تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 956|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى
پىروفېسسور، دوكتور مۇھەممەد ئەلى قاپار


مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەت دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر جەمئىيەتتۇر.

1- دىنى ئالاھىدىلىكلەر
1) ئېتىقاد

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىنى پاكلاش ۋە ئۇلارنى چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن.[1] بۇتپەرەستلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالغان بۇتلىرىنى ئىبادىتىگە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە سۆرەپ ئەكىرگەن.[2] بۇ سەۋەبتىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ كەلىمە تەۋھىد ۋە كەلىمە شاھادەت كەلتۈرۈش ئارقىلىق شېرىكتىن يىراقلىشىشنى،[3] پەقەت ئاللاھتائالاغىلا تائەت-ئىبادەت قىلىش، ئاللاھتائالاغىلا تېۋىنىشنى جاكارلىغان. پالچىلىق، سېھىرگەرلىكنى، ئاللاھتىن غەيرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى، بەزى نەرسىلەرنى «شۇملۇقنىڭ بېشارىتى» دەپ قاراشنى،  بۇتلار نامىدىن قەسەم ئىچىشنى ۋە تەقدىر ھەققىدە دە-تالاش قىلىشنى چەكلىگەن.[4]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىشىنىشكە ۋە ئاللاھتىن غەيرىدىن ياردەم تەلەپ قىلماسلىققا چاقىرغان.[5] مەدىنەگە ھىجرەت سەپىرىدە، ئىز قوغلاپ سۇر غارىغا كەلگەن مۇشرىكلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئەبۇ بەكرىگە: «غەم قىلما! ئاللاھ بىز بىلەن بىللە»[6] دەپ ئاللاھقا ئىشىنىشنى ئەسلەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىن تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، «ئەگەر بەندە ئاللاھقا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، بەندە ئاللاھقا بىر گەز يېقىنلاشسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، بەندە ئاللاھ تەرەپكە مېڭىپ بارسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدىغانلىقىنى »[7] بايان قىلغان. غەيىب ھەققىدە كاھىنلار ۋە پال ئوقلىرى ئارقىلىق كەلگۈسى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بېرىشتىن توسقان. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقىنى،[8] ئۆزىنىڭمۇ پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەن غەيىبنىلا بىلەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.[9] ئېتىقاد ھەققىدە بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننى كافىرغا چىقىرىۋەتمەسلىكىنى: «كىمكى بىر كىشىنى كافىر ياكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەپ چاقىرسا، ۋەھالەنكى چاقىرىلغۇچى ئۇنداق بولمىسا، دېگۈچىنىڭ سۆزى ئۆزىگە يېنىپ قالىدۇ»[10] دېگەن سۆزلىرىدە تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن.

2) ئىبادەت

ئىسلامىيەت ئېتىقاد بىلەن ئىبادەتكە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن بىر دىن. ئاللاھتائالا: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»[11] دېيىش ئارقىلىق، ئىبادەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تۇرىقىڭلارغا ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىڭلارغا ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ»[12] دەپ ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ئاللاھقا ئىشەنگەن ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بايان قىلغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتتىكى ئىبادەتتە، تۆۋەندىكىدەك ئىككى مۇھىم نۇقتا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى؛ جامائەت. جامائەت نامىزى ۋە باشقا كوللېكتىپ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتلەر، جامائەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ چىن ئىشتىياقى بىلەن ئىبادەت قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدكە كەلمىگەن ۋە جامائەتكە ئارىلاشمىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈش[13] مەنىسىدىكى بايانلىرىدا، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
ئىبادەتتىكى ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا؛ ئىزچىللىق. بۇ ھەقتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ قوبۇل بولىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ بەرگىنىدۇر»[14] دېيىش ئارقىلىق ئىزچىللىقنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىبادەتتە، بولۇپمۇ، نەپلە ئىبادەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ئۆيلەرنى قەبرىگە ئوخشىتىپ قويماسلىقىنى،[15] ئىبادەتلەرنى لايىق شەكىلدە قىلىشىنى، ئۆلچەملىك بولۇشىنى،[16] دىندىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىشنى،[17] ئىبادەتلەرنى پەقەت مەلۇم ۋاقىتقىلا باغلاپ قويماسلىقىنى، نەفلە ئىبادەتلەرنى كېچە-كۈندۈز ۋە يىلنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتلىرىدا قىلىشىنى، ئىبادەتلەردە ئايرىمىچىلىق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ تۇرمۇشىدا ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پايدىلىق تەرەپلىرى بار بولۇپ، ئىبادەت شەخسىنى ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرسە، كوللېكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى بىرلىك- باراۋەرلىكنى، بىر-بىرىگە يار-يۆلەكتە بولۇشنى، ھەمكارلىقنى ۋە پىداكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

3) مائارىپ

مائارىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھتائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن تۇنجى ۋەھيىسى «ئوقۇ»بىلەن باشلانغان.[18] «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار»[19]،«ئېيتقىنكى،>بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ<»[20] دېگەن ئايەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە مائارىپقا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مائارىپ قۇرئان ۋە سۈننەت ئۆگىنىشتىن باشلانغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە قۇرئان ئۆگەتكەن ئادەملەردۇر»،[21] «سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر»[22] دېگەن تەلىماتىغا ئاساسەن، ساھابىلەر ۋەھىي كاتىپلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە بۇ دەۋردە قەلەمگە ئېلىنغان ھەدىس شەرىفلەرنى يادلاپ ماڭغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە قۇرئان ۋە سۈننەت بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلمىگەن. بىرى يەنە بىرىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى دەپ قارالغان. قۇرئان كەرىم ناماز قىلىشقا بۇيرۇغان، ئەمما ناماز ۋاقىتلىرى ۋە شەكلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىلگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مائارىپ ۋە ئىلمىي ئىشلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، يېزىق ۋە ساۋات چىقىرىش ئىشلىرىغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن. شىفا بىنتى ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئايالنى ئاياللارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشقا تەيىنلىگەن. ھەتتا بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن ساۋاتى بار مۇشرىكلەرنى قويۇۋېتىشتە، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ  ئون مۇسۇلمان بالىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ قويۇشىنى شەرت قىلغان.[23] ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئۈبەي ئىبنى كەئب، ئەبۇ دەردائ، ئۇممى ۋەرەقە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس، ئەبۇ ھۇرەيرە قاتارلىق نۇرغۇن ساھابىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مائارىپ ئىشلىرىدا ھەر قانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ دەۋردە مەسجىدلەر مەدرىس شەكلىنى ئالغان. ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى مەخسۇس جايلار ياكى ساھابىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز دەۋرىدە مۇسۇلمانلاردىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئەر-ئايال، قېرى-ياش دەپ ئايرىماستىن ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان بارلىق ئىلىم بىلەن ئورتاق شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلغان.[24]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىم ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ساھەلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان. ئىلىملىك كىشىلەرنىڭ پەزىلەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرۇشىنى، ئىلمىنى يۇشۇرماسلىقىنى تىلغان ئالغان. قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشماسلىقنى بۇيرۇغان.[25] قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ ۋە ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بەجا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

4) جاھىلىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن قول ئۈزۈش

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن يەنە بىرى؛ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى خاتا ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈش. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنىي پىرىنسىپلار ئارقىلىق جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەقىدە، ئىبادەت قاراشلىرىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنىي پىرىنسىپلار ئىگىلىگەن. ئەلۋەتتە، جاھىلىيەت دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان، ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى مۇئمىن كىشى ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا ئىسلام پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ياشايدىغان كىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامىي نۇقتىدىن باتىل دەپ قارالغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تىرىشقان. ئىنسانلارنى ئەقىدە ۋە ئىبادەتتە بۇتلاردىن يىراقلىشىپ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى، ۋە ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىشنى پىرىنسىپلاشتۇرغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قان تۆكۈش، ئوغرىلىق قىلىش، زىنا قىلىش، يەنى، ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكى، ھاياتى، يۈز-ئابرۇي بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، [26] تۆھمەت چاپلاش، غەيۋەت قىلىش،[27] جازانىخورلۇق ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش،[28] پارىخورلۇق ۋە سودىدا مونوپوللۇقنى مەنئى قىلغان. ئەزد قەبىلىسىنىڭ زاكات ماللىرىنى يىغقان ئىبنى لۇتبىيە بۇ قەبىلە ئۇنىڭغا بەرگەن زاكات ماللىرىدىن بىر قىسمىنى ئۆزىگە ئايرىۋالغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى خوپ كۆرمىگەن، يەنى «ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان بولساڭلار، بۇ ماللار سىلەرگە بېرىلەرمىدى؟» دەپ ماللارنى قايتۇرۇۋالغان.[29]  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سودىدا مونوپوللۇققا لەنەت ئوقۇغان. سودىدا ئالدامچىلىقنى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ساتقۇچىلارنىڭ يولىغا چىقىۋېلىپ سودا قىلىشىنى چەكلىگەن.[30] بۇ دەۋردە ئائىلە ئىشلىرىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇش، گۇمانخورلۇق، مەسخىرە قىلىش، تارازا-ئۆلچەمدە ئادىل بولماسلىق، زۇلۇم قىلىش، يامانلىققا يول قۇيۇش، ھاكاۋۇرلۇق، پىتنە-پاسات تارقىتىش، سۆز-ھەرىكىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنى بىئارام قىلىش، ئاداۋەت ساقلاش، ئىنتىقام ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر جاھىلىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇلارنى قەتئىي يوسۇندا مەنئى قىلغان.

5) ھەمكارلىق

ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. مەككە ۋە مەدىنە دەۋرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىر-بىرىگە يار-يۆلەكتە بولاتتى. مەدىنەلىك مۇسۇلمانلار مۇھاجىرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە چىقاتتى. شۇڭا ئۇلار «ئەنسارىي-ياردەمچىلەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پېقىر-مىسكىن، يوقسۇل ۋە يېتىملەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە ھېسابلىغان، يەنى: «ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا، ئۇنىڭدىن قەرزىمنى تۆلەشكە ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلالمايدۇ»[31] دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى مۇسۇلمان قېرىندىشىغمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە، كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ»[32] دېيىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىشنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سېخىيلىق قىلىشنى، بېخىللىقتىن يىراق تۇرۇشنى، يېتىمنىڭ مېلىنى قوغداشنى،[33]  ياردەمنى ھالال رىزىقتىن قىلىشنى، [34] ياردەمنى دەسلەپ ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاشنى [35] ئۇقتۇرغان ھەمدە بۇلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن.

2- سىياسىي ئالاھىدىلىكلەر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە ۋە مەدىنە دەۋرىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە سۈلھى يولىنى تۇتۇپ كەلگەن. دەۋەت يولىدا توسالغۇلارغا ئۇچراپ سىياسىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە مۇشرىكلار بىلەن يارىشىپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەمدە بۇ ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندا، ئەڭ ئاۋۋال قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىنا قىلغان مەسجىدكە توپلىغان. ئاساسى قانۇن چىقىرىپ پۈتۈن مەدىنە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك جەمئىيەت ۋە دۆلەت تەشكىلاتى بەرپا قىلغان. ئاساسىي قانۇندا ھەر قايسى جەھەتلەردىن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي ۋە قانۇنىي پىرىنسىپلار ئادىللىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا نەزەرگە ئېلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېيىنكى دەۋرلەردە مەدىنە ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ بىر تەرەپتىن قوشنىلىرىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوشنىلىرىغا مەدىنەدە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. ھىجرىيە 6-يىلى قۇرەيشلەر بىلەن ئىمزالانغان «ھۈدەيبىيە تىنچلىق سۈلھىسى» مەدىنە دۆلىتىنى پۈتۈن ئەرەبىستاننىڭ قوبۇل قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىنچلىق ۋە ئەمىنلىك ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان بۇ جەمئىيەت سىياسىي نۇقتىدىن بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

1) ئىشەنچ تۇيغۇسى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنەدە قۇرغان دۆلەت ھەرقانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان كۈچلۈك، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى. مەسجىدنىڭ بىنا قىلىنىشى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى[36] مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ھەمكارلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاپ قالىدىغان ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەيدىغان ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولۇپ قالغان.
مەدىنەدە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن سىياسىي تۈزۈلمە دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆز-ئارا خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. جەمئىيەتتىكى يەھۇدىيلار، مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئورنىتىلغان بۇخىل ئىناقلىقنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى بۇزالمىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە ئىچى-سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ ئىمزالىغان «مەدىنە سۈلھىسى» مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارغا قانۇن دائىرىسىدە ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلغان. مەدىنە دۆلىتىدە خاتىرجەملىك ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارغا ۋە بۇ دۆلەتكە قارشى چىققان. جەمئىيەتتە پىتنە-پاسات ئۇرۇقى تارقاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل  رەزىل قىلمىشلىرى ئاخىرىدا ئۆزىنى ھالاك قىلغان.[37]  
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چىقارغان ھەر بىر قارارىدا ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەستىن، ئەكسىچە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، كېڭىشىشنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان. جاپا-مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت-پاراغەتتە ئارقىدا تۇرغان. جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ خىل ئىش-ھەرىكەتلىرى جەمئىيەتنىڭ تىنچ -ئامانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2)   قەبىلىۋازلىق

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلىكنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدىن باشلاپ جاھىلىيەت دەۋرىدە ساقلىنىپ قالغان قەبىلىۋازلىقنىڭ ئورنىغا «دىنىي قېرىنداشلىق» نى دەسسەتكەن. «مەدىنە سۈلھىسى» ئارقىلىق ئىرقى ، تىلى ۋە دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر «بىللە ياشاش» ئۆلچىمىنى يولغا قويغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەلق ئارىسىدىكى قەبىلىۋازلىقنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى يۇرتۋازلىققا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان. ئەنسارىيلار بىلەن مۇھاجىرلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. باشتىن باشلاپلا بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى قەبىلىۋازلىقنىڭ ئورنىغا دىنىي قېرىنداشلىقنى دەسسىتىشكە تىرىشقان. مەسىلەن؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن سەپەرگە چىققان قوشۇنلارغا بەزىدە مۇھاجىرلاردىن بەزىدە ئەنسارىيلاردىن قوماندان تەيىنلىگەن. مەدىنىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنىغا ئورۇنباسار بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرمۇ شەرت-شارائىتىغا قاراپ، مۇھاجىر ياكى ئەنسارىيلاردىن بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ خىل ئادىل ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋالىي ، تەھسىلدار[38] ۋە تەبلىغ ھەيئەتلىرى ئەۋەتىش قاتارلىقلاردىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەلق ئارىسىدىكى قەبىلىۋازلىقنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەبىلىلەرگە تەيىنلەنمەكچى بولغان ئەمەلدارلارنىمۇ ئوخشىمىغان جەمەتلەردىن تاللىغان. مەسىلەن؛ نەجران قەبىلىسىگە ئۇمارە ئىبنى ھەزم ئەلئەنسارىينى، سەنئا رايونىنىڭ زاكات يىغقۇچىلىقىغا مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييە ئەل مەخزۇمىينى تەيىنلىگەن. مەككە ۋالىيلىقىغا ئۇزۇندىن باشلاپ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولغان ئەتتاب ئىبنى ئەسىدنى تەيىنلىگەن. ھەتتا كەئبىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىك خىزمىتىنى بۇرۇنمۇ بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تەلھە ئىبنى تەلھە ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەگە، سىقايە خىزمىتىنى بولسا ئابدۇلمۇتتەلىب جەمەتىگە بەرگەن.[39]

3)  ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىكى سەزگۈرلۈك

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان ئەمەلدارلار كەمتەر، ئېسىل مىجەزلىك، مېھرى -شەپقەتلىك، بارلىقىنى ئىنسانلارغا بېغىشلىيالايدىغان، ئۆز ۋەزىپىسىگە سادىق، لاياقەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئەمەلدارلىققا، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنى پىرىنسىپ دەپ بىلىدىغان، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكىنى، شەخسنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، پىتنە-پاساتقا ئالدانمايدىغان كىشىلەردىن سايلىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلار توغرىلىق سوراق قىلىنىسىلەر»[40] دېيىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى  مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە ئاگاھلاندۇرغان. بولۇپمۇ خەلق ئارىسىدىكى ئەمەلدارلارغا: «كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى چىقىپ، ياخشىلىرىنى ۋە يامانلىرىنى ئۇرسا، مۇئمىنلەردىن تەپتارتمىسا، ۋەدە قىلغان كىشىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندىمىسا،ئۇنداق كىشى مېنىڭ قاتارىمدىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇ كىشىنىڭ قاتارىدىن ئەمەس»[41] دېيىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن خەلق ئالدىدا ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، زالىملىق ھەرىكەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزگەن ئەمەلدارلارغا ئىتائەت قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.[42] ئۈممەتلەرنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەمەلدارلاردىن خەلققە زورلۇق، زوراۋانلىق قىلماسلىقىنى، ئۇلارغا زۇلۇم سالماسلىقنى، ھەقىقەت ۋە ھۆرلۈك بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «ئەي ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىم ئۈچۈن بىرەر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۈممىتىمگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا سەنمۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغىن! يۇمشاق مۇئامىلىدە بولسا سەنمۇ ئۇ كىشىگە يۇمشاق مۇئامىلىدە بول!» [43] دېيىش ئارقىلىق خەلققە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقەت ۋە خەلق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. پەيغەمبىرىمىز يەنە: «مەندىن كېيىن قايغۇلۇق ۋە قوبۇل قىلالمىغۇدەك ئىشلار مەيدانغا كېلىدۇ.»[44] دەپ كېيىنكى دەۋرلەردە يۈز بېرىدىغان پايدىسىز ئىشلاردىن بىزنى خەۋەرلەندۈرگەن.

3- ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلەر
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تۇنجى يىللىرىدا، سودا-تىجارەت ئىشلىرى جانلانغان مەككە شەھىرىدە ياشايتتى. قۇرەيشلەر تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ياز، قىش پەسلىدە [45] ئىككى قېتىم سۇرىيە ۋە يەمەنگە باراتتى. كەئبە مەككىدە بولغاچقا مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۇكاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز قاتارلىق بازار-يەرمەنكىلەرگە كېلەتتى. مانا بۇلار مەككە رايونىدىكى سودا-سېتىقنى جانلاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.

1)   مەدىنە شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى
مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى بىلەن مەدىنىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن. مەدىنەدىكى خەلق ئاساسلىقى دېھقانچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مەدىنە شەھىرىگە كەلگەن ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر،  ئوسمان ئىبنى ئەففان، تەلھە ئىبنى ئۈبەيدۇللاھ، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، زۇبەيىر ئىبنى ئەۋۋام قاتارلىق كىشىلەر بۇ يەردە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ بۇ جاينىڭ  سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان.
مەدىنە بازارلىرىدا بۇغداي، زەيتۇن يېغى، تېرە،  كىيىم-كېچەك، رەخت ، جەڭ قوراللىرى، ئات، تۆگە، قوي، كالا قاتارلىقلار ۋە تېببىي دورا سېتىلاتتى.[46] بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى ھىجاز ۋە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردا ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. يەنە بىر قىسمى قوشنا ئەللەردىن كىرگۈزۈلەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋردە دىنار (ئالتۇن تەڭگە) ۋە دىرھەم (كۈمۈش تەڭگە) قاتارلىق پۇللار ئىشلىتىلەتتى. بۇ پۇللار ۋىزانتىيە بىلەن ئىرانغا تەۋە بولۇپ پۇل ئۈستىگە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ۋە ئىران خىسرەۋنىڭ رەسىملىرى ئۇيۇلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ پۇللارنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ئىشلەتكەن تارازا-ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىمۇ ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي ئىشلەتكەن.[47]
مۇھاجىرلار، مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان دەسلەپكى يىللاردا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقنى ئەنسارىي قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يەڭگەن. كېيىنكى كۈنلەردە، مۇھاجىرلەر تىرىشىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى خەندەك ئۇرۇشىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ بۇ دەۋردە، مۇسۇلمانلار پېقىرلەرگە زاكات بىرىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ  ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ تۇرغان.
بۇ دەۋردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار پات-پات كېلىپ تۇراتتى ۋە ماددىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىشاتتى.[48] «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» بىلەن «خەيبەرنىڭ فەتھى»دىن كىيىن ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ[49] بىر قىسىم ساھابىلەر ۋارىسلىرىغا مال-مۈلۈك مىراس قالدۇرالىغۇدەك دەرىجىدە بېيىغان.[50]
مەدىنە شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي يېزا ئىگىلىك كەسپىگە تايىناتتى. خورما، ئۈزۈم، ئارپا، بۇغداي ئاساسلىق مەھسۇلات ھېسابلىناتتى. ھىجرەتتىن كېيىن جىھاد قىلىش سەۋەبلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ چېكىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى نۆۋەت بىلەن جىھادقا چىقاتتى. مەسىلەن؛ سەئىد ئىبنى ئۇبادە بىر يىل جىھادقا چىقسا،يەنە بىر يىلدا جىھادقا ئوغلىنى ئەۋەتكەن.[51]
مۇھاجىرلار مەدىنىگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەنسارىيلارنىڭ يەرلىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىش، بازاردا سودا-تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغان.[52] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «كىمنىڭ يېرى  بولسا تېرىسۇن، ئۆزى تېرىمىسا ئۇنى دىن قېرىندىشىغا تېرىتقۇزسۇن»[53] دەپ تېرىلغۇ يەرلەرنى بوش قويغۇزمىغان. ساھابىلەرمۇ بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان. مەسىلەن؛ ھەزرىتى ئەلىمۇ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بىر قىسىم ساھابىلەر تېرىلغۇ يەرلىرىدىن شېرىكچىلىك شەكلىدە پايدىلانغان.[54]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۆلەتنىڭ بوز يەرلىرىنى ئاچقۇزۇپ، يەرلەرنى تېرىقچىلىق قىلغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. بىر قىسىم يەرلەرنى ساھابىلەرنىڭ ئېچىشى ئۈچۈن بەرگەن.[55]

2)   سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن كېيىن ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، سودا قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان بازار يېرىگە يېڭىدىن يەر قوشۇپ بازارنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكەن.[56]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە «راستچىل ۋە ئىشەنچلىك سودىگەر پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار ۋە شەھىدلەر بىلەن باراۋەردۇر.» [57] دېيىش ئارقىلىق، ئۇلارنى سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلغان[58]. ئاياللارنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن توسمىغان. مەسىلەن؛ كەيلا ئەل-ئەنمارىييە، ئەسما بىنتى مۇھارىبە مۇلەيكە شۇ دەۋىردىكى ئايال تىجارەتچىلەردىن ئىدى. مىقدام ئىبنى مەئدىيكەرىبنىڭ جارىيەسى سۈت ساتاتتى، مىقدام ساتقان سۈتنىڭ پۇلىنى يىغاتتى.[59]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پايدىنىڭ ئوندا توققۇزىنىڭ سودا-تىجارەتتە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. سودا-تىجارەتنى ئەتىگەندە باشلاشنى [60] تەۋسىيە قىلغان. جۈمە نامىزى ۋاقتىدا سودا قىلىشنى چەكلىگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە «كىمىكى بىر ئۆي ئېلىپ ياكى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئىشقا خەجلىمىسە ئۇ كىشى بۇ پۇلىسىنىڭ بەرىكىتىنى كۆرۈشكە لايىق بولالمايدۇ.»[61] دېيىش ئارقىلىق، نەق پۇلنى مەبلەغ سېلىپ ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاپاۋەتنىڭ ھالالدىن بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.[62] ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىشنى،[63] تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلىشنى مەنئى قىلغان. بازاردا ئۈستىگە قۇرۇق، ئاستىغا ھۆل بۇغداي قاچىلانغان تاغارنى كۆرگەندە، خېرىدارلارنى ئالدىغانلارنىڭ، مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.[64] پەيغەمبىرىمىز سودا-سېتىقتا قەسەم ئىچمەسلىككە، ۋە نېسى سودىدا گۇۋاھچىلارنىڭ شاھىدلىقى بىلەن ھۆججەت پۈتۈۋېلىشكە بۇيرۇغان.[65] سودىدا ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ بولۇپ پۈتۈشكەن جايدىن ئايرىلمىغان شارائىتتا، بۇ سودىدىن يېنىۋالسا بولىدىغانلىقىنى،[66] ئۆز مېلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق كىشىلەرگە پۇل-مېلىنى تۇتقۇزۇپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى[67] بايان قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ مېلىغا تاجاۋۇز قىلماسلىققا بۇيرۇغان. ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق تاپقان پۇلدىن باشقا پارا[68]، ئۆسۈم[69] ۋە قاراڭغۇ بازارچىلىق[70] يولى ئارقىلىق  دۇنياغا ئېرىشىشتىن قاتتىق مەنئى قىلغان.
ئىسلام دىنىدا يېتىمنىڭ مېلىغا چېقىلماسلىققا ئەمىر قىلىنغان.[71] مىراس ئىشلىرىدا ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپتىن دىندا بېكىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.[72]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ راستچىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئىشلارنى بىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان، شېرىن سۆزلۈك، ئۇچۇق يۈزلۈك، پاك-دىيانەتلىك ۋە ئەل ئارىسىدا نوپۇزى بار كىشىلەرنى مۇھتەسىبلىك (بازار باشقۇرۇش) ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن. ھەمدە ئۇلاردىن بازاردا يۈز بەرگەن ھەر خىل قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.[73]
شېرىكچىلىك شەكلىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا بىر شېرىكنىڭ يەنە بىر شېرىكىنىڭ خەۋىرىسىز مال ساتسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.[74] سودا-سېتىق ۋە يەر-زېمىن سودىسىدا غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن شېرىكچىلىك قىلسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.[75]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەلق ئارىسىدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ھۈنەر -كەسىپكە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بېدىكلىك، تىككۈچىلىك، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، تامچىلىق، قاسساپلىق، تېرەچىلىكتىن باشلاپ ساتىراشلىق، تۇغۇت ئانىسى بولۇش، ھەمشىرىلىك، تېۋىپلىق، سۈننەتچىلىك ۋە ناۋايلىققىچە[76] بولغان نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ خەلق ئارىسىدا داۋاملىشىپ، ئەمەلى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغان. جاھىلىيەت دەۋرىدە ساقلىنىپ قالغان ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان ھۈنەر -كەسىپنىڭ بىرىنىمۇ چەكلىمىگەن. پەقەت كىشىلەرنى ھەر قانداق ئىش قىلىشتا ساختىلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.[77]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئاياللارنىڭ بازارلاردا سودا-تىجارەت ۋە ھۈنەر -كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنمىگەن. مەسىلەن؛ بۇ دەۋردە ئاياللار رەخت توقۇيتتى، كىيىم تىكەتتى، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن يېمەك-ئىچمەك تەييارلايتتى. بۇنىڭدىن باشقا تېرە ئاشلاش، باغ-ۋاران ئىشلىرىنى قىلىش، تۇغۇت ئانىسى بولۇش، ھەمشىرىلىك، تېۋىپلىق قاتارلىق ھۈنەر -كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان، شۇنداقلا جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان.[78]
بۇ دەۋردە، بالىلاردىن ھۈنەر -كەسىپ ئىگىلەپ ، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇش تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن؛ ھەزرىتى ئۆمەرگە بىرەر كىچىك بالا ئۇچرىسا بالىدىن ئۇنىڭ  نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى سورايتتى، ئەگەر بالىدىن "ھۈنىرىم يوق" دېگەن جاۋابنى ئاڭلىسا ئۇ بالىنىڭ ئۆز نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالدىن خوش بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى.[79]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى نازىل بولۇۋاتقان ئايەتلەر ۋە شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ھەل قىلغان. جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئىسراپخورلۇق ۋە بېخىللىق قىلىشتىن ساقلىنىشىنى، يېتىم، يوقسۇل، مۇساپىر ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا ياردەملىشىشىنى، مال-مۈلكى بار ھەر قانداق كىشىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان[80]

4- قانۇنىي ئالاھىدىلىكلەر

ئىسلامىيەت زېمىندا ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جەمئىيەتتە ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە، ئۇلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەلگۈسىدە پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا قۇرئان-سۈننەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە رازى بولۇشتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتە ئادالەتنى ياقىلىغان. بۇ جەريانىدا ئۆزى سورايدىغان دەۋا-دەستۇرلاردا تەرەپدارلارنىڭ ئالدىماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «مەنمۇ بىر ئىنسان، مېنىڭ ئالدىمغا دەۋالىشىدىغانلار كېلىدۇ، بىرىڭلار بىرىڭلاردىن گەپكە ئۇستا بولۇپ، مەن ئۇنى راست دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۇنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىپ سېلىشىم مۇمكىن.» [81] دېگەن. ناھەقلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن پايدىنىڭ ئوتتىن بىر پارچە[82] ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىسلام دىنىدا نىكاھلىق تۇرۇپ زىنا قىلغان، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە مۇرتەد (دىندىن يېنىۋالغان) بولغان كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۈكۈش ھالال قىلغان.[83] باشقىلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە يۈز ئابرۇيىغا دەخلى قىلغانلارغا، ۋەتەنگە قارىشى جىنايەت سادىر قىلغانلارغا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارىشى ئۇرۇش ئاچقانلارغا ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلگەن.[84]
بۇلاردىن باشقا ھاراق-شاراب ئىچىش قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر قانۇنىي جەھەتتىن تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.[85] مۇشۇنداق بىر قاتار مۇستەھكەم قانۇن-تۈزۈملەر نەتىجىسىدە،  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە جىنايى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى كۈنسېرى ئازايغان.
بۇ دەۋردىكى دەۋا-دەستۇرلارنى پەيغەمبىرىمىز ئۆزى بىۋاسىتە سورايتتى. بەزى چاغلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋا-دەستۇر سوراشتا مۇناسىپ دەپ قارالغان كىشىلەر سورايتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋا-دەستۇر سورايدىغان كىشىلەر (قازىلار)گە بەزى پىرىنسىپلارنى تەۋسىيە قىلغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئالدىڭدا ئىككى دەۋاگەر بولسا بىرسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانغا ئوخشاش يەنە بىرسىنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىغۇچە ھۆكۈم چىقارما»[86] دېگەن يوليورۇقنى بەرگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سېلىشنى،[87] قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكنى، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ جىنايىتىدىنلا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى، قانۇن ئالدىدا ئىمتىيازنىڭ يوقلىقىنى، دەۋاگەرنىڭ خەۋىرى ۋە رازىلىقىسىز ھېچقانداق كىشىدە جىنايەتچىنى ئەپۇ قىلىدىغان ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشىلەرنىلا جازالاشقا بولىدىغانلىقىنى، ئادالەتنى بەرپا قىلىشتىكى پىرىنسىپنىڭ پەقەت «ئاللاھتىن قورقۇش»[88] ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلغان ۋە بۇلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە تولۇق  ئىپادىلىگەن
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جازا ئىجرا قىلىشتا جىنايەتچىلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك بەدەن تۈزۈلۈشىگىمۇ ئېتىبار بەرگەن. زۆرۈرىيەت بولغاندا جازا ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن. مەسىلەن؛ زىنا قىلغان بولسىمۇ لېكىن ھامىلىدار بولغان ئايالغا بۇيرۇلغان رېجىم جازاسىنى بۇ ئايال بالىنى يەڭگىپ، بالىسىنى سۈتتىن ئايرىپ بولغۇچە كېچىكتۈرگەن.[89] بىر ئايالنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى ئۈچۈن ئادەت ۋاقتىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاشقا بۇيرۇغان.[90]

5- ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلەر
1)   ئۆيلەر

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئۆيلەر مېمارچىلىقنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبىدا سېلىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن بىنا قىلىنغان ئۆيلەرگە يۇقىرىقى ئۇسلۇب ئۆرنەك قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن بىنا قىلغان مەسجىدنىڭ يېنىدىكى ھۇجرىلىرى تۆت چاسا شەكىللىك، كېسەك تامدىن قوپۇرۇلغان ئادەتتىكى ئۆيلەر ئىدى.
كەيتانى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر ئۆيىدە ھاجەتخانا، ئاشلىق ئامبىرى، ئاشخانا ۋە كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سېلىنغان ئايرىم خانە، ئارام ئېلىش ئۆيى قاتارلىق ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى نەقىل قىلغان.[91] بۇ دەۋردە شەھەردىكى ئۆيلەر ئىككى ياكى ئۈچ ئېغىزلىق قىلىپ سېلىناتتى. ئۆينىڭ ئۈستى خورما شاخلىرى بىلەن يېپىلاتتى. ئىشىك-دېرىزىلەر ياغاچ ۋە بۆزدىن ياسىلاتتى. كىشىلەر ھويلىسىغا كولانغان قۇدۇقتىن ياكى مەھەللىدىكى ئوپچە قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىپ ئىچەتتى.
يېزا-قىشلاقلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار ئاساسەن چېدىر ئۆيلەردە تۇراتتى. چېدىر ئۆيلەر ئاساسەن راۋاق، ئەر- ئاياللار ۋە بالىلار كىرىش ئېغىزىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشىكتىن تەركىب تاپقان. چېدىر ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەتراپىغا ئېرىق ئېلىنغانىدى.[92]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆي سالغاندا ئۆيلەرنى ئالاھىدە ھەشەمەتلىك سالماسلىقنى، رەتلىك، كۆركەم سېلىشنى، يولنى تارلاشتۇرۇۋەتمەسلىكنى[93] ۋە ئۆتۈشۈش ئېغىزلىرىنى توسۇۋالماسلىقنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆينى پاكىز تۇتۇشنى تاپىلىغان.[94]
بۇ دەۋردە ئۆيلەر چىراغ نۇرى بىلەن يورىتىلىپ، ئۆيگە بورا ۋە چىغدىن سېلىنچا سېلىناتتى. سۇپىغا تېرىدىن تىكىلگەن ياستۇقلار قويۇلۇپ كۆرپە سېلىناتتى. ئۆيدە تۆمۈر، شېشە، تېرە، ھېجىر، خۇمرا، لېگەن، تورسۇق، سۇ تۇلۇمى، خالتا، ياغاچ كۇب، داستىخان، تاۋا ۋە قازان-قومۇش قاتارلىقلار ئىشلىتىلەتتى.[95]

2)   نىكاھ ۋە ئائىلە

جەمئىيەتتە ئالاھىدە ئۇرۇننى ئىگىلەيدىغان ئائىلىنىڭ قورۇلۇشىدا نىكاھ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرىدە قوللىنىلغان نىكاھلىنىش ئادەتلىرىدىن چاي ئىچكۈزۈش ئارقىلىق ئۆيلىنىشنى قوللانغان. بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلغان نىكاھ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشۈشى، ئۆز-ئارا قوشۇلۇشى ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان نىكاھلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئىسلام دىنىدا يىگىتنىڭ رازىلىقى ئېلىنغىنىدەك، قىزنىڭمۇ رازىلىقى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن نىكاھلىنىدۇ. مەسىلەن؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىزى فاتىمەنى ئۆيلىگەندە، دەسلەپ قىزىنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن نىكاھلاندۇرغان.[96]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە نازىل بولۇۋاتقان ئايەتلەر ۋە بۇ ئايەتلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكى كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنىشى چەكلەنگەن- ئانىسى، قىزى، قىز قېرىندىشى، قىز ۋە ئەركەك قېرىندىشىنىڭ قىزلىرى، ئىنىكئانىسى، ئېمىلداش تۇغقىنى، قېيىن ئانىسى، ئۆگەي قىزلىرى، ئۆز ئوغلىنىڭ ئايالى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قېرىنداش ئايالنى بىر ۋاقىتتا نىكاھىغا ئېلىش، ئانىسىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ بىر تۇغقانلىرى بىلەن ۋە بۇتپەرەس ئايال بىلەن نىكاھلىنىشمۇ چەكلەنگەن. مۇسۇلمان ئايالنىڭ پەقەت مۇسۇلمان ئەر بىلەنلا ئۆيلىنىشى بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقىدەك ھۆكۈملەر ئارقىلىق، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نومۇسى ۋە ئەركىنلىكى قوغدالغان.[97]
ئىسلامىيەتتە، دادىنىڭ ئۆز قىزىغا لايىق يىگىت ئىزدىشى ئەجەبلىنەرلىك ھېسابلانمايدۇ.[98] ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇل قالغان قىزى نەفىسەنى ئەبۇبەكىر ۋە ئوسمانغا سايە قىلغان. ئەمما ئۇلار بۇنى رەت قىلغان. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەفىسەنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىپ ئۆمەرنى خۇشال قىلغان.[99]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىز تاللاشتا ئۇنىڭ  ئىقتىسادىي ئەھۋالى، نەسەبى، چىرايى ۋە دىنىغا قاراڭلار دەپ كۆرسەتكەن ۋە دىندارلىقنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان.[100] مەھر (تويلۇق) بەرمەي ئۆيلىنىشنى، تويلۇقتا مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىۋېلىشنى،[101] باشقىلارنىڭ سۆز ئاچقان لايىقىغا سۆز ئېچىشنى[102] توسقان. تويدا مېھمانلارغا زىياپەت بېرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.[103]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆيلەنمەكچى بولغان ھەر ئىككى تەرەپ ھەممە جەھەتتىن تەڭ، باراۋەر بولۇشى، بويتاقلارنى ئۆيلەندۈرۈپ قۇيۇشى، ئەر-ئاياللارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆرنەك بولۇشى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشىنى، بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان. [104] ئائىلىنى ساغلام، مۇستەھكەم تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇشنى، ئىپادىلەپ ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش (نىكاھى مۇتئە)نى كەسكىن مەنئى قىلغان.[105]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قورغاننىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئەرنىڭ يات ئايال بىلەن، ئايالنىڭ يات ئەر بىلەن يالغۇز بىر يەردە قالماسلىقىنى، نىكاھلانغان ئەر ياكى ئايالنىڭ  ئۆيلەنمىگەن ياكى بويتاق ئەر-ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى، باشقىلاردا يامان تەسىر ياكى گۇمان پەيدا قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشىنى، ئەر ياكى ئايالنىڭ رۇخسەتسىز ئۆز ئۆيىدىن باشقا ئۆيلەرگە كىرىپ چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.[106] ئائىلىدە يۈز بېرىدىغان ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى،[107] ئاجرىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.[108]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارغا، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئارىلاشماسلىقنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىشنى تەۋسىيە قىلغان.[109] ئەلۋەتتە بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

3)   كۆڭۈل ئېچىش

ئىسلامىيەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رېئال ئىجتىمائىي مۇھىتىنى نەزەرگە ئالغان. يوللۇق شەكىلدىكى ھەر خىل ئويۇنلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.[110] نۆۋىتى كەلگەندە يەنە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەرغىب قىلغان. كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە  قاتتىق چەكلىمە قويمىغان. توي بولغان كېچىدە داپ چېلىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان.[111] خۇشاللىق كۈن ياكى مۇراسىم كۈنلىرىدە كىشىلەرنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا ئېيتىش ۋە داپ چېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىشىنى خوپ كۆرگەن.[112]

4)   كىيىم-كېچەك

ئىسلام دىنىدا كىيىم-كېچەك كىيىشتە ئىسراپچىلىق قىلىشقا ۋە ھەشەمەتچىلىك قوغلىشىشقا بولمايدۇ. ئىسلام دىنى ئەرلەرنىڭ يىپەكتىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىنى ۋە ئالتۇن ئىشلىتىشىنى ھارام قىلغان.[113] ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ئورىنىشقا بۇيرۇغان .[114] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋرىتىنى ئوچۇق قويغان بىر كىشىگە: «كىيىمىڭنى كەي ۋە يالىڭاچ يۈرمە»[115] دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋرەتنى يېپىشقا رىئايە قىلىش ھەققىدە: «ئاللاھ ئورىنشنى ۋە ھايانى ياخشى كۆرىدۇ»،«كىشى يۇيۇنغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئالسۇن»[116] دېگەن. ئىنسانلارنى كىيىم-كېچىكىنى پاكىزە تۇتۇشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ كىيىنىشتە بىر-بىرىگە ئوخشىۋالماسلىقىنى ۋە ئىنسانلارنى يەردە سۆرۈلۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئۇزۇن كىيىم-كىيمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.[117]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئەر-ئاياللار ئەرەبلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى بويىچە كىيىنەتتى. ئەرلەر بېشىغا سەللە يۆگەيتتى، تون-رىدا ۋە تامبال قاتارلىق كىيىملەرنى كىيەتتى. ئاياللار بېشىغا ياغلىق چىگەتتى، ئۇزۇن ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كۆينەك كىيەتتى.[118] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆپ ھاللاردا قارا رەڭلىك سەللىسىنى ۋە ئاق رەڭلىك كۆينىكىنى كىيىۋالاتتى. بۇ ھەقتە شەمائىلىي نەبىي (پەيغەمبەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى) گە ئالاقىدار كىتابلاردا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

5)   يېمەك-ئىچمەك

ئىسلام دىنىدا پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، غىزالىنىشتىن بۇرۇن ۋە غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن قول يۇيۇلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غىزالانغاندا كۆپ گەپ قىلماسلىقنى، غىزانى ئاز-ئازدىن ئېلىپ يېيىشنى، بەك تويۇنۇپ يېمەسلىكنى، چاقىرىلغان زىياپەتكە بېرىش لازىملىقىنى بايان قىلغان.[119] غىزالىنىشتا ھەشەمەتچىلىك قىلىشتىن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان لېگەن -تەخسىلەردە تاماق يېيىشتىن ساقلانغان. ئارپا نېنى، خورما، ھەسەل، زەيتۇن، قوغۇن، تاۋۇز، كاۋا، سۈتتىن ياسالغان ھەرخىل يېمەكلىكلەر ، مېۋە-چېۋىلەر ۋە ھەرخىل كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۇ، سۈت، ھەسەل شەربىتى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن. ئىچىملىكلەرنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچمەسلىكنى، ئىچىملىك ئىچكەندە بىرلا كۆتۈرۈپ گۈپۈلدىتىپ ئىچمەستىن، ئالدىرىماي تىنىپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلغان.[120]
ئىسلام دىنىدا بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى، چوشقا گۆشى، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ۋە ھاراق-شاراب قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەر ھارام قىلىنغان يېمەك-ئىچمەكلەردۇر.[121]

6- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارغا ئۈلگە قىلىنغان، قەبىلىۋازلىق ۋە مىللەتچىلىك يوقىتىلغان، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك كەڭ ئومۇملاشقان، ئاللاھ ئالدىدىكى ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەر ئادا قىلىنغان، ئۆزى ۋە باشقىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا رىئايە قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكى، ھاياتى ۋە يۈز-ئابرۇيى قوغدالغان، ۋەدىگە ۋاپا قىلىنغان بولۇپ، ئىنسانلار كىبىردىن يىراقلىشىپ، قىمار ئويناشتىن، جازانىخورلۇقتىن، يالغانچىلىقتىن، غەيۋەت شىكايەت قىلىشتىن، تۆھمەت قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمىغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتتە ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەر ئومۇملىشىپ، يامان ئىش-ھەرىكەتلەر چەكلەنگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان بۇ جەمئىيەت باراۋەرلىك، ھەققانىيلىق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمئىيەتتۇر. بۇ جەمئىيەتتە قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن. ئۆچمەنلىك، پىتنە-پاسات، كىن-ئاداۋەت، دۈشمەنلىشىشنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قۇيۇلمىغان. ئىنسانلار ئىمان، ئىبادەت، ۋە ئەخلاق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەي «ئاللاھتىن قورقۇش»نى ئاساسىي نىشانغا ئايلاندۇرغان. مۇئمىنلەر بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەتلىك بولۇپ، ئۆز-ئارا كىن ئاداۋەت ساقلىماي، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەن.[122] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شەخسلەر بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەن. بارلىق قەبىلىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇلارنى بىر بايراق ئاستىغا يىغقان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان بۇ جەمئىيەت ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن زىننەتلەنگەن، جاھىلىيەتنىڭ ئېتىقاد ، ئىبادەت ۋە ناچار ئۆرپ-ئادەتلىرى تۈگىتىلگەن، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق ھۆكۈم سۈرگەن بىر جەمئىيەتتۇر. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي، ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن ئىسلامىي پىرىنسىپلارغا تايانغان، مەسئۇلىيەتچانلىققا تولغان مۇكەممەل بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق ھەممە جەھەتتىن مۇكەممەل بولغان بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غەلىبىسى، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇرغان. موئىر: «تارىخ سەھىپىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە روھلارنى ئويغاتقان، ئەخلاق بەرپا قىلغان ۋە پەزىلەتنىڭ شەنىنى ئۈستۈن قىلغان يەنە بىر ئىسلاھاتچى كۆرگىنى يوق»[123] دېيىش ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ  بۈيۈك ئىسلاھاتى ۋە غايەت زور غەلىبىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قايىللىق بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمىغان.


(بۇ ماقالە تۈركىيە "دىيانەت ئىلمىي ژۇرنىلى" نىڭ 2003- يىللىق  ئالاھىدە سانىدا ئېلان قىلىنغان)


[1]  سۈرە ئەنبىيا،21/25؛ سۈرە نىسا، 4/48.
[2]  مۇسلىم، ھەج، 22.
[3]  ئىبنى ھىشام، ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇلمەلىك، ئەس-سىيرەتۇ،ن-نەبەۋىييە، 185، مىسىر-1936، 2-توم، 75.
[4]  سۈرە بەقەرە،2/102؛ سۈرە مائىدە،5/3؛ سۈرە ئەئراف،7/131؛ سۈرە نەمل،27/47؛ مۇسلىم، ئەزاھىي 45، ئەيمەن 1،2؛ تىرمىزى، قەدەر1.
[5]  سۈرە فاتىھە،1/4.
[6]  سۈرە تەۋبە،9/40.
[7]  بۇخارىي، تەۋھىد، 50؛ تەۋبە 1؛ مۇسلىم، زىكىر 2،3.
[8]  سۈرە نەمل. 27/65.
[9]  سۈرە جىن، 72/26-28؛ ئىبنى ھەنبەل 1/214، 224.
[10]  مۇسلىم، ئىمان، 111؛ ئىبنى ھەنبەل2/23،60،142.
[11]  سۈرە زارىيات، 51/56.
[12]  مۇسلىم، بىر، 33، 34؛ ئىبنى ھەنبەل 2/258.
[13]  كەيتانى، ئابدۇلھەي، ئەت-تەراتىبۇ،ل-ئىدارىييە. تۈركچىگە: ئەھمەد ئۆزال تەرجىمىسى، ئىستانبۇل، 1990-1993، 1، 172.
[14]  بۇخارىي، تەھەججۇت، 7.
[15]  بۇخارىي، سالاتۇ،ل-مۇسافىرىين، 208،209؛ ئىبنى ھەنبەل، 2/284
[16]  ئىبنى ھەنبەل، 3/226.
[17]  ئىبنى ماجە، ئىقامە، 73.
[18]  سۈرە ئەلەق، 96/1.
[19]  سۈرە نەھل، 16/43.
[20]  سۈرە زۈمەر، 39/9.
[21]  بۇخارىي، فەزائىلۇ،ل-قۇرئان، 21؛ ئەبۇ داۋۇد، ۋىتر، 4.
[22]  مۇسلىم، جۈمئە 43؛ ئەبۇ داۋۇت، سۈننەت5.
[23]  كەيتانى، 131،1؛ ئىبنى ھەنبەل، 1/247.
[24]  سۈرە رۇم، 30/9. سۈرە زارىيات 51/21.
[25]  مۇسلىم، ئىلىم،2؛ ئىبنى ھەنبەل، 1/401-421.
[26]  سۈرە مائىدە، 5/37؛ بۇخارىي، ئەنبىيا، 54؛ مۇسلىم، ھۇدۇد، 8،9،10،11؛ ئىبنى ماجە، فىتەن3.
[27]  بۇخارىي، ئىستىئزان، 12؛ مۇسلىم، ئەيمان 37؛ ئەبۇ داۋۇد، سۈننەت15.
[28]  سۈرە بەقەرە،2/275-276، 278-280.
[29]  مۇسلىم، ئىمارەت، 26.
[30]  بۇخارىي، بۇيۇئ، 49؛ مۇسلىم، بۇيۇئ، 11.
[31]  بۇخارىي، رىقاق، 14؛ مۇسلىم، زاكات، 31.
[32]  بۇخارىي، ئىمان،7؛ مۇسلىم، ئىمان.7؛ تىرمىزىي، قىيامە، 59.
[33]  بەقەرە، 2/220.
[34]  بۇخارىي، زاكات، 8؛ مۇسلىم، زاكات، 64.
[35]  بەقەرە، 2/215.
[36]  ئىبنى ھەبىب، كىتابۇ،ل-مۇخەببەر، بەيرۇت 1941، 71.
[37]  ئىبنى ھىشام، 2، 50-54، 244-246.
[38]  ئۆشرە-زاكات يىغقۇچى، يەنى، باج ۋە مالىيە خادىمى.
كەيتانى، 1، 147، 148، 194، 197. [39]
[40]  بۇخارىي، جۈمە 11، جەنائىز 32؛ مۇسلىم، ئىمارات 20؛ ئەبۇ داۋۇت، ئىمارەت 1.
[41]  مۇسلىم، ئىمارات 53،54؛ نەسەئىي، تەھرىم6؛ ئىبنى ھەنبەل، 5/24.
[42]  مۇسلىم، ھەج 311؛ تىرمىزى، جىھاد28؛ ئىبنى ماجە، جىھاد 3.
[43]  بۇخارىي، سالات33؛ مۇسلىم، ئىمارات19؛ ئەبۇ داۋۇت نىكاھ 8.
[44]  بۇخارىي، مەناقىب؛ مۇسلىم، ئىمارات؛ تىرمىزىي، فىتەن.
[45]  سۈرە قۇرەيش/4-1.
[46]   كەيتانى، 2/270.
[47]  كەيتانى، 2/173،186.
[48]  ئىبنى ھەجەر ئەل-ئەسقەلانىي، ئەل-ئىسابە، بەيرۇت، 1328-يىل. 2/231.
[49]  بۇخارىي، ۋاكالەت3؛ ئىبنى ئىدرىس، ئابدۇللاھ ئابدۇ،ل-ئەزىز، مۇجتەمەئۇ،ل-مەدىينە، رىياد1992-يىل.
[50]  ئىبنى سەئەد، 3/114-115.
[51]  ئىبنى ئىدرىس، ئابدۇللاھ ئابدۇ،ل-ئەزىز، مۇجتەمەئۇ،ل-مەدىينە، رىياد1992-يىل. 196-بەت.
[52]  كەيتانى، 2/323.
[53]  مۇسلىم، بۇيۇئ88.
[54]  كەيتانى، 2/324.
[55]  ئىبنى ئىدرىس، ئابدۇللاھ ئابدۇ،ل-ئەزىز، مۇجتەمەئۇ،ل-مەدىينە، رىياد1992-يىل. 204-205-بەتلەر.
[56]  ئىبنى ماجە، تىجارەت 40؛ كەيتانى، 2/378.
[57]  تىرمىزىي، بۇيۇئ 4.
[58]  ئىبنى ھەجەر ئەل-ئەسقەلانىي، ئەل-ئىسابە، بەيرۇت، 1328-يىل. 2/29.
[59]  كەيتانى، 2/270-271-298.
[60]  كەيتانى، 2/254
[61]  ئىبنى ماجە، رۇھن 24.
[62]  سۈرە بەقەرە، 2/275.
[63]  مۇسلىم، مۇساقات 68؛ نەسائىي، بۇيۇئ 90.
[64]  مۇسلىم، ئىمان 99؛ ئەبۇ داۋۇت. بۇيۇئ 1.
[65]  سۈرە بەقەرە، 2/282؛ ئەبۇ داۋۇت، بۇيۇئ.
[66]  بۇخارىي، بۇيۇئ 19.
[67]  سۈرە نىسا، 4/5-6.
[68]  مۇسلىم، ئىمارات 26.
[69]  سۈرە بەقەرە، 2/275-276.
[70]  ئىبنى ماجە، تىجارەت 6.
[71]  سۈرە نىسا، 4/7-8، 137.
[72]  سۈرە نىسا، 4/11،12،176.
[73]  ئابدۇرراھمان ئىسا ئەس-سەلىم، ھىسبەتۇ،ن-نەبىي، بەيرۇت، 1993-يىل، 109-110-بەتلەر.
[74]  مۇسلىم، مۇساقات 133؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 69.
[75]  مۇسلىم، مۇساقات 2،4،6.
[76]  كەيتانى، 2/256،325-330، 332، 333، 339.
[77]  ئەبۇ داۋۇت، دىيەت 23.
[78]  ئبنى ئىدرىس،  مۇجتەمەئ، 223-225.
[79]  كەيتانى، 2/256.
[80]  ئەبۇ داۋۇت، ئىمارات35.
[81]  بۇخارىي، مەزالىم 16.
[82]  مۇسلىم، ئەقدىيە، 4-5.
[83]  بۇخارىي، دىيەت 22؛ مۇسلىم، قاسامە 6.
[84]  قارالسۇن سۈرە مائىدە 5/33-34، 38-39؛ بۇخارىي، ئەھكام 19؛ مۇسلىم، ھۇدۇد 16، 22.
[85]  مۇسلىم، ئەشرىبە، 68-70.
[86]  كەيتانى،2/16،17،21.
[87]  مۇسلىم، لىئان 11،12.
[88]  قارالسۇن سۈرە بەقەرە، 2/185؛ سۈرە ئەنئام، 6/164؛ بۇخارىي، ھۇدۇد 12؛ ئىبنى ماجە، ھۇدۇد 6.
[89]  ئىبنى ھەنبەل، 5/348.
[90]  مۇسلىم، تالاق 10؛ نەسەئىي، تالاق 64.
[91]  كاتتانى، 2/303.
[92]  نەبى بوزكۇرت، "ئەسرى سائادەتتە ئۆيلەر ۋە ئائىلە ھاياتى"، ئەسرى سائادەتتە ئىسلام، 5/30-42.
[93]  بۇخارىي، مەزالىم 29؛ مۇسلىم، مۇساقات143.
[94]  ئەبۇ داۋۇت، جىھاد 97. كەيتانى، 2/41.
[95]  كاتتانى،1/188؛ نەبى بوزكۇرت، "ئەسرى سائادەتتە ئۆيلەر ۋە ئائىلە ھاياتى"، ئەسرى سائادەتتە ئىسلام، 5/34-57.
[96]  نەسائىي، نىكاھ 7؛ ئىبنۇ جەۋزىي، مۇنتەزەم، 3/85.
[97]  سۈرە بەقەرە، 2/221؛ سۈرە نىسا، 4/23؛ سۈرە نەھىل، 16/72؛ مۇسلىم، نىكاھ 39-40.
[98]  بۇخارىي، نىكاھ 36.
[99]  ئىبنى سەئەد، 8/81-82.
[100]  نەسەئىي، نىكاھ 13.
[101]  سۈرە نىسا 4/20.
[102]  بۇخارىي، نىكاھ 45؛ مۇسلىم، نىكاھ 38،75.
[103]  بۇخارىي، نىكاھ 55؛ مۇسلىم، نىكاھ 89، 90-91.
[104]  سۈرە بەقەرە، 2/233؛ سۈرە نىسا 4/34؛ بۇخارىي لىباس 106؛ مۇسلىم، لىباس 127؛ ئەبۇ داۋۇت، نىكاھ 34.
[105]  بۇخارىي، ھەج 34، مەغازىي 38؛ مۇسلىم، نىكاھ 11، 13، 16، 18،19.
[106]  بۇخارىي، سەيد 26؛ مۇسلىم، ھەج 413، 418، سالام 19.
[107]  سۈرە نىسا، 4/128-130.
[108]  سۈرە بەقەرە، 2/228؛ تالاق 65/1.
[109]  سۈرە تەھرىم، 66/3. ئىبنى ماجە، نىكاھ 4.
[110]  كەيتانى، 2/373، 3/162.
[111]  بۇخارىي، نىكاھ 63؛ كەيتانى، 2/356،372.
[112]  بۇخارىي، نىكاھ 63؛ كەيتانى، 2/356،372.
[113]  مۇسلىم، لىباس، 52، 59، 60، 61.
[114]  سۈرە ئەھزاب، 33/59.
[115]  مۇسلىم، ھەيز 78؛ ئەبۇ داۋۇت، ھەممام2.
[116]  ئەبۇ داۋۇت، ھەممام 2.
[117]  بۇخارىي، لىباس68؛ مۇسلىم، لىباس 47؛ ئىبنى ھەنبەل، 5/264.
[118]  ئىبنى سەئەد، 1/478، 2/103.
[119]  بۇخارىي، نىكاھ 71 ؛ مۇسلىم، نىكاھ 96-98، 106.
[120]  مۇسلىم، ئەشرىبە 105،116،117؛ ئەبۇ داۋۇت، ئەشرىبە 19.
[121]  سۈرە مائىدە، 5/90.
[122]  بۇخارىي، سالات 88، ئەدەب 27، نىكاھ 45؛ مۇسلىم، بىرر 31، 65،66؛ ئىبنى ھەنبەل، 4/270.
[123]  ھەسەن ئىبراھىم ھەسەن، تارىخۇ،ل-ئىسلام، قاھىرە، 1964، 1/202.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-9-20 05:50 , Processed in 0.157940 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش