇنجى قىتىم ۋەھى كەلگەندە، كۆكرەك مۈسكۈللىرى تىتىرىگەن ھالدا ئايالى خەدىچەنىڭ قىشىغا كىلىپ :«مىنى يۆگەپ قويۇڭلار! مىنى يۆگەپ قويۇڭلار!» دىگەن. خەدىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قورقۇنجىسىنى پەسەيىتمەك بولۇپ تۆەندىكى سۆزلىرىدىن باشقا بىرەر ئامال تاپالمىغان: «ئۇنداق ئەمەس، قورققۇدەك ھىچ ئىش يوق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىلىنى مەڭگۈ خار قىلمايدۇ، چۈنكى سىلى ئۇرۇق-تۇققانلارغا كۆيىنىىلا، راسىت سۆزلەيلا، ئىغىرچىلىققا تاقەت قىلىلا، مىھماننى ياخشى كۈتىلا، ھەق يولدا قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغانلارغا ياردەم بىرىلا».

راسىتچىللىق نىجاتلىق دىمەكتۇر

     بىز راسىتچىللىق ۋە ئۇنىڭ پەزىلىيىتى ھەققىدە توختىلىۋاتقان بۇ مىنۇتلاردا ئەخلاق ئالىمىدىكى مەشھۇر چولپان بىلەن ئازراق تونۇشۇپ ئۆتەيلى! سىلەر بۇ داڭلىق چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ بولسىمۇ سادىقجاندۇر. مانا بۇ يەردە داڭلىق دىكتور-رىياسەتچى باھائىدىن بىلەن سادىقجان ئوتتۇرسىدا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئائىلە باغچىسى گۈزەللىك قۇرۇلۇشى بايرىمىدا كۆپلىگەن گۈزەللىك چولپانلىرى قاتناشقان بۇ كاتتا يىغىلىشقا قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇ نامدار چولپانلار ئارىسىدا ئائىلە باغچىسى شەرەپ ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز، نامدارچولپان سادىقجان بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىش تەييارلىقىدا تۇرماقتا.
       ئەمدى ھۇزۇرۇڭلارغا داڭلىق دىكتور-رىياسەتچى باھائىدىننىڭ بىۋاستە تىلىۋىزىيە ئاڭلىتىشنى سۇنىمىز:
رىياسەتچى باھائىدىن: بىزنىڭ ئەزىز مىھمىنىمىز، نامدار چولپان سادىقجان قىنى مەرھەمەت؟
نامدار چولپان سادىقجان: خوش كەپسىلەر، قەدىمىڭلارغا مەرھابا! مەن ھەر قايسى جايلاردىكى سۆيۈملۈك دوسىتلرىم سادىقجانلارنى كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.
رىياسەتچى باھائىدىن: بىز ئالدى بىلەن بۇ ئەزىز مىھمىنىمىز، نامدار چولپان سادىقجاندىن گۈزەللىك چولپىنى دىگەن كاتتا سۈپەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ مۇراسىمدا بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلگەنلىكىنى سوراپ باقساق؟
سادىقجان: بولىدۇ، ھەقىقى گۈزەللىك دىگىنىمىز، دىللار سۆيىنىدىغان، قەلىبلەر خۇرسەن بولىدىغان ياخشىلىق ۋە چىن مەنىدىكى ساپلىقتىن ئىبارەت. گۈزەللىك ئومومەن ئىككى خىل مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بىرى ئەخلاقى-مەنىۋى گۈزەللىك، يەنى بىرى تەن-چىراي گۈزەللىكى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقى-ھەقىقى گۈزەللىك ھەر قاچان داۋام ئىتىدۇ، يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما چىراي-تەن گۈزەللىكىگە كەلسەك، كۆزلەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسىمۇ ئەمما قەلىبلەر ئۇنىڭدىن بىزار بولىدۇ. دىمەك بىز بارچە قەلىبلەر بىزار بولمايدىغان، ھەممە دىللار يىرگەنمەيدىغان ئەخلاقى-ھەقىقى گۈزەللىكتۇرمىز. قانداق كىشى بىزنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ھازىر قىلسا ئۇ چىن مەنىدىكى گۈزەللىك ساھىبى بولالايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ تەن-قۇرۇلمىسى ئەيىبناك بولسىمۇ جىمى قەلىبلەر ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. بىزدىن ئىبارەت ھەقىقى گۈزەللىك بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق بىر قەلىب ۋە دىل خاتىرجەم-سائادەتمەن بولالمايدۇ، بىز ئىنسانىيەت ئالىمىدىن يوقالساق جەمىئەتتە خاتىرجەملىك ۋە تىنىچ-ئامانلىق بىز بىلەن تەڭ يوقىلىدۇ.
     گۈزەللىكىمنىڭ مەنىسى شۇكى، مەن ۋە نىجادلىق ئىككىمىز قوشكىزەك بولغاچقا بىر-بىرىمىزدىن ئەسلا ئايرىلىپ كەتمەيمىز. مەن بۇ مۇراسىم ھەيئىتىگە يۇقارقى يەكۈننى ئىسپاتلاش توغىرسىدا تەلەپ قويغان ئىدىم، ئۇلار خىزمىتىمنى قوبۇل كۆرۈپ ماڭا«گۈزەللىك چولپىنى» دىگەن نامنى بەردى. سەلەپلەر دەۋرىدىكى ئالىملاردىن بىرى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىدە راسىتچىللىق خىسلىتىنى يىتىلدۈرۈپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلم تەھسىل قىلىش نىيىتىدە مەككىدىن باغدادقا بىرىشقا تەمشەلگىنىدە ئانىسى ئۇنىڭ خىراجىتىگە 40 دىينار پۇل بىرىپتۇ ۋە راسىتچىل بولۇش ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلىپ يولغا ساپتۇ. ئۇ ماڭا-ماڭا ھەمەدان تەۋەلىكىگە كەلگەندە بىر توپ قاراقچىلارغا يولۇقۇپ قاپتۇ، ئۇ بالا بىلەن بىر توپ كارۋان بارئىكەن. قاراقچىلار ئاۋۋال كارۋاننىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىپتۇ، شۇ ئارىدا قاراقچىلاردىن بىرى بالىنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۇنىڭدىن:«يىنىڭدا نىمە بار؟» دەپ سوراپتۇ تولىمۇ قوپال ۋە سۈرلۈك قىياپەتتە. ھەر قانداق ئەھۋالدا راسىت سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن بالا ئۇدۇللا: «يىنىمدا قىرىق دىينار پۇل بار» دەپتۇ. قاراقچى بۇ بالا مىنى مازاق قلىۋاتىدۇ، كىچىك بالىدا قانداقمۇ بۈنچە كۆپ پۇل بولسۇن؟ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماپتۇ، شۇ ئارىدا يەنە بىرى كىلىپ:« يىنىڭدا نىمە بار؟» دەپ سوراپتۇ، بالا ئوخشاشلا بايامقى سۆزىنى تەكرارلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنى قاراقچىلارنىڭ كاتتىبىشىنىڭ ئالدىغا ئىلىپ بىرىپتۇ. بالا بۇ يەردە سورىغان سۇئالغا راسىت جاۋاب بىرىىپ، ئۆزىنىڭ راستىنلا قىرىق دىينار پۇل بارلىقىنى ئىيتىپتۇ. بۇ بالىنىڭ بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ راسىت گەپ قىلغانلىقىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلغان باش قاراقچى بالىدىن: « سىنى مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ راسىت سۆزلىشىڭگە نىمە سەۋەپ بولدى؟» دەپ سوراپتۇ. « ئانام مىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا راسىت گەپ قىلىشقا بۇرىغان، ئانامغا بەرگەن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ قالماي دەپ نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر راسىت گەپ قىلدىم » دەپتۇ بالا تەمكىنلىك بىلەن. بالىنىڭ گىپى تۆگىشىگىلا قاراقچىلارنىڭ كاتتىبىشىنى قاتتىق قورقۇنىچ بىسىپ كىتىپتۇ-دە، ۋارقىراپ-جارقىراپ كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپتۇ ۋە بالىغا قاراپ: «سەن كىچىك بىر بالا تۇرۇپ ئاناڭغا بەرگەن ۋەدەڭگە ۋاپا قىلالماسلىقتىن قورقۇپسەن، ئەجىبا مەن نىمە ئۈچۈن ئاللاھقا بەرگەن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلىشتىن قورقمايمەن؟» دەپتۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بۇ ئادەم قاراقچىلارنى كارۋاندىن بۇلۇۋالغان ھەممە مال-مۈلۈكنى دەرھال قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرۇق قىپتۇ ۋە بالىغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ مۇنداق دەپتۇ:«مەن سىنىڭ قولۇڭ ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم» دەپتۇ. ئەتىراپىدىكى كىشىلەرمۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق تەسىرلىنىپ مۇنداق دەپتۇ:« سىز ئىلگىرى بىزنىڭ قاراقچىلىقتىكى كاتتىۋىشىمىز ئىدىلە، مانا ئەمدى بۈگۈن تەۋبە يولىدىكى يولباشچىمىزغا ئۆزگەردىلە». نەتىجىدە بۇ بىر توپ قاراقچىلار راسىتچىللىقنىڭ بەرىكىتى ئارقىلىق تەۋبە قىلىپ ھەق يولنى تىپىشقا مۇۋەپپەق بوپتۇ.
رىياسەتچى باھائىدىن: ئەي، شان-شارەپ كۆكىدە پارلىغان چولپىنىمىز سىلى راستىنلا گۈزەللىك ساھىبى ئىكەنلا شۇنىڭدەك سىلىدىكى سۈپەت ۋە خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن كىشىمۇ ئەلۋەتتە گۈزەللىك ساھىبى بولغۇدەك. قىنى، ئائىلە بوستانىدىكى بارلىق دوسىتلارنىڭمۇ مۇشۇ خىل گۈزەللىككە يىتىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىرەر نەسىھەت-كۆرسەتمە بەرمەمدىلا؟
سادىقجان: ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن دوسىتلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۆۋەندىكى ۋەسىيىتىنى سۈنۇپ ئۆتەي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: « سىلەر ئۆزۈڭلارغا راسىتچىللىقنى ھەمراھ قىلىڭلار، چۈنكى راسىتچىللىق كىشىنى ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ، ياخشىلىق بولسا كىشىنى جەننەتكە يىتەكلەيدۇ. كىشى داۋاملىق راسىت سۆزلىسە ۋە راسىتچىللىقنى كۆزلىسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە راسىتچىل كىشى دەپ پۈتىلىدۇ. سىلەر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى يالغانچىلىق بولسا كىشىنى گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ بولسا كىشىنى دەۋزەخكە باشلايدۇ، بەندە ھەر قاچان يالغان سۆزلىسە ۋە يالغانچىلىقنى كۆزلىسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى دەپ پۈتىلىدۇ».  
كىچىك دوسىتلار! سىلەر ئەڭ ئەشەددى دۈشمەن-يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغانچىلىق بىلەن ھالاكەت ئىككىسى قوشكىزەكتۇر. ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلالمديدۇ.

راسىتچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار!

ئابدۇراھماننىڭ دادىسىى شىرە ئۈستىگە قويۇپ قويغان بىر قانچە ۋاراقلارنى كۆرۈپ باققۇسى كەلدى-دە، ۋاراقنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندا دىققەتسىزلىكتىن قولى شىرەدىكى ئىستاكانغا تىگىپ كىتىپ، قەغەزنىڭ ھەممىسى ئىستاكاندىكى سۇ بىلەن ھۆل بولۇپ كەتتى. ۋاي ئىسىت، ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ مانا ئەمدى ئابدۇراھمان بولغان ئەھۋالنى دادىسىغا ئىيتىپ خاتالىقىنى بوينىغا ئالسا دادىسىنىڭ ئۆزىگە كايىشى ۋە قاتتىق ئەدەپلىشىدىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئىشنى ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، شىرە ئەتىراپىدىن تىزلا ئايرىلدى ۋە ياتاق ئۆيىگە مۇكىنىۋىلىپ، ئاخىرى ئىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. دادىسى ئۈزۇن ئۆتمەي ناماز ئەسىردىن كىيىن ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە ئىشىنى داۋام ئەتمەك بولۇپ، ئۇدۇللا شىرە بار خانىگە كىردى-دە، بايام يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرۈپ، ھەيران قالدى، ئۇ تىخى بايام ساپمۇساق قويۇپ قويغان قەغەزلەرگە سۇ تۆكۈلۈپ پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەن. قالايمىغان رەتسىز ھالەتتە تۇرغان. بۇ قەغەزلەر دادىغا نىسبەتەن ناھايتى تەستە قولغا قىلىدىغان مۇھىم نەرسىە ھىساپلىناتتى. دادا بۇ ئىشنى چوقۇم بىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى سەزدى ۋە بۇ ئىشنى سادىر قىلغان كىشىنى ئىنقلاپ چىقىپ قاتتىق ئەدىبنى بىرىپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولدى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئىسىگە ئاللاھنىڭ سەبرى-تاقەت، ئەپۇ-كەچۈرۈم ھەققىدىكى نىدالىرى كەلدى-دە، قەلبىدىكى يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان غەزەپ ئوتىنى پەسىيپ، قەلبى ئارام تاپتى. مىھرىبان ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن ئىدى: ﴿ وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا أَلَا تُحِبُّونَ أَن يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ ﴾ [24:22] يەنى، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايتى مىھرىباندۇر. دادا ئاللاھنى ئەسلەپ قەلبى خاتىرجەملىككە تولدى، ئۇ ئۆزىگە:« ئى پەرۋەردىگارىم، مەن ئەلۋەتتە سىنىڭ مەغپىرىتىڭنى ياخشى كۆرىمەن» دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشخانسىدىن تەمكىنلىك بىلەن چىقتى ئاندىن تاھارەت ئالغاندىن كىيىن بالىلىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپ، ئۇلارغا بايامقى ئوي-خىياللىرىنى سۆزلەپ بەردى. دادا سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرەي دەپ تۇرىىشىغا توساتتىن ئوغلى ئابدۇرەھمان ئۈن سىلىپ، ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاپ كەتتى ۋە دادىسغا تولىمۇ تۆۋەنچىلىك ۋە خىجىللىق بىلەن:« كەچۈرۈك دادا، مەن شەيتانغا ئەل بولۇپ، شۇنداق قىلىپ تاشلاپتىمەن . دادا مىنى قانداق جازالىسىڭىز مەيلى ، چۈنكى جازاغا لايىق» دىدى. دادا ئوغلىنىڭ يىغىسى ۋە بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: بالام قورقماڭ، مەن ھەرگىزمۇ سىزنى جازالىمايمەن » دەپتۇ ۋە ئۇنى باغرىغا بىسىپتۇ، ئابدۇراھمان ئەمدى بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ، يىغىسىدىن توختاپتۇ. دادا ئوغلىغا تولىمۇ مىھرىبانلىق نەزەر بىلەن ماراپ دەپتۇ:« قورقماڭ بالام ، مەن سىنى ھەرگىز جازالىمايمەن، مەن سىزنى كەچۈرىۋەتتىم، ئاللاھ بىزنى ئەپۇ-كەچۈرۈمگە بۇيرىغان. سىز ماڭا نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟». شۇنىڭ بىلەن ئابدۇراھمان دادىسى ئوتتۇرىدا تۆۋەندىكىدەك سۆھبەت داۋام ئىتىپتۇ:
ئابدۇراھمان: مەن دەرىسلىرىمنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىدىم، سەل چارچاپ قاپتىمەن. شۇ ئارىدا شەيتان مىنى سىز يوق ۋاقىتتا خانىڭىزگە كىرىپ، ئۈستەلدىكى قەغەزلەرنى كۆرۈپ بىقىشقا ۋەسۋەسە قىپتۇ. دىققەتسىزلىكتىن قولۇم ئىستاكانغا تىگىپ كىتىپ، ئىستاكاندىكى سۇ قەغەز ئۈستىگە سۇ تۆكۈلۈپ كەتتى، قورىققىنىمىدىن يۈرۈكۈم تىتىرەپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ جازالىنىشىمدىن ئەندىشە قىلىپ، خانىڭىزدىن چىقىپ ياتاق ئۆيگە مۈكىنىۋالدىم. بۇ ئىش توغىرسىدا ھىچكىمگە ئىغىز ئاچمىدىم. ئاندىن شەيتان ماڭا يەنە:« ئەگەر داداڭ سەندىن بۇ ئىشنى كىم قىلدى؟ دەپ سوراپ قالسا، ئەمەلى ئەھۋالنى داداڭغا ھەرگىز ئىيىتما! ئۇنداق قىلساڭ داداڭ سىنىڭ ئەدىبىڭنى بىرىدۇ. داداڭغا يالغان ئىيىتساڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قالىسەن» دەپ ۋەسۋەسە قىلىدى، شۇ ئارىدا كاللامدا راسىت ئىيىتسام سىزنىڭ جازالىشىڭىزدىن قورقۇش، يالغان سۆزلىسەم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل زىددىيەت قاتتىق تىركەشتى، لىكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ : ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللّهَ وَكُونُواْ مَعَ الصَّادِقِينَ﴾ [9:119] «يەنى، ئى مۈئمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راسىتچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» دىگەن سۆزىنى ئىسىمغا ئىلىپ، سىزگە راسىت سۆزلەپ ئەمەلى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش قارارىغا كەلدىم-دە، ئاللاھقا مۇنداق دۇئا قىلدىم:« ئى ئاللاھ! سەن بىزنى راسىتچىللىققا بۇيرىغان ئىدىڭ، سەن بىزنى پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق ۋە ياخشى بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيسەن. مەن سەن بۇيرىغاندەك راسىت سۆزلەيمەن، دادامنىڭ مىنى جازالىشىدىن سالامەت قىلغايسەن» . دادا ئوغلىنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك تەسىرلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن تۇرالماي قالدى ۋە ئوغلىنى دادىلىق مىھرى بىلەن باغرىغا بىسىپ سۆيدى.
دادا :« ئەي بالام، سىزنىڭ راسىتچىللىقىڭىز، پەردىگارىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭىز مەن ئۈچۈن بۇزۇلغان ھەممە ۋاراقلاردىن ياخشى،يەنەتىخى سىزنىڭ راسىتچىللىقىڭىزنى مۇكاپاتلاپ سىزگە ئىسىل بىر سوۋغا بىرىمەن. سىزگە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تاتلىق-تۈرۈملەرنى ئىلىپ بىرىمەن. سىز ماڭا بۇندىن كىيىن باشقىلارنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىگە ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىلماسلىققا ۋەدە بىرىڭ!
ئابدۇراھمان: مەن سىزگە ۋەدە بىرەي، بۇندىن كىيىن ھەرگىز باشقىلارنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىگە چىقىلمايمەن. قىنى ئەمىسە، تاتلىق-تۈرۈم سىتىۋالغىلى بارايلى دادا ! دادىسى ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن خۇرسەن بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى. دادا ئەمدى ئۆزىنىڭ شاتلىق كۈلكىسىنى يۇشۇرالماي قالدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلدى.

ئۆسمۈلەر ئېنسكلوپېدىيەسىدىن ئېلىندى



بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-5-27 02:52 , Processed in 0.176552 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش