تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 970|ئىنكاس: 0

ئىسلام دۇنياسىنىڭ مودېرىنلىشىش ھادىسىسى بىلەن ئىمتىھانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36

ئىسلام دۇنياسىنىڭ مودېرىنلىشىش[1] ھادىسىسى بىلەن ئىمتىھانى
پىروفېسسور دوكتور بەدرى گەنجەر

ئادىل يۈسۈپ تەرجىمىسى

تېئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مودېرىنلىشىش «يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش مۇساپىسى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق سوئال سوراشقا توغرا كېلىدۇ: «يېڭى دۇنيا»دېگەندە زادى نېمە كۆزدە تۇتۇلىدۇ؟ ئالەملەرگە رەھمەت سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سايىسىدە ھەم دىن، ھەم ئۇنىڭ جانلىق تەدبىقى بولغان دىيانەت سۈننەت تەرىقىسىدە كامالەتكە يەتتى. بىراق ئىلاھىي دىن ئەبەدىي مۇكەممەل ئىدى، ئىنسانىي دىيانەت  بولسا غەيرى مۇكەممەل ئىدى. ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە بۇ پېتنە-پاسات ئالىمىدە بولغىنىدەك، دىن ۋە دىيانەتتىمۇ بۇزۇلۇش ياكى يېڭىلىنىش بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، جانابى ھەق ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئۈممىتىگە رەھمىتىنىڭ ئەسىرى سۈپىتىدە يۈز يىللىق بۇزۇلۇش مەزگىلىدىن كېيىن دىننى يېڭلايدىغان ئالىم ئەۋەتىدۇ. ئالىملارنىڭ قەرەللىك مەزگىلدە كېلىشى ئاخىر زاماندا مەھدىنىڭ ۋەزىپىسىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. مەھدى ناقىس كوللېكتىپ دىيانەتنى  تارىخنىڭ ئاخىرى تۈگۈنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىشقا ئاشۇرغاندەك قايتىدىن كامالەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام قوغلانغان جەننەتنى ياكى ئىسلام تارىخىنىڭ بېشىدا روياپقا چىققان سائادەت دەۋىرىگە ئوخشاش زېمىندا جەننەت بەرپا قىلىدۇ.

يېڭى دۇنياغا بارىدىغان يول
پۈتكۈل زامانىۋى ئۇقۇملارغا ئوخشاش «مودېرىن» ئۇقۇمىمۇ قارىماققا جەمئىيەتشۇناسلىق[2] ئۇقۇمىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تېئولوگىيەلىك[3] ئۇقۇمدۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن مودېرىنلىشىشنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «ماھىيەتلىك ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش»ھادىسىسى تەرىقىسدە ئىزاھلاش مۇمكىن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەگە ئوخشاش يېزا-ئىگىلىك جەمئىيىتىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگە كىرىشى ئەمەلىيەتتە مودېرىنلىشىشتىن ئىبارەت ماھىيەتلىك ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش مۇساپىسىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مودېرنلىشىشنى نوقۇل جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن چۈشىنىش تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ، مودېرنلىشىشنىڭ يەنە تېئولوگىيەلىك مەنىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە كاللىمىزغا كەلگەن «جەمئىىيەتلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ماھىيەتلىك ئىجىمائىي ئۆزگىرىش مۇساپىسىگە كىرىشگە مەجبۇرلاندى؟»دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا تېىئولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئېرىشكىلى بولىدۇ. غەربلىك بولمىغان جەمئىيەتلەر نۇقتىسىدىن جەمئىيەتشۇناسلىق مەنىسىدىكى مودېرىنلىشىش«غەربلىشىش»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربلىشىش ھادىسىسى غەربلىك بولمىغان جەمئىيەتلەر ھەر جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان غەرب ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش خاھىشىنىڭ تۈرتكىسىدە قوبۇل قىلغان يولنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا غەرب دۇنياسى كىرىشكە مەجبۇر بولغان ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى ئىپادىلەيدىغان مودېرىنلىشىشنىڭ مەنبەسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سوئال تېئولوگىيەلىك جاۋابنى تەقەززا قىلىدۇ.
تېئولوگىيەلىك نۇقتىدىن مودېرنلىشىش «يېڭى دۇنيا قۇرۇش مۇساپىسى»نى كۆرسىتىدۇ. جورج بۇش تەرىپىدىن 1991-يىلى ئېلان قىلىنغان «يېڭى دۇنيا تەرتىپى» ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ تىزگىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان لىبېرال[4]دۇنيانىڭ پىلانى بويىچە ماڭغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى كۆرسىتەتتى. بىراق بۇ ئىبارىنىڭ لاتىنچە ئەسلى novus ordo seclorum ، يېڭى ئەمەس يىپيېڭى دۇنيا تەرتىپىنى بىلدۈرەتتى. قۇياشنىڭ ئاستىدا يېڭى نەرسىنىڭ يوقلىقى ھەممىگە مەلۇم. تەڭداشسىز يىپيېڭى دۇنيانى ياراتقۇچى پەقەت جانابى ھەقتۇر. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ «يىپيېڭى دۇنيا تەرتىپى» بەرپا قىلىش غايىسى ئۇتۇپىيەدىن[5] ۋە قۇرۇق خىيالدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، خالاس.
تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىغا دۇنيا دېگەن تەرىقىدە تەرجىمە قىلىنغان ئىنگلىزچە world كەلىمىسى ئەسلىدە دەۋىر ياكى چاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە «يىپيېڭى چاغ ياكى دەۋىر»دېيىلگەندە «جەننەت»كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ تاشلىغان ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىمتىھان ئۈچۈن سەماۋىي ۋەتىنى بولغان ئاسمان جەننىتىدىن بۇ يات ئالەمگە سۈرگۈن قىلىندى. ئىنساننىڭ ئاخىرقى غايىسى بولسا ھەقىقىي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، بۇ يات ئالەمدىن ساماۋى ۋەتەنگە، ئاسمان جەننىتىگە قايتىدىن ئېرىشىشتىن ئىبارەت. بىراق بۇنىڭدىن ئاۋال ئاخىر زاماندا ناقىس كوللىكتېپ دىيانەت كامالەتكە يېتىدىغان بىر يەر يۈزى جەننىتى ئىنسانلارنى كۈتمەكتە.
ئالەملەرگە رەھمەت سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سايىسىدە ھەم دىن، ھەم ئۇنىڭ جانلىق تەدبىقى بولغان دىيانەت بولسا سۈننەت تەرىقىسىدە كامالەتكە يەتتى. بىراق ئىلاھىي دىن ئەبەدىي مۇكەممەل ئىدى، ئىنسانىي دىيانەت بولسا غەيرى مۇكەممەلدۇر. ئىلاھىي ھىكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە بۇ پېتنە-پاسات ئالىمىدە بولغىنىدەك، دىن ۋە دىيانەتتىمۇ بۇزۇلۇش ياكى يېڭىلىنىش بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، جانابى ھەق ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئۈممىتىگە رەھمىتىنىڭ ئەسىرى سۈپىتىدە يۈز يىللىق بۇزۇلۇش مەزگىلىدىن كېيىن دىننى يىڭلايدىغان ئالىم ئەۋەتىدۇ. ئالىملارنىڭ قەرەللىك مەزگىلدە كېلىشى ئاخىر زاماندا مەھدىنىڭ ۋەزىپىسىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. مەھدى ناقىس كوللېكتىپ دىيانەتنى  تارىخنىڭ ئاخىرى تۈگۈنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىشقا ئاشۇرغاندەك قايتىدىن كامالەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام قوغلانغان جەننەتنى ياكى ئىسلام تارىخىنىڭ بېشىدا روياپقا چىققان سائادەت دەۋىرىگە ئوخشاش زېمىندا جەننەت بەرپا قىلىدۇ.
خىرىستىيانلىق ئېتىقادىدا ئاخىر زاماندا ئىككىنچى قېتىم كېلىدىغان مەسىھ، قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىڭ يىل داۋاملىشىدىغان يەر يۈزى جەننىتى قۇرۇپ چىقىدىكەن. خىرىستىيان دۇنياسى تىئودىسە[6] مەسىىلسى سەۋەبىدىن تەڭرىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كېتىپ دىننى تېئولوگىيەگە يەنى نوقۇل ئىدېئولوگىيەگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، نەتىجىدە دىننىڭ ئۆزى يەنى ماھىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ناھايىتى قورقۇنچ بولغان ئېتىقاد سىستېمىسى (مەشرۇئىيەت)[7] كىرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ. تارىختا بۇنىڭغا ئوخشاش بوھران ياكى كىرزىسلار ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردە مەسىھنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈش خاھىشى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەقىقىي مەسىھنىڭ كەلمەي قويۇشى خىرىسىتىيان دۇنياسىنىڭ كىلاسسىك مەسىھ ئېتىقادىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولغانىدى. بىراق ئېتىقاد تەبىئىتىدە بولغان ئىنساندا مەسىھچىلىك ئېتىقادى تەلتۆكۈس يوقالماي، سېكۇلەر[8] (دەھرىيلىك)تۈسكە ئايلاندى.
سېكۇلەر ياكى سېكۇلەرلىق تېىئولوگىيەنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرلىرىگە زۇلۇم قىلىش تۇيغۇسى سەۋەب بولغان مەشرۇئىيەت (يوللۇق، ھەقلىق ۋە قانۇنلۇق) كىرزسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى سەۋەبىدىن خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئاخىر زاماندا مەسىھ قۇرىدىغان يىپيېڭى دۇنيا تەرتىپىنى ۋە  يەر يۈزى جەننىتىنى ساقلاشقا تاقىتى قالمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، خىرىستىيانلار بىرلا مەسىھنىڭ فۇنكىسىيەسىنى فىرانسىيە ئىنقىلابىدىكىگە ئوخشاش كوللىكتېپ مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، كۈتۈلىۋاتقان بۇ يېڭى دۇنيانى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مودېرىنلىق بۇ لايىھەنىڭ سېكۇلەرلىشىشىنى (دەھرىيلىشىشىنى) ئىپادە قىلىدىغان تېرمىندۇر. مودېرىنلىق مەسىھنىڭ ئاخىر زاماندا «ئۇيەردە ۋە كېلەچەكتە» قۇرىدىغان يېڭى دۇنيانى ئالدىغا (ھازىرقى ۋاقىتقا) يۆتكەش، ماركسنىڭ ئىپادىسى بويىچە زاماننىڭ نورمال ئېقىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈپ دەرھال «بۇيەردە ۋە ھازىر»[9]بەرپا قىلىش لايىھەسىدۇر. بۇ يەردە دەل مودېرىنلىق-سېكۇلارىزم مۇناسىۋىتى تولۇق ئايدىڭلىشىدۇ، يەنى  مودېرىن دۇنياغا بارىدىغان يولغا سېكۇلەر ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. سېكۇلارىزم ئاخىرقى نىشان بولغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى، ئاخىر زاماندىكى يەر يۈزى جەننىتىنى كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا «بۇ يەردە ۋە ھازىر» بەرپا قىلىش لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.
قىسقىسى، سېكۇلارىزم زاماننى توڭلىتىپ قويۇشنى ياكى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشنى كۆرسىتىدىغان ئېسكاتولوگىيەلىك[10]چۈشەنچىدىن ھالقىپ ئۆتۈش يولى بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭمۇ «تەتۈر يول»ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. زامانىۋى ئىنساننىڭ تىراگېدىيەسى ئوتتۇرا يولنى تاپالمىغىچە، پالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللاردا تېڭىرقاپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زامانىۋى ئىنسان مەسىھچىلىك ئېتىقادىنى تەبىئىي تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە ياشاشنىڭ ئورنىغا زاماننى يا توڭلىتىپ قويۇش ياكى سۈرئىتىنى نورمالدىن تېزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. تېئولوگىيەلىك مەسىھچىلىك ئېتىقادىدىكى «ئۇ يەردە ۋە كېلەچەك» چۈشەنچىسى، زاماننىڭ سۈرئىتىنى نورمالدىن تېزلەشتۈرۈش ھېسابلىنىدىغان سېكۇلار مەسىھچىلىكتىكى «بۇ يەردە ۋە ھازىر»چۈشەنچىسىگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئىككى چۈشەنچە ئەمەلىيەتتە ئۇ دۇنيا ھاياتىغا قارىغاندا ئەھمىيەت بېرىلىپ كەتمەيدىغان ۋە قىممەتلىك ھېسابلانمايدىغان بۇ دۇنيا ھاياتىغىلا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئېغىر خاتالىقتىن كېلىپ چىققان. ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا «بۇ يەردە ۋە ھازىر» بولسا «ئۇ يەردە ۋە كېلەچەك»تىن، روھتىن ۋە مۇقەددەسلىكتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، نەتىجىدە مودېرىن دەۋىردە سېكۇلارلىق،  ئىلاھىي ۋە مۇقەددەسلىككە قارشى ھالدا ئىنسانىي ۋە ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئوخشاش ياكى تەڭ ھالەتكە كېلىدۇ. مودېرىنلىشىش بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئايرىلىش، بۆلۈنۈش ۋە ئۈزۈلۈش مۇساپىلىرىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئاسمان ۋە زېمىن، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەك، مەۋجۇدتلۇق ۋە بىلىم، ئەقىل ۋە قەلب قاتارلىقلارنىڭ بىر-بىرلىرىدىن ئايرىلىشىنى، ئۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. روسسۇغا[11] ئوخشاش پىروتېستان[12]رومانتىكلەر ناھايىتى قايغۇ ئىچىدە ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن مودېرىنلىقنىڭ بۇ ماھىيەتلىك ئىللىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ باققانىدى.
ئىسلامغا ئوخشاش ئەسلىدىكى بارلىق ساماۋى دىنلار نومولوگىيەلىك[13] پىرىنسىپقا تايىنىدۇ. نومولوگىيەلىك چۈشەنچە ئىنسانىيەت نومۇس[14]-شەرىئەتكە ئاساسەن ئىمتىھان ئېلىنىىدىغان تارىخىي سەيىر دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىغىچە ئىلاھىي قانۇننىڭ ئوبىيكتى بولغان ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  «بىرىڭلار قولىدا كۆچەت بولۇپ قىيامەت قايىم بولىدىغان بولۇپ قالغان تەقدىرىمۇ، قىيامەت قايىم بولغىچە ئۇ كۆچەتنى تىكەلەيدىغان بولسا تىكىۋەتسۇن» دېگەن ھەدىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.
بۇ يەردە ئىسلامنىڭ ئىككى ئبىراھىم دىنى دۇچ كەلگەن ئاقىۋەتكە ئۇچراشتىن قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە ئەسلىدىكى نومولوگىيەلىك (شەرىئەتچىلىك) تەبىئىتىنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالغانلىقى توغرۇلۇق سوئال پەيدا بولۇشى مۇمكىن. دىننىڭ ئەسلىدىكى نومۇلوگىيەلىك تەبىئىتىنى ساقلاپ قېلىشى تىئودېسە (ئىلاھىي ئادالەت) مەسىلىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلالىشىغا باغلىقتۇر. ئىمامى غەززالى ۋە ئۇنىڭ ئىزى بويىچە ماڭغان ئىسلام ئالىملىرى غەربكە سېلىشتۇرغاندا ئىسلامدا تىئودېسە مەسىلىسىنى ئىلمىي ئۇسۇل بويىچە ھەق قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان. تەۋرەنمەس تەۋھىد ئەقىدىسى، شەرىئەت، كۈچلۈك ئۈممەت ۋە ۋاستىلىك سىياسەت (سىياسەتتىن ۋاستە ۋە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىش) چۈشەنچىسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ غەربتىكىگە ئوخشاش چېركاۋ ۋە دۆلەتكە ئوخشاش ئورگانلىشىشىغا، رادىكال زامانىۋىلىشىشقا، سېكۇلارلىشىشقا ۋە ئىدىئولوگىيەلىشىشكە رۇخسەت قىلمىدى. ئىسلام دۇنياسىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋىرىدە تەخمىنەن 1000-يىلىدا ئىشقا ئاشقان تۇنجى ئالەمشۇمۇللىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش (زامانغا ماس) دولقۇنى غەززالىغا ئوخشاش ئالىملارنىڭ تۈرتكىسىدە سۈننىي-ئەشارى سىستېمىسىغا تايانغان «ئىسلامىي دۇنيا قارىشى»دېسەكمۇ بولىدىغان ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

زامانىۋى مەسىھنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كېلىشى
ئىسلام زامانىۋىلىشىش (زامانغا ماس) دولقۇنىغا قارشى ھالدا ئاساسىنى پۇختىلاشتۇردى. ئىسلام ئۈممىتى ئاخىر زامان پەيغەمبىرى تەبلىغ قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھىي دىننىڭ ئەگۈشكۈچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن  «رەھمەت قىلىنغان ئۈممەت»[15] »بولدى. رەھمەت قىلىنغان بۇ ئۈممەت ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەت بولغانلىقتىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە ئوخشاش كوللىكتېپ ھالدا پۈتۈنلەي ھالاك بولمايتتى، بىراق قىيامەت قايىم بولغۇچە قەرەللىك مەزگىللەردە «پېتنە-پاسات»قا ئوخشاش ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلەتتى. مۇسۇلمانلار ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋىرىكى ئالەمشۇمۇللىشىش دولقۇنى (زېمىندا كېڭىيىش) تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن زامانىۋىلىشىش سىنىقىدىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈلگەنىدى. كەينىدىنلا كەلگەن ئەھلى سەلەپ ئۇرۇشلىرىمۇ (1095-1270) سالاھىددىننىڭ ئەپسانىۋى ھىتتىن زەپىرى نەتىجىسىدە (1198) مۇسۇلمانلارنىڭ  غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى موڭغۇل ئىستېلالىرى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن يەنە بىر ئېغىر سىناق بولدى. 1258-يىلى باغدادنىڭ قولدىن كېتىشى ئسىلام دۇنياسىدا تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقىتىسى تەشكىل قىلىدۇ. ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادنى چېڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھۇلاگۇ 1258-يىلى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىپىسى مىسىردا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەملۇك سۇلتانلىقىدىن (1250-1517) پاناھلىق تىلەپ سىمۋوللۇق ھالەتكە كېلىپ قالغان خەلىپىلىكنى داۋملاشتۇردى. بۇ تەرىقىدە ئالەمشۇمۇل ئۈممەت غايىسى يوق بولغاندىن كېيىن ئوسمانلى پادىشاھى ياۋۇزنىڭ دەۋىرىدە ئىسلام ئىمپېرىيەسىگە ئايلانغان ئوسمانلى، خەلىپىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن غازات[16] ۋەزىپىسى تۈرتكىسىدە ئىسلام دۇنياسىغا باش بولدى. شۇنداق قىلىپ، سەلچۇقىيلار بىلەن باشلىغان «توغرا ئېتىقادقا تايانغان بىرلىك» ئۇرۇنۇشلىرى، ئەھلى-سۈننەت ۋە جامائەت سەزگۈرلۈكى ئوسمانلىدا يۇقىرى پەللىگە چىقتى. غەرب مەدەنىيىتى يۈكسەلگەن 1500-يىلدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم دەۋىرگە قەدەم قويدى.
دىنىي ۋە ئىمپېرىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك روھىي بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى 1400-يىلدىن باشلاپ غەربتە مەرىپەت ئويغىنىش، دىنى ئىسلاھاتچىلىق، بىلىم ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتىگە ئوخشاش باسقۇچىلاردىن ئۆتكەن زور ئۆزگىرىش ۋە ئېقىملارغا جايدا ۋە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇلمىدى. ئوسمانلىنىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشى مەرىپەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنى تولۇق چۈشەنگەن فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن ھەربىي فەتىھى پىرىنسىپى بويىچە ئىش تۇتۇشنى داۋملاشتۇرغان ئوسمانلى غەربتىكى يېڭىلىقلارغا ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىنلا ماسلىشىپ، بۇ يېڭىلىقلارنىڭ كەينىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويدى. غەربتىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، ئوسمانلى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە رول ئوينىغان رۇملارمۇ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلدى. فەنەر رۇملىرىمۇ خىرىستىيانلىق غەرب ۋە شەرق خىرىستيانلىقىغا پارچىلىنىپ كەتكەندىن باشلاپ، غەربتە بىلىم ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلدى.
شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ پەرۋاسىزلىقنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت داۋملىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى غەرب دۇنياسى مەرىپەت ئويغىنىش دەۋىرى بىلەن ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش مۇساپىسىغا قەدەم قويغانىدى. ئىستانبۇل فەتھى قىلىنغاندا ۋىزاتىنيەدىكىگە ئوخشاش «پەرىشتىلەرنىڭ جىنسىيىتى»دېگەن تەرىقىدىكى بىھۇدە بەس-مۇنازىرىلەردىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ ئۆتكەن غەرب، دۇنياسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا قارىشىنىمۇ تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە باشلىغانىدى. مەرىپەت ئويغىنىش دەۋىرى بىلەن باشلىغان ئىدىيە ئىنقىلابىدىن كېيىنلا ئىلمىي، سىياسىي ۋە سانائەت ئىنقىلابلىرى بارلىققا كەلدى، غەربلىك مودېرىن ئىنسان بولسا ئىلاھنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى  قويۇپ تەبىئەت بىلەن تارىخنى بويسۇندۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈردى. ئاتالمىش بىلىم[17] ساھەسىدىكى ئىنقىلاب تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان بولسا، فىرانسىيە ئىنقىلابى تارىخنى بويسۇندۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى، خالاس. تارىخنى بويسۇندۇرۇش ياكى تىزگىنلەش ئەمەلىيەتتە، زاماننىڭ نورمال مېڭىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈپ مەسىھنىڭ ئاخىر زاماندا «ئۇ يەردە ۋە كېلەچەكتە» بەرپا قىلماقچى بولغان يەريۈزى جەننىتىنى «بۇ يەردە ۋە ھازىر»بەرپا قىلىش لايىھەسىنى ئىپادىلەيدىغان سېكۇلارىزمنىڭ تەقەززاسى ئىدى. فىرانسىيە ئىنقىلابى بۇ سېكۇلارىلاشقان كوللېكتىپ مەسىھچلىكنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى. «سۇلار بۇلغانماي تۇرۇپ بېسىقمايدۇ» دېگەن ئىبارىنىڭ روھىي بويىچە، فىرانسىيە ئىنقىلابى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقتىن كۈتۈلىۋاتقان يەريۈزى جەننىتى چىقىشى ئۈمىد قىلىناتتى. بىراق، يەريۈزى جەننىتى چىقماي قالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا كىلاسسىك مەنىدىكى بىر مەسىھ ئوتتۇرىغا چىقتى: ناپالىئون بونارپارت.
كوللىكېتىپ مەسىھ كونا تۈزۈمنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسا، يېڭى تۈزۈم ۋە تەرتىپ بەرپا قىلىشنى بىر مەسىھكە قالدۇرۇپ قويدى. ناپالىئون ئۆزىنى « ئىنقىلابنىڭ مەسىھى» سۈپىتىدە كۆرگىنىدەك، ھېگېل قاتارلىق نۇرغۇن فىرانسۇز، نېمىس ۋە ئىنگلىز مۇتەپەككۇرلىرىمۇ ئۇنى كۈتۈلىۋاتقان مەسىھ، نىجادتچى ياكى قەھرىمان سۈپىتىدە كۆرۈشكەن. ئەينى دەۋىردە بۇ توغرۇلۇق چىققان ئەسەرلەرمۇ ناپالىئوننى ھەربىي قەھرىمان سۈپتىىدە كۆرۈشتىن بەكرەك، فىرانسىيە، ياۋروپا ۋە ھەتتا پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئوتىدا يۈرگەن ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمانى سۈپىتىدە ئوبرازىنى سۈرەتلەپ چىققان. ئەسلىدىكى مەقستىدىن چەتنەپ كەتكەن ئىنقىلابنى ناپالىئون ھەققىي مەقسىتىگە ئېرىشتۈردى، ئىنقىلابنى ئۆتكۈنچى بىر ھەۋەسنىڭ مەھسۇلاتى سۈپىتىدە كۆرگەن ناپالىئونغا نىسبەتەن ھەققىي ئىنقىلاب «تارىخنى پەتىھ قىلىش» ئىدى.
ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەسھىچلىك قايتىدىن ئىشقا ئاشقان بولسا، ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايە[18]دېيىلىدىغان سىياسىي غايە سېكۇلارلاشقانىدى. غەرب دۇنياسى ۋېستفالىيا كېلىشىمىدىن[19] كېيىن بوھرانغا كىرىپ قالغان دىنىنى مەدەنىيەتكە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن «ھەق-باتىل دىنلار» تەرىقىسىدىكى دىن ئاساس قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئايرىمچىلىقنى «غەربلىك-شەرقلىق مەدەنىيەتلەر» تەرىقىسىدىكى مەدەنىيەت ئاساس قىلىنغان ئايرىمچىلىققا ئۆزگەرتتى، نەتىجىدە ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايىسى بولغان ئەنئەنىۋى غەربچە خىرىستىيانلاشتۇرۇش غايىسىنىڭ ئورنىغا مەدەنىيلەشتۈرۈش (civilizing) غايىسى دەسسىدى. فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ناپالىئون تەرىپىدىن قوزغالغان ئىسسىق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بولغان مەدەنىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى نىشانى، شەرقنىڭ دۇنياغا تۇتۇشىدىغان دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان مىسىر ئارقىلىق ئوسمانلى دۆلىتى باشچىلىقىدىكى ئىسلام دۇنياسى بولدى. ئەھلىسەلب ئۇرۇشلىرى يۈز بېرىپ دەل 700 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1798-يىلغا كەلگەندە، ناپالىئوننىڭ قوماندانلىقىدىكى فىرانسىيە ئارمىيەسى، يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىغا بەكمۇ ئۇچراپ كەتمەي ئاسانلا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ۋىلايىتى بولغان مىسىرنى ئىشغال قىلدى. ئىشغالىيەت ئەسلىدە پەلەستىنگىچە بولاتتى، بىراق 1801-يىلى فىرانسىيە ئارمىيەسى مىسىردىن چېكىنپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق بولۇشىغا نە مىسر خەلقى سەۋەب بولمىدى، نە ئوسمانلى دۆلىتى سەۋەب بولمىدى، بۇنىڭغا فىرانسىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەقىبى ئەنگلىيە سەۋەب بولغانىدى.
ناپالىئوننىڭ 1798-يىلدىكى مىسىر يۈرۈشى ياۋروپا بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ پىلاننىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى، غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا تەسىرلىرى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان كۈچلۈك توقۇنۇش ۋە رىقابەتنىڭ مۇقەددىسىمىنى تەشكىل قىلدى. ناھايىتى قىسقا داۋاملاشقان بىراق تەسىرى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان بۇ ئىشغالىيەتنىڭ تارىخىي ئەھمىيتىى تولىمۇ چوڭقۇردۇر. نوپۇزلۇق شەرقشۇناس ئېدۋارد سەيىد  قەيت قىلغاندەك، ناپالىئوننىڭ مىسىرنى ئىشغالىيەت قىلىشى نەتىجىسىدە كۈنىمىزدە ھېلىھەم مەدەنىيەت ۋە سىياسەت چۈشەنچىلىرىمىز ۋە نۇقتىئىينەزەرلىرىمىزگە ھۆكۈمران قىلىۋاتقان شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە كۈرەش مۇساپىسىنى ھەرىكەتلەندۈردى. قىسقىغىنە داۋاملاشقان بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي كۈچ مۇۋازىنەتلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ناپالىئون ئىشغالىيتىى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان ھاكىمىيەت بوشلۇقى، مىسىردا مەھمەت ئەلى پاشانىڭ باش كۆتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. مىسىردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن بارغانچە كۈچىيىپ ئوسمانلى دۆلىتىگە تەھدىت سالالايدىغان ئەھۋالغا كەلگەن مەھمەت ئەلى پاشا سەۋەب بولغان ئېغىر بوھران بولسا 1939-يىلدا تەنزىمات[20]پەرمانىنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوسمانلى دۆلىتىگە نىسبەتەن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن يۈزلىشىش قارارىنىڭ جاكارلىنىشى ئىدى.

ئىسسىق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا
19-ئەسىردە غەربنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كېلىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى تەشكىل قىلىدىغان ناپالىئوننىڭ 1798-يىلدىكى مىسىر يۈرۈشى بىلەن باشلىغان ئىسسق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، ئىسلام دۇنياسىنى سىياسىي-قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن مودېرىنلىشىش ھەرىكىتىگە يۈزلەندۈردى. بۇ ئەسىردە غەربنىڭ كېلىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ تەشكىل قىلىدىغان تۈرك-ئىسلامغا زىت بولغان ئىنگلىز كۈلتۈر[21] ئۇرۇشى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بولسا مۇسۇلمان زىيالىلىرىنى ئىسلامنى قايتىدىن ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىزدىنىشلىرى سەۋەب بولغان پىكىرى ۋە ئىدىيىۋى مودېرىنلىششقا ئېلىپ باردى.
مەرىپەت قايتىدىن ئويغىنىش ھادىسىسى بىلەن باشلىغان ياۋروپانىڭ دىن ۋە كىملىك ئالمىشىش مۇساپىسى 19-ئەسىردە يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ياۋروپا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام بىلەن تارىخىي ھېسابلىشىشتا ھەل قىلغۇچ پەيتكە يېقىنلىشىۋاتقانىدى. بۇ سەۋەبتىن 19-ئەسىردىكى كۈلتۈر توقۇنۇشىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، «خىرىستىيانلىق-ئىسلام توقۇنۇشى»تەرىقىسىدە تەرىپلەش يۈزەكى ۋە خاتالىق بولاتتى. ئىسلامغا نىسبەتەن تۇتۇلغان بۇ پوزىتسىيەنى پەقەت خىرىستىيانلىق-ئىچى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، يەھۇدىي-خىرىستىيانلىق كىملىكىگە تايانغان ياۋروپا-ئىچى كەسكىن ھېسابلىشىش، توقۇنۇش ۋە ساپلىشىش نۇقتىسىدىن چۈشىنىش مۇمكىن. ئىسلام دۇنياسىدا «ئىسلام مودېرىنلىقى» دەپ ئاتالغان دىننى قايتىدىن ئىزاھلاش ۋە چۈشىنىش ھەرىكىتىگە ئەمەلىيەتتە، ياۋروپادىكى دىنى ئۆزگىرىش سەۋەب بولغانىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئىسلامنى ئۆزگىرىشكە ۋە يېڭىلىنىشقا مەجبۇرلايدىغان «قايسى خىرىستىيانلىق ياكى قايسى ياۋروپا» مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
19-ئەسىردە ياۋروپانىڭ قەلبى ھېسابلىنىدىغان پىروتېستان ئەنگلىيەدە مەيدانغا كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى بىلەن مودېرىنلىشىش مۇساپىسى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. نەتىجىدە مودېرىنلىشىش تۈرتكىسىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەشرۇئىيەت كىرزىسى، ياۋروپا-ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنى باشقىلاشتۇرۇش ياكى ياتلاش ئارقىلىق يەككە ۋە دۇنياۋى كىملىكلەرنى قايتىدىن ئىزاھلاپ سېكۇلارلىشىشنى تولۇق مەنىدە ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈرىيىتى پەيدا قىلدى.
دۇنياۋى دىنلار پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە قىلىش مەقستىدە تاشقى=ئالەمشۇمۇل، كاپىر-مۇئمىن ئايرىمىدىن ئىلگىرى ئىچكى=يەككە، توغرا=ئورتودوكس-ئازغۇن=ھېتېرودوكس ئايرىمى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىچكى كىملىكنى ئىزاھلاشتا نەتىجە ھاسىل بولغاندىن كېيىن نۆۋەت تاشقى كىملىكنى ئىزاھلاشقا كېلىدۇ. 1453-يىلى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئىستانبۇلنى پەتىھ قىلىپ، ئورتودوكس خىرىستىيانلار مۇسۇلمان تۈركلەر بىلەن پۈتۈنلەشكەندىن كېيىن كاتولىك غەرب ئۆزگىلەرنى يوقىتىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن مارتىن لۇتېر ئوتتۇرىغا قويغان پىروتېستانلىق مەزھىپىنى ئۆزگە سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. غەربتە مودېرىنلىشىش مۇساپىسىدە كوللېىكتىپ كىملىكلەر ۋە مەنبەلەرمۇ بۇ دىنىي-مەزھەپ ئايرىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن سېكۇلارلەشتى. ئەسلىدە كاتولىكلىك بىلەن پىروتېستانلىق ئوتتۇرىسىدا تىرە شەكىللەندۈرگەن جىزۋىتلىك مۇرىتى دېسكارتېس، مونتايگىن، ھوببېس، ئېراسمۇس، لېينىز، ۋولتايىر، مونتىسكىيو ۋە كوندوركېتقا ئوخشاش پەيلاسوپلارنىڭ ئەسىرى بولغان ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتى تۈرتكىسىدە خىرىستىيانلىق مەدەنىيەتكە (مەدەنىيلىشىش=(civilisation ئايلاندۇرۇلدى.
فىرانسىيە قاتارلىق كاتولىك ياۋروپادا دىننىڭ ئورنىغا يېڭى ۋە ئالەمشۇمۇل كىملىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت ئۇقۇمى دەسسىگەن بولسا، گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيەگە ئوخشاش پىروتېستان دۆلەتلەردە كاتولىك ياۋروپادا تەرغىپ قىلىنغان مەدەنىيەتنىڭ ئورنىغا يەككە ۋە ئالەمشۇمۇل كىملىكلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان كۈلتۈر ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۈلتۈر ئۇقۇمى بولۇپمۇ نېمىس دۇنيا قارىشىنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇمى ھالىتىگە كەلدى. ئەنئەنىۋى خىرىستىيانلىق-ئىچكى مەزھەب كىملىكلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان كاتولىكلىك بىلەن پىروتېستانلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئېتىقاد كۈرىشى، بۇ تەرىقىدە سېكۇلارلىشىپ مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر بىلەن كەينىدىكى پەلسەپلەر بولغان فىرانسىيە مەركەزلىك ئەقلىيەتچىلىك بىلەن نېمىس مەركەزلىك رومانتىزم ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندى.
بىراق سېكۇلارلىشىش مۇساپىسىدە بىر-بىرىگە زىت بۇ ئۇقۇملاردىن باشقا سىجىل ئىلگىرىلەشكە ئوخشاش ئىستىراتېگىيەلىك ئۇقۇملارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جىزۋىتلىكنىڭ كاتولىكلىك~پىروتېستانلىق ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقنى شەكىللەندۈرگىنىدەك، ئىلگىرىلەشمۇ مەدەنىيەت بىلەن كۈلتۈر ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقنى شەكىللەندۈردى. دېسكارتېستىن ۋولتايىرغىچە، گۇيزوتتىن رېنانغىچە بولغان كاتولىك دۇنيادىكى جىزۋىت-پىروتېستان پەيلاسوپلار تەرىپىدىن دىن ئۇقۇمى مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، 19-ئەسىرگە كەلگەندە مەدەنىيەت ئۇقۇمى كاتولىكلىققا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئوبرازغا[22] ئىگە بولدى. بۇ سەۋەبتىن گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيەگە ئوخشاش پىروتېستان دۆلەتلىرىنىڭ زىيالىيلىرى شەكىل ئۆزگەرتكەن كاتولىك ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايە سىستېمىسىنى بىلدۈرىدىغان مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا زىت ھالدا بىۋاستە كۈلتۈرنى دەسسىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى تەرەققىيات يەنى سىجىل ئىلگىرىلەش ئۇقۇمى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ماقۇل تېپىشتى. مەدەنىيلىشىش[23] قا ئوخشاش ھەم مۇساپىنى ھەمدە نىشاننى بىلدۈرگەنگە ئوخشاش ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان تەرەققىيات يەنى سىجىل ئىلگىرىلەش ئۇقۇمى، 18-ئەسىردە كاتولىكلاردىن كېلىپ چىققان مەدەنىيەت، 19-ئەسىردە پىروتېستانلاردىن كېلىپ چىققان كۈلتۈر ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەيدىغان تەرىقىدە ئىستىراتېگىيەلىك فونكسىيەگە ئىگە بولدى.
نەتىجىدە، يەھۇدىيلىك، جىزۋىتلىق ۋە پىروتېستانلىق خىرىستىيان ياۋروپانىڭ سولچىل گۇرۇھلىرىنى، كاتولىك بولسا ياۋروپانىڭ ئوڭچىل گۇرۇھلىرىغا ۋەكىللىك قىلدى. 19-ئەسىردە سېكۇلارلاشقان ياۋروپادا ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولدى. پىروتېستان-جىزۋىت-يەھۇدىي سېپى كاتولىكلارغا نىسبەتەن ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. بۇ پىروتېستان سېپى كاتولىكلىكنى چەتكە قېقىپ ياكى ئۆزگىلەشتۈرۈپ مودېرىنلەشكەن ياۋروپانىڭ ئۆزىگە، ھاكىم ياۋروپا كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇنى ئاقارتىش ھەرىكىتى دۇنيا قارىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدىغان تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇردى، يەنى «كاتولىكلىك تەرەققىياتقا توسالغۇدۇر». پىروتېستانلىقنى تەرەققىيات بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئېلىپ كەلگەن پىروتېستان زىيالىيلىرى ياۋروپا ئىچىدە كاتولىكلارغا، ياۋروپا سىرتىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئاچقان كۈلتۈر ئۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە «تەرەققىياتقا مۇخالىپ» قارىشىغا تايىناتتى. تەرەققىياتقا مۇخالىپلىقنى يەنى قارشىلىقنى بىلدۈرىدىغان قالاقلىق (obsdurantism) ئۇقۇمىمۇ بۇ جەريانىدا بازار تاپتى.
ئاخىر زاماندا بەرپا بولىدىغان يەريۈزى جەننىتىنى بىلدۈرىدىغان مودېرىن دۇنياغا ئېلىپ بارىدىغان سېكۇلارلىشىش مۇساپىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن 19-ئەسىردە ئىككى مەزھەپ تېئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىششتىن بەكرەك، راڭكېگە ئوخشاش نېمىسلار ئوتتۇرىغا قويغان تارىخىي نۇقتىئىينەزەردىن مەدەنىيەت غەلبىسىنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋېلىش ئۈچۈن تىنىمسىز رىقابەتكە كىردى. 1840، 1870 ۋە 1880-يىللار بولسا نۇرغۇن روھانىي زاتلار ۋە زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئىدېئولوگىيەلىك ئۇرۇشقا سەھنە بولغان مەزگىللەر ئىدى., François Guizot (1787-1874) Napoleon Roussel (1805-1878), Emile de Laveleye (1822-1892)غا ئوخشاش لىبېرال يەنى ئەركىنلىك تەشەببۇسچىسى فىرانسىيە يازغۇچىلىرى تارىخىي كۆزىتىشلەر نەتىجىسىدە كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەركىنلىك ۋە تەرەققىياتقا توسالغۇ ۋە مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئۇلارنىڭ كۆزىتىشىچە، پىروتېستان بولغان ئىنگلىز، گوللاندىيەلىك ۋە نېمسلار ئەخلاقلىق، تەرتىپلىك، تەرەققىياتپەرۋەر ۋە پاراۋان خەلق بولغان بولسا، ئىرلاندىيەلىكلەر، ئىتالىيەلىكلەر ۋە ئىسپانىيەلىكلەر بۇنداق ئەمەس ئىدى. تىرولتسىچ (Troeltsch) «پىروتېستانلىق بىلەن تەرەققىيات» مۇناسىۋىتىنى سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈردى. ماكس ۋېبېر (Max weber)نىڭ «پىروتېستانلىق بىلەن كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان مەشھۇر قاراشلىرىمۇ بۇ بەس-مۇنازىرىلەرگە قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا بولۇپمۇ لاۋېلېيە (laveleye)دىن ئىلھام ئالاتتى. بۇلار ئالدىدا مۇداپىئەگە ئۆتكەن كاتولىك يازغۇچىلار پىروتېستان دۆلەتلەرنىڭ ئىلكىدىكى مىللىي بايلىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ مىللىي مەنىۋى بايلىقلىرى بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارغا جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقتى.

دىن تەرىقىسىدىكى تۈرك ئىسلامىغا قارشى مەدەنىيەت تەرىقىسىدىكى ئەرەب ئىسلامىي
پىروتېستان نېمىسلار بىلەن ئەنگلىيە زىيالىيلىرى 19-ئەسىردە ياۋروپادىكى سېكۇلارلىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈلتۈر ئۇرۇشىدا دۆلىتىدىكى كاتولىكلەرنى «مەدەنىيەت-تەرەققىيات دۈشمىنى» بىلەن ئەيىبلەش ئارقىلىق مەغلۇپ قىلغانىدى. پىروتېستان زىيالىيلار خىرىستىيانلىق-ئىچكى كۈلتۈر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن خىرىستىيانلىق-تاشقى كۈلتۈر ئۇرۇشىغا كىرەتتى. دىن-ئىچكى ئۆزگىلەشتۈرۈشتىن كېيىن نۆۋەت دىن-تاشقى ئۆزگىلەشتۈرۈشكە كەلگەن بولۇپ، تەرەققىيات دۈشمىنى ئېلان قىلىنغان كاتولىكلىقنىڭ ئورنىغا ئىسلام دەسستىلدى: كاتولىكلىك/ئىسلام تەرەققىيات دۈشمىنىدۇر»[24] بۇ كۈرەشتە كاتولىكلىك Civilization=مەدەنىيلىشىشنىڭ بايراقدارى بولغان پىروتېستانلىققا قارشى دىن سۈپىتىدە خىرىستىيانلىققا ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇ ئەھۋالدا غەربنىڭ كاتولىك خىرىستىيانلىققا ئوخشاش تەرەققىياتقا توسالغۇ سۈپىتىدە كۆرىدىغان ئىسلام دېگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى تۈركلەر بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەن «ئىسلام دىنى»دۇر.
دىن سۈپىتىدە بىلىنىدىغان «تۈرك ئىسلامى» ئەنگلىيە باشلامچىلىق قىلغان سېكۇلار ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلاتتى. ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايە سىستېمىسى يېگانە تەڭرىدىن چىققان يېگانە ھەقىقەتكە تايانغان يېگانە شەھەر=دۇنيا لايىھەسىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ غايىنىڭ دىن مەنىۋى، ئىمپېرىيە ماددىي ئاساسىنى، مەدەنىيەت بولسا ۋاستىنى تەشكىل قىلىدۇ. 19-ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىسىدە غەربنىڭ يېڭى ئىمپېرىيەسى ئەنگلىيە بولدى. بىراق دىن بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگەردى. دىن مەدەنىيەتكە ئۆزگەرتىلگەن غەربتە، تويېىنبې (toynbee) تەنقىد قىلغاندەك، ئىش ئەكسىچە بولغان بولۇپ مەدەنىيەت مەقسەتكە، دىن ۋاستىگە ئايلىنىپ قالدى. رىم بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرى ئۆزلىرىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرگەن دىنلار بولغان خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلامغا تايانغان ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايە داۋاسىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى ئۆزىنى مەدەنىيەت بىلەن بىر پۈتۈنلەشتۈرۇش ئارقىلىق ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۇتۇشتى. بۇ ئەھۋال مودېرىن دۇنيادا دىنغا تايانغان ئالەمشۇمۇل سىياسىي غايە داۋاسى بولغان يېگانە ئىمپېرىيە ئوسمانلىنى ئۆزگىلەشتۈرۈشنى تەقەززا قىلاتتى.
ئىلگىرى غەربنىڭ نەزىرىدە ئىسلام يېڭىلمەس تۈركلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا ئىدى. كاتولىكلىككە قارىتىلغان دۈشمەنلىكتىن مەقسەت قالاقلىق، تۈركلۈك بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىدىغان ئىسلامغا قارىتىلغان دۈشمەنلىكتىن مەقسەت قەدىمگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ سەلبىي مەنىنى بىلدۈرىدىغان ياۋايىلىق ئىدى. ئاتالمىش لىبېرال ئىنگلىز زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە تۈركلەر ياۋايى، تۈركلۈك بولسا ئىسلام بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە قويۇلغان تەقدىردە تەبىئىي ھالدا «ئىسلام تەرەققىياتقا توسالغىدۇر»دېگەن يەكۈن چىقاتتى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ۋىليام گىلادستوننىڭ قارىشىچە، مەسىلە مۇھەممەدىزىم بولۇپ، بۇ ئىسلام بولماستىن مەلۇم بىر ئىرقنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىسلام مەسىلىسى ئىدى.
19-ئەسىردە سېكۇلارلاشقان غەرب تەرىپىدىن مەھكۇم قىلىنغان كۆپ خوتۇنلۇق، زىناخورنى چالما-كېسەك قىلىش، ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشكە ئوخشاش بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەردىن تەشكىل تاپقان، قۇللۇققا يول قويىدىغان، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان شەرىئەت(قانۇن)غا تايانغان بىر «دىن سۈپتىدە تۈرك ئىسلامى»ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، فىرانسىيە شەرقشۇناسلىقى تەرىپىدىن تەسۋىرلەنگەن، بىلىم، پەلسەپە ۋە سەنئەت ساھەلىرىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز مەدەنىيىتنىڭ شەكىللىنىشىدە تارىخىي ۋاستىچىلىك رول ئوينىغان «مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئەرەب ئىسلامى»ئىدى. بۇ ئىدىيە بويىچە بولغاندا، تۈركلەرنىڭ ئەسىرى فىقىھ بىلەن ئوخشاش ۋە تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان ئىسلام دىنى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولسا، بۇنىڭغا زىت ھالدا ئەرەبلەرنىڭ ئەسىرى بىلىم، پەلسەپە ۋە سەنئەت ساھەلىرى بىلەن تەرىپلەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتى تەرەققىياتقا تولىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى. ئىنگلىز زىيالىرىنىڭ قارىشىچە، سىياسىي ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەن تۈركلەر ئەرەب مەدەنىيىتنىڭ مەركەزلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولغان. ياۋايىلىق ۋە قالاقلىقتا چىڭ تۇرغان تۈركلەرنىڭ ياۋروپادا قېلىشىغا كۆز يۇمۇش خىرىستىيان ياۋروپا مەدەنىيىتىگە ھاقارەت بولۇپ، تۈركلەر ياۋروپادىن چوقۇق قوغلاپ چىقىرىلىشى شەرت ئىكەن.
1875-يىلى بوسىنىيە بولۇپمۇ فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە كونسۇللىرىنىڭ سەلانىكتە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا خاتا ھالدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن نەتىجىلەنگەن 1876 ئىيۇندىكى بۇلغار ئىسيانلىرى، ياۋروپالىقلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ياتقان «ياۋايى تۈركلەر» ئوبرازىنىڭ قايتىدىن پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولدى. ئوسمانلى ئىپمېرىيەسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىنى ياقلايدىغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېنجامىن دىسرائېل ئاتالماش بۇلغار قەتلىئامى توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق سەلەپ باش مىنىستىرى ۋىليام ئې.گىلادستونې ۋە ئۇ رەئىسى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى قوللىغۇچىلىرى بۇ ۋەقەنى سىياسەتتىن يۇلۇپ چىقىرىپ، دىنى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك زېمىنغا يۆتكەپ، تۈركلەر بىلەن ئىسلامغا رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلدى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەشھۇر تارىخچى ئېدۋارد ئا. فىرېمەن (Edward a. Freeman 1823-1892) تەرىپىدىن 1877-يىلدا ئېلان قىلىنغان ئەسىرى  تۈركلەر ۋە ئىسلامغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئىلمىي نەزىرىيەلىرىنى تەشكىل قىلاتتى. ئوسمانلىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان 1893-يىل ئۇرۇشىدىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان 1878 بېرلىن ئەھدىنامىسى ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئوسمانلى سىياسىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى.
مەسىلىگە ئومۇميۈزلۈك قارىغىنىمىزدا، كاتولىكلىككە ئوخشاش ئىسلامنى چەتكە قېقىپ ئۆزگىلەشتۈرگەنمۇ، خىرىستىيان ياۋروپانىڭ سول ئېقىمىغا ۋە سېكۇلارلاشقان ياۋروپانىڭ ئوڭ ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پىروتېستان-جىزۋىت-يەھۇدىي قانىتى ئىدى. 1883-يىلى 29-مارتتا سوربوننېدا ئىسلام ۋە ئىلىم تېمىسدا لېكسىيە بېرىپ، پىروتېستان ئىنگلىز زىيالىيلىرىنىڭ تۈركلۈك بىلەن ئىسلامنى بىر كۆرىدىغان ئىدىيەسىنى «ئىسلام تەرەقىياتقا توسالغۇدۇر» دېگەن تەرىقىدىكى شوئار ھالىتىگە ئېلىپ كېلىپ ئىسلام دۇنياسىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئەمەلىيەتتە جىزۋىتلاردىن ئېرنېست رېنان (Ernest renan)ئىدى. بۇ شوئار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى. كاتولىك مودېرىنىزىمغا ئوخشاش ئىسلام مودېرنىزىمىمۇ شۇنداق قىلىپ «ئىسلام تەرەققىياتقا توسالغۇ ئەمەس» دېگەن زىت دىئالىكتىدىن ئاپىرىدە بولدى.

ئۆلىمادىن يازغۇچى ۋە ئەدىبكە ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت يۆتكىلىشى
ئىسلامنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىنى ياقىلاپ، ئىسلامنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆگىتىپ كەلگەن ئۆلىما 19-ئەسىردە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن «كاپىر» غەربكە قارشى ئىسلامنى ياقلاشقا مەجبۇر بولدى، بۇ ئەھۋال تولىمۇ ئۇزۇن داۋام قىلدى. ئەپسۇسىنارلىقى شۇكى، ئۆلىما ھەر جەھەتتىكى قابلىيەت نۇقتىسىدىن غەربنىڭ زامانىۋى دولقۇنىغا تەييارلىقسىز دۇچ كېلىشى بۇ ئەھۋالنى تىراگېدىيەگە ئايلاندۇرۇۋېتەتتى. مەدەنىيەت جەھەتتە ۋاقىتلىق نۇسرەتكە ئېرىشىپ، بۇنىڭ مەست قىلىشى بىلەن شەرىئەت ئورنىغا پەلسەپىگە تايانغان ئالەمشۇمۇل سىياسىي لايىھەنى قوبۇل قىلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى، ئۆلىمانى ئوردىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولغان مەشرۇئىيەت بوھرانىغا دۇچار بولدى. ئوسمانلى بولسا بۇ خاتالىقنى سادىر قىلماي، مەشرۇئىيەت بۆھرانىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆلىمانى شەرىئەتنىڭ مۇئەككىلى سۈپىتىدە دۆلەتتە ۋەزىپىگە قويدى. بۇ ئۆلىمانىڭ تەقدىرىنىڭ شەرىئەتنىڭ تەقدىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. شەرىئەتكە خىلاپ بىر ئۆزگىرىش ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇق سەۋەبىنى خەتەرگە ئىتتىرەتتى. دېمىسمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق بولدى. مۇقەررەر ھالدا شەرىئەتنىڭ مەنپەئەتىگە تامامەن زىت بولغان مودېرىنلىشىش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆلىمانىمۇ پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.
ئوسمانلىدا مودېرىنلىشىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ پادىشاھتىن مۇستەقىل ھالدا قانۇنىي سالاھىيەتكە ئېرىشىشى بىلەن قانۇننىڭ شەرىئەتتىن بېسىپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئۆلىمانىڭ مەۋجۇدلۇق سەۋەبىمۇ خەتەرگە كىرىپ قالدى. 19-ئەسىردە تەنزىمات نامى ئاستىدا مۈلۈك ۋە جامائەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان غەربچە ئىسلاھات مۇساپىسىدا بۇ خەتەر تېخىمۇ روشەنلەشتى. شەرىئەت بىلەن بىرلىكتە ئۆلىمامۇ دۆلەتنىڭ سىرتىغا چىقىرىلىشقا باشلىدى. بۇ ئۆلىماغا نىسبەتەن ئوت بىلەن ئىمتىھاندەك ئىش بولاتتى. دەرۋەقە، ئۆلىما ئەسرلەرچە پەقەت دۆلەتنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ دۇنيانى كۆزىتەتتى، مودېرىنلەشكەن بىر دۇنيادا دۆلەتنىڭ سىرتىدا نە زىيالىي، نە كەسپىي خادىم سۈپىتىدە مەجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. مودېرىنلىشىش مۇساپىسىدە شەرىئەت بىلەن ئۆلىمانىڭ نوپۇزىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ مەدرىسە مائارىپىمۇ سۈپەتتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىپ، ئۆلىمىغا زۆرۈر تېپىلسا دۆلەتتىن مۇستەقىل ھالدا دۇنيانى ئەھمىيەتلىك قىلىدىغان ياكى مەنە بېرەلەيدىغان ئىلمىي، پىكىرى قابىلىيەت ئاتا قىىشتىن ئاجىز قالدى.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «ئىسلام مودېرنىزمى» يەنى «ئىسلام تەرەققىياتقا توسالغۇ ئەمەس»دېگەن  قاراشتىن ئاپىرىدە بولغان ئىسلامنى قايتىدىن ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئىككى تەرىپى بار بولۇپ، بىرى مودېرىنىزم ۋە مودېرنىزمنى ئوبدان تونۇپ، ئاندىن تەنقىد قىلىش، ئىككىنچىسى بۇنىڭغا ئاساسەن دىننى چۈشىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ ئىزاھلاشتىن ئىبارەت. نەتىجىدە بۇ ئىككى ئىش ئارقىلىق مودېرىنزم بىلەن ئىسلامنى تولۇق چۈشەنگىلى بولاتتى. ئۆلىما يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلى بىرىنچى ئىشتىلا ئاجىز قالدى. ئەسىرلەردىن بۇيان ئېلىپ كېلىۋاتقان تەلىم-تەربىيەگە ماس ھالدا روياپقا چىقارغان ئىلىملەر بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان كەڭ كەتكەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنىڭ بارغانچە چوڭىيىپ كېتىشى، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۇنيانى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش، مەنە ئاتا قىلىش ۋە ئىزاھلاشتىن ئاجىز قىلدى. بۇ نۇقتىدىن، ئۆلىمانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى چۈشىنىش ئۇسۇلىنى قايتىدىن ئىزاھلىشى، ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل غايىسىنى زامانىۋى دۇنياغا يەتكۈزۈشىمۇ تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى.
ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇسۇلمان جامائەتتە ھېچقانداق باياناتچى قالمايدۇ. بۇ ھالقىلىق پەيتتە، ئۆلىمانىڭ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھورۇنلۇقىغا خاتىمە بېرىپ، ئۇنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان زاپاس بىلىم قوشۇنى ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ ئابباسىيلار ئوردىسىدا «كالامىيە» دېيىلىدىغان ئوردۇ بىيوكراتلىرىدىن تەشكىل تاپقان يازغۇچى -ئەدىبلەر ئىدى. يازغۇچى – ئەدىب ئوسمانلىدا فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد دەۋرىدە قۇرۇلغان ئەندەرۇن مەكتىپىدە زامانىۋى دۇنيادا ئىنسانىي بىلىملەر دېيىلىدىغان سېكۇلار دۇنياۋى تەلىم-تەربىيە بىلەن يېتىشتۈرۈلەتتى. بىراق، ئۇلار ئوسمانلىدا مەكتەپ بىلەن مەدرىسە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئۆتەيدىغان تەككە[25]دە كۈچلۈك ئىسلام تەربىيەسىگە ئىگە بولاتتى. شۇڭلاشقا، قىيىنچىلىق ۋە كىرزىس مەزگىللىرىدە ئۆلىماغا ئوخشاش ئىسلام جامائىتىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە بىمالال ھالدا باياناتچى ۋە ساداسى بولالايدىغان ئىلمىي سەۋىيەگە ئىگە ئىدى.
ئوسمانلى يازغۇچى-ئەدىبلىرى مۇشۇ تەرىقىدە ئىسلامىي ئىلىملەرگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئالغان سېكۇلار دۇنياۋى تەلىم-تەربىيە تۈرتكىسىدە مودېرىن غەرب كۈلتۈرىنىمۇ يېقىندىن تونۇيتتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مودېرىنىزمنى تەنقىد قىلىپ، ئىسلامنى قايتىدىن ئىزاھلاش ئۈچۈن كېرەكلىك زامانىۋى ۋە ئىسلام ئىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. زامانىۋى دۇنيادا ۋاقىتلىق سەھنىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئۆلىمادىن قالغان ئىسلامنى قايتىدىن ئىزاھلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغان يازغۇچى-ئەدىبنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۈچىنچى ئامىل سۈپىتىدە «ۋەزىپە-ئۆتكۈزۈپ بېرىش»كە ئېھتىياج بار ئىدى.
يېڭى گۇرۇھلارنى پەيدا قىلىدىغان مودېرىنلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي-كەسپى ئىختىلاپ، بۇ ۋەزىپە-ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇچقۇنىنى يالقۇنلىتىپ، ئۇلارنى ئۆلىما ئورنىغا مۇسۇلمان جامائەتنىڭ باياناتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا يۈزلەندۈردى.
19-ئەسىردە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ تەنزىمات دېيىلىدىغان غەربچە ئىسلاھات باسقۇچىغا سۆرەپ كىرىلىشى بىلىم ساھەسىدىكى زىيالىيلاردىن تەشكىل تاپقان قۇل بىيوكراتلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ دەۋرى كەلگەنىدى. بىراق زىيالىيلار يول تېپىپ كەتكەن بۇ دەۋرىدە يېڭى ئوسمانلى گۇرۇھلىرىدىن بولغان زىيا پاشا بىلەن نامىق كەمالغا ئوخشاش زىيالىيلار مەقسەتلىرىگە يېتەلمەي، مىسىر سۇلتانى مۇستافا فازىل پاشانىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنى قوزغىغان. دەرۋەقە، مۇستافا فازىل پاشا مونارخىيە بىلەن ئەپلىشىپ ئۆكتىچى بولۇشتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق يېتىم قالدۇرغان يېڭى ئوسمانلى گۇرۇھلىرى، سىياسىي ساھەدە ئەمەس مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۆكتىچى بولۇشقا باشلىدى. زامانىۋىلاشقان دۇنيادا نامىق كەمال بىلەن سەپداشلىرى جامائەتنىڭ باياناتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەسپىي سىياسىي ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى كۈلتۈر ساھەسىدە ئۆكتىچىلىك قىلىشقا بورىدى.

ئادالەتكە قارشى ئەركىنلىك داۋاسى
بۇ مۇساپىدە نامىق كامال[26] نىڭ كۆزگە كۆرىنىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەمەس. غەربتىكى پىروتېستانلارغا ئوخشاش زامانىۋى ئىسلام دۇنياسىدىمۇ سۈننىيلىكنى ئاساس قىلغان نىزامغا قارشى ئىدىيە ۋە سولچىل بىر كۈلتۈر ئەندىزىسى بىلەن يېتىشىپ چىققان مودېرنىزمنىڭ باشلامچىسى جامالىددىن ئافغانىغا ئوخشاش يوشۇرۇن شىيئە زىيالىلار بولدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، نامىق كەمالمۇ كەربالا سىمۋوللىرى بىلەن تونۇلغان شىيئە سىياسىي كۈلتۈرىدىن ئوزۇق ئالغان بەكتاشى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانىدى. بۇ مەزلۇملۇق ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش تۇيغۇسى ھەر ئىككى شەخسنى دەۋىرنىڭ باياناتچىسى ۋە ساداسى قىلغان بولسىمۇ، تۇتقان يوللىرى پەرقلىق ئىدى. ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر شىئە سىياسىي كۈلتۈرىگە مەنسۇپ بولسىمۇ ئىسلام چۈشەنچىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبىدىن نامىق كامال بىلەن ئافغانىغا ئوخشاش زىيالىيلارنىڭ غەربنىڭ تەھدىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ پەرقلىنەتتى.
ئافغانى ئەنئەنىۋى دىنى ئۈستۈن كىملىك بولغان «مۇسۇلمان» ئورنىغا «غەربلىك ئۆزگىلەر»گە قارشى بەرپا قىلىنىدىغان يېڭى مەدەنىيەت ئۈستۈن-كىملىك بولغان «شەرقلىق» بىلەن ئەنئەنىۋى سۈننىي ۋە شىئە كىملىكلىرىنى، شۇنداقلا ئىران جەمئىيىتىدە بىر تۈرك، ئىسلام جەمئىيتىىدە بىر شىئە سۈپىتىدە قوش يېتىملىق ۋە چەتكە قېقىلىشنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلدى. بۇ دائىرىدە ماركسقا ئوخشاش دىننى بۇ يېڭى مەدەنىيەت مەركەزلىك ئۈستۈن كىملىك قۇرىدىغان ئىدېئولوگىيەگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاپ چىقتى. نامىق كامال بولسا  ئوسمانلى جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئەمەس، مەزھەپ جەھەتتىن يېتىملىق ھېس قىلاتتى.
ئۇ جامالىدىن ئافغانىدىن پەرقلىق بولۇپ ئوسمانلى يازغۇچى-ئەدىبى ئىدى. نامىق كامال ئائىلىدىن شىئە سىياسىي كۈلتۈر تەربىيەسى ئالغان بولسىمۇ يازغۇچى-ئەدىب بىلەن ئۆلىمانى بىرلەشتۈرگەن تەككىگە ئوخشاش ئورتاق ماكانلاردا سۈننىي دۇنيا قارىشىنىمۇ قوبۇل قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى يېتىشكەن شىئە سىياسىي كۈلتۈر تۈرتكىسىدە ئافغانى بىلەن بىرلىكتە غەرب مودېرنىزىمىنىڭ تەھدىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتكەن تۇرۇپ، ئافغانىنىڭ ئەكسىچە مەزھەب يېتىمچىلىكىنى ئەنئەنىۋى سۈننىي كىملىكىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرش ئارقىلىق ھالقىپ ئۆتۈپ، غەرب مەدەنىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇلىدى. ناھايىتى ئېغىر زۇلۇمنى ئۆز قوينىدا ساقلاپ ياتقان غەرب تەھدىتى نامىق كامالنىڭ ئوسمانلى سۈننىي ئىسلامغا تايانغان تارىخىي ئادالەت داۋاسىنى ئالقىشلاپ، مەزھەبكە بولغان رىشتىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
غەرب تەھدىتىنى كۈلتۈر نۇقتىسىدىن ھېس قىلىپ يەتكەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوسمانلى زىيالىيلىرىغا نىسبەتەن داۋا ئەركىنلىكتىن بەكرەك ئادالەت داۋاسى ئىدى. غەرب ئادالەتكە ئوخشاش ئىلاھىي بايلىقلار تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنغان كوللېكتىپ تارىخىي سەپەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانىدى. ئافغانى مەدەنىيەت ئاساس قىلىنغان ئۈستۈن كىملىكنى ياقلايدىغان مودېرنىزىمغا يۈزلەندى. ئۇ غەرب دۇنياسى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا زامانىۋى دۇنيانىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ زامانىۋى دۇنيادا رەزىللىك مەسىلىسى ئادالەتتىن بەكرەك ئەركىنلىك/ئاسارەت كۈرىشى تۈسىگە كىردى. ئەركىنلىك ئافغانىغا نىسبەتەن ئاسارەتنىڭ زىىتى بولغان غايىگە سىمۋوللۇق قىلاتتى.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدىكى، مۇسۇلمان زىيالىيلىرىنىڭ غەربنىڭ تەھدىتىگە قارشى مەدەنىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇسۇللىرى، بىر-بىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىملىك چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس كوللېكتىپ ئىسلام چۈشەنچىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. غەرب بىلەن شەرقنىڭ تەسىر-ئىنكاس تەرىقىسىدە بىر-بىرلىرىنى چەتكە قېقىپ ئۆزگىلەشتۈرۈشى شەرقشۇناسلىققا قارشى شەرقشۇناسلىق تەرىقىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. 19-ئەسىردە مۇسۇلمان زيىالىيلىرىنىڭ ئىسلامنى قايتىدىن ئىزاھلاش شەكلى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش تەرزلىرىگە، بۇ ئەھۋال بولسا غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەھدىتىنى چۈشىنىش شەكلىگە، بۇ ئەھۋالمۇ ئۆزلىرى تەۋە بولغان جەمئىيەتلەرنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى بىلەن بەرپا قىلغان ئىسلام چۈشەنچىلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەردى.
ئوسمانلى زىيالىيلىرى غەرب مەدەنىيىتىگە ئىلاھىي ئادالەتتىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىسلام تۈزۈمىنى ماددىي جەھەتتىن ئۆزگەرتكىنىگە قارىماي، مەنىۋى جەھەتتىكى چىرىكلىشىش، دەپ قارىغان بولسا، مىسىرلىق زىيالىيلار دەل ئەكسىچە مىسلىي كۆرۈلمىگەن ماددىي مەدەنىيەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشتى. ئوسمانلى زىيالىيلىرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىلىم، تېخنىكا ۋە سانائەت جەھەتتىكى غايەت زور تەرەققىياتلىرىنى ئادىل ھاكىمىيەتنىڭ ۋە مەشرۇئىيەتنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە كۆرگەن بولسا، مىسىرلىق زىيالىيلار ياۋروپانىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپ بەرپا قىلىشتىكى مۇۋاپىقىيىتىنى ئەقىلىيەتكە تايانغان ماددىي مەدەنىىيەتنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە كۆرۈشتى. ئوسمانلى ۋە مىسىرلىق زىيالىيلارنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنى «مەشرۇئىيەت ۋە ئەقلىيەت» دېگەن ئۇقۇملار بىلەن ئىزاھلىشى، غەربتىكىگە ئوخشاشلا شەرق دۇنياسىدىمۇ پەرقلىق مودېرىنلىق تۈرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زېمىن تەييارلاپ بەردى.

ئىسلاھ چاقىرىقىدىن دېيىزمگە[27]
مودېرنىزىمنى «يېڭى دۇنيا قۇرۇش غايىسى»، ئىدىئولوگىيەنى بولسا «بۇ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يارايدىغان لايىھە»دەپ چۈشەنسەك، ئوسمانلى بىلەن مىسىرلىق مۇتەپەككۇرلار ۋە زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدا مۇنداق روشەن پەرق كۆرۈلىدۇ: پاسسىپ/ ئاكتىپ مودېرنىزىم» بىلەن «دىسكۆرسىف[28] /پارادىگامتىك[29] مودېرنىزىم» ۋە بۇنىڭ مەنىسى بولغان «يۇمشاق/قاتتىق ئىدېئولوگىيە» بىلەن «سوتسىئولوگىيە /ئىدېئولوگىيە»ئايرىملىرىدۇر. بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەھمىيەتلىك قىلىش ۋە مەلۇم مەنىگە قىلىش ئۈچۈن بىر دىنغا ئىشىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىنسان، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادا ئۆزى ئىشىنىدىغان دىننىڭ ھەقلىقى ۋە ئىناۋەتلىكى ئۈستىدە گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ سوئاللار سورالغاندا تەبىئىي ھالدا دىنىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ.
بىراق مەشرۇئىيەت (ئىناۋەتلىك، يوللۇق ۋە قانۇنلۇق) بوھرانىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىشى نەتىجىسىدە مۇداپىئە تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. «ھازىرلىق مودېرنىزىم» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئاپولوجەتىك[30] ھادىسەنىڭ ئورنىغا بىر مەزگىلدىن كېيىن، دىننىڭ ئەنئەنىۋى زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدلىرى دەسسىدى. بۇ «پاسسىپ مودېرىنزم» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تەنقىدلەش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە «ئاكتىپ مودېرىنزم» دەپ ئاتىلىدىغان قايتىدىن ئېتىقاد قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىدىيەنىڭ بەرپا بولۇشىغا زېمىن تەييارلاپ بەردى. قىسقىسى، مۇھەممەد ئابدۇھغا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلاردا كۆرۈلگىنىدەك پاسسىپ مودېرىنىزم سۈننىي ئىسلام چۈشەنچىسىدىن يىراقلىشىشنى كۆرسىتىپ بەرسە، ھىندىستانلىق سەييىد ئەھمەتخاندا كۆرۈلگىنىدەك، ئاكتىپ مودېرىنىزم بولسا، يېڭى ۋە سېكۇلار بىر چۈشەنچىگە ئۆتۈشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەر ئىككىلىسى غەربتىكىگە ئوخشاش، دىننىڭ ئۆزىگە چېقىلىغان «كەم ياكى تولۇق سېكۇلارىزم» ھېسابلغانلىقتىن، چۈشەنچە مودېرىنىزىم دائىرىسىگە كىرىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، نامىق كامالغا ئوخشاش ئوسمانلى زىيالىيلىرىدا كۆرۈلگەن تارقاق مودېرىنزم ئەنئەنىنىڭ ئۆزىگە ۋە ماھىيىتىگە چېقىلماستىن ئىسلاھ قىلىشنى كۆرسىتەتتى. ئوسمانلىمۇ تەكىتلەپ كەلگەندەك، مەشرۇئىيەت (ھەقلىق، قانۇنلۇق ۋە يوللۇق) بولۇشنىڭ مەنبەسى بولغان ئىلاھىي قانۇن ھەر قانداق ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەردىن ساقلىنىپ قالاتتى، بىراق ئىنسانلار دۇنياسى بولسا ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىدىن خالىي ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئوسمانلى جامائىتىنى خاتىرجەم ۋە خوشال قىلىپ كەلگەن فىقىھنى تۇيۇقسىزلا بىھاجەت قىلىپ كۆرسەتكەن نەرسە بولسا بۇ دۇنيانىڭ، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ غەربنىڭ تەسىرى ئاستىدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ بېرىشى ئىدى.
بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش مودېرىنزمنى ئاساس قىلىپ فىقىھنىڭ ئىشقا يارايدىغان ياكى يارىمايدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، دەل مودېرىنىزىمنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇش ئىدى. نامىق كامال ئىسلام ئالىمى بولمىغانلىقتىن، مەيلى يۈزەكى بولسۇن ياكى چوڭقۇر بولسۇن ئىجتىھاد ئارقىلىق شەرىئەتنى قايتا ئىزاھلاشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى تەكىتلەيتتى. ئۇ مەسىلىگە ئاددىيلا قاراپ، خەلق بىلەن ئۆلىما قاتلىمىنى مودېرىنزىم بىلەن ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەنقىد قىلاتتى. قىسقىسى، ئوسمانلى زىيالىرىنىڭ قارىشىچە، مەسىلە دىندا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى چۈشىنىش ۋە دىن بويىچە ياشاش ئۇسۇللىرىدا ئىدى. شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىي ۋە زېھنى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە «ئىسلام مودېرىنىزمى»دېيىلگەن ئىسلام چۈشەنچىسىنى قايتىدىن ئىزاھلاش تىرىشچانلىقلىرى، كىلاسسىك مۇجەددىتلەر قىلغاندەك «ئىسلاھ» دېيىلىدىغان ئەخلاقىي ئىسلاھات چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى. ئەنئەنىنى تەنقىدلەش دولقۇنى مودېرىنىزىمنى تەنقىدلەش دولقۇنىغا ئايلاندى، ئەنئەنىنىڭ مودېرىنىزمدىن ئۈستۈنلىكى تەكىتلەندى. مىسىرلىق مودېرىنزمنى ياقلىغۇچىلار ئەنئەنىنى كۈچەپ تەنقىدلىدى. بىرىنچىسىدە، ئەنئەنىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن تەنقىد قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئەنئەنىگە كۈچ قوشتى، ئىككىنچىسىدە، ئەنئەنىنىڭ مودېرىنىزم ۋە بىلىش نەزىرىيەسى[31] جەھەتتىن تەنقىد قىلىنىشى دېيىزمنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زېمىن تەييارلىدى. ھىندىستاندىكى بىراخمانلاردا كۆرۈلگىنىدەك، پەيغەمبەرلىكنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا رەت قىلىشنى كۆرسىتىدىغان دېيىزم، تەبىئىي دىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەلسەپە نۇقتىسىدىن پەرق بولسىمۇ، ئىلاھىي دىنلار نۇقتىسىدىن دېيىزم بىلەن ئاتېزم ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقتۇر. دەرۋەقە، ئىلاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋاستىسى بىلەن كەلگەن مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي، تەڭرىنىڭ پەيغەمبەرسىز قۇرۇق مەۋجۇدلۇقىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيتىى يوق.
تەبىئىي دىن ياكى دېيىزم قەدىمقى گىرېتسىيەدىكىگە ئوخشاش پەيغەمبەر ۋاستىسى بىلەن دىن ۋەھىي قىلىنمايدىغان، ئىسلامىي تېرمىن نۇقتىسىدىن ئېيتساق فىترەت (پەيغەمبەرسىز ئۆتكەن چاغلار)غا خاس ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، يەھۇدىيلىق، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلامغا ئوخشاش ۋەھىي قىلىنغان دىنلارنىڭ زىيالىيلىرى تەرىپىدىن دېيىزمنى رىسالەت دەۋرىگە ماسلاستۇرۇش ناھايىتى تەس ئىدى. جامالىددىن ئافغانىدىن ئىلھام ئالغان مۇھەممەد ئابدۇھ،ئىككى يول ۋاستىسى بىلەن رىسالەت دەۋرىنى (ۋەھىي دەۋرى) ئەقىلنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تەبىئىي دىنغا رۇخسەت قىلىدىغان فىترەت (پەيغەمبەرسىز ئۆتكەن دەۋىرى)دەك تەسەۋۇر قىلدى. ئىككى يول دېگەندە، بىرىنچىسى تېيزم[32], ئىككىنچىسى ئەقلنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى (ئەقلىي مەرىفەتۇللاھ) كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ۋە ئىبرەتلىك بولغان نۇقتا، «ئەقلىي مەرىفەتۇللاھ»غا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ماتۇرىدى ئەقىدىسى دېيىزمغا ئوخشاش رول ئوينىشى ئىدى.
ئابدۇھ، ماتۇرىدىلەر ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئىلاھىي ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان فەترەت دەۋىرلەردە ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ئاللاھ ۋە كامال سۈپەتلىرىنى ئەقىل ۋاستىىسى بىلەن بىلگىلى بولىدىغانلىقى قارىشىدىن ھەرىكەت قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، فىترەت دەۋىرلىرىدە پەيلاسوپلارنىڭ ئەقلىي كۈچى بىلەن ئاللاھنى بىلىشكە قانداق قۇربى يەتسە، رىسالەت دەۋىرلىرىدىمۇ ئوخشاشلا قۇربىي يېتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارغا تەبىئىي ھالدا دىن نامىغا قانۇن تۈزۈش سالاھىيىتى ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن، ئاللاھنى ئەقىل يولى بىلەن بىلىش پىرىنسىپىنىڭ ئىنساننى قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەرىپەت ۋە تائەت ئاساسلىرىدىن تەشكىل تاپقان دىننىڭ ئىبادەت تەرىپى ئايرىلماس بىر پۈتۈندۇر. بۇلار ئىچىدە بىرىنچىسى ئۈچۈن نوقۇل ئەقىلنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، تەبئىي ھالدا ئىككىنچىسىدىمۇ كۇپايە بولىدىغانلىقى، نەتىجىدە ئىنساننىڭ ۋەھىي قىلىنغان بىر دىن بولماي تۇرۇپمۇ ئۆز يولىنى مۇستەقىل تاپالايدىغانلىقى يەكۈنى چىقىدۇ. ئەشئارىيە بۇ يېڭىچە دىن چۈشەنچىسى ھېسابلىنىدىغان دېيىزمنىڭ خەتەرلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شەرىئەت مەركەزلىك دىن چۈشەنچىسى ئاساسىدا ھەم ئاللاھنى بىلىش ھەمدە دىنغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ پەيغەمبەرلىككە ئىشىنىش ياكى ئەگىشىش بىلەن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نەتىجىدە ئىمامى غەززالىغا ئوخشاش ئالىملارنىڭ تۆھپىسى بىلەن، تىئودىسە مەسىلىسى سەۋەب بولىدىغان دىننىڭ (ئىسلام) تېئولوگىيەلىشىشى ياكى ئىدېئولوگىيەلىشىشىگە ئەبەدىي توسالغۇ بولدى.
مۇھەممەد ئابدۇھقا ئوخشاش ئىسلام مودېرىنزىمچىلىرى مۇشۇ تەرىقىدە دىننى ياقلاش نامىغا ئەقىلنىڭ ئۈستۈنلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ سېكۇلارىزمغا زېمىن ھازىرلىدى. ئۇلار قارىماققا، ئىسلامدا سېكۇلارىزمغا قارشى كۈچلۈك سەپ شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلسىمۇ، بۇ يوشۇرۇن دېيىزم ئارقىلىق ھەقىقەتەن سېكۇلارىزم بىمالال ئۆتەلەيدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بەردى. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاتېيست ۋە سېكۇلارست زىيالىيلارنىڭ ئابدۇھنى ھەرىكەت قىلىش نۇقتىسى سۈپىتىدە كۆرۈشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي ئەمەس. ئابدۇھغا نىسبەت قىلىنغان مودېرىزىم، ئەنئەنىۋى چۈشەنچە سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىش ھېسابلىنىدىغان پاسسىپ مودېرىنىزىمنى كۆرسىتىدۇ.
ئافغانى بىلەن ئابدۇھقا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ياۋروپادىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىغا ئوخشاش، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا «دىن ۋاستىمۇ ياكى مەقسەتمۇ، ئۇ بىزنى ئېلىپ ماڭامدۇ ياكى بىز ئۇنى ئەبەدىي ئېلىپ ماڭامدۇق؟»دېگەندەك سەزگۈر سوئاللارنى سوراش باسقۇچىغا بېرىپ قالىدۇ. ئابدۇھنىڭ قارىشىچە، ئىسلامدا ھايات دىنغا باشلامچىلىق قىلىدۇ، دىن ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس ئىنسان ۋە ھايات ئۈچۈن باردۇر. ئىسلام چۈشىنىڭ تارىختا نېمە ئۈچۈن ئىشقا ئاشمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئال، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى دەل چۈشتە خاتالىق بار ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىدىغان پەللىگە ئاپرىپ قويدى. غەربتە  كاتولىك مەزھىپىدە كۆرۈلگىنىدەك خىرىستىيانلىقتىن ئۈمىدنىڭ يوقلىقى قارىشى باش كۆتۈرگەن بولسا، ئافغانى بىلەن ئابدۇھقا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلارنىڭ، سۈننىي ئىسلام ھادىسىسىدە ئىسلامنىڭ ئەركىن بىر تارىخىي كۈچ بولۇشقا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىدەك يەكۈننى چىقىرىشقا سەۋەب بولدى. چاتاق يېرى، بۇ ئەركىنلىك ئىزدىنىش تىرىشچانلىقلىرى غەربتە بولغىنىدەك، ئاخىرى ھېسابتا ئۇلارنىمۇ سېكۇلارلىققا يۈزلەندۈردى.

سېكۇلارىزىمنىڭ قوينىدا ياتقان فاشىزىم
يېقىنقى زاماندا غەربتە قۇرۇلغان مىللىي دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە ئىلاھنىڭ زېمىندىكى مۇتلەق ھاكىمىيىتىگە قارشى بارلىققا كەلگەنىدى. مىللىي دۆلەتلەر قانۇنىي ئاساسىنى ئىلاھىي قانۇنلاردىن خالىي تۇتتى. بىراق بىر ماشىنا سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن بۇ مىللىي دۆلەتلەر داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبىرنىڭ «تۆمۈر قەپەس» ئىبارىسىدە ئىزاھلىغاندەك، ئىنسانلار ئۈستىدە رەھىمسىز ھاكىمىيەت قۇرۇشتى. ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيەدە مەيدانغا كەلگەن فاشىزىم ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولۇش ئۈمىدى بىلەن باشلىغان مودېرىنلىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسىگە سىمۋول بولاتتى. كانتنىڭ «بۇرچ ئەخلاقىي»غا تايانغان مۇستەقىللىق لايىھەسى ۋە «ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ خوجايىنى»بولۇش غايىسى 1922-يىلى ۋە 1933-يىلى سۇغا چىلاشتى. مودېرىنزىم بىلەن زوراۋانلىق ۋە فاشىزىم ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى كۈنىمىزدە ئارېنت، ئادورنو، فوكولت ۋە باۋمەنگە ئوخشاش پەيلاسوپلار ئوخشىمىغان نۇقتىينەزەرلەردىن ئوتتۇرىغا قويۇشقان. مەشھۇر ئىنگلىز شائىر ت.س. ئېلىيوت «ئەگەر تەڭرىڭ بولمىسا گېتلىر ياكى سىتالىنغا تازىم قىلىسەن» دېيىش ئارقىلىق قۇلغا قۇللۇق قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرغان فاشىزىمنى تەنقىد قىلغانىدى.
بۇ ھەقىقەتنى تۇنجى قېتىم نامىق كامال بىلەن زىيا گۆكئالپقا ئوخشاش مۇسۇلمان زىيالىيلار تونۇپ يەتتى. نامىق كامال تەنزىمات مۇساپىسىدە غەرب مەنبەلىك قانۇن-پىرىنسپلار بىلەن كەلگەن سېكۇلارىزمنىڭ ماھىيىتىدە فاشىزىىمنىڭ بارلىقىنى پەرق ئېتىدۇ. نامىق كامال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قەلەمگە ئالغان «قانۇننىڭ ھېكمىتى» ناملىق ئەسىرىدە ئەقىل ۋە ھېس-تۇيغۇغا ئوخشاش ئىنسانىي ئامىللارنىڭ قانۇننىڭ كېلىش مەنبەسىنى يورىتىپ بېرىشتە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسان پەقەتلا ياراتقۇچىسى بېكىتكەن ئەبەدىي قانۇنغا ئەگەشكەندە ئاندىن ھەققىي ئەركىنلىككە ئېرىشەتتى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى زىيالى گۆكئالپ بولسا تېخىمۇ روشەن ھالدا ئەركىنلىكنى «ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىق، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسلىق» دەپ تەرىپلىدى.
غەرب ئالدىدا ئەركىنلىك ئەندىشىسى ھېس قىلغان ئابدۇھ ۋە مىسىرلىق زىيالىيلار ئەنئەنىۋى تەقدىر ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىپ ئىنسانىي ھۆر ئىرادىنى تەكىتلەشتى. لېكىن ئوسمانلى زىيالىلىرى غەربتىن كەلگەن سېكۇلارىزمنىڭ ماھىيىتىدە فاشىزىمنىڭ ياتىدىغانلىقىنى، نوقۇل ئىنساننىڭ ئەقلىگە تايانغان تۈزۈمنىڭ قۇلغا قۇللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىپ، ئىلاھىي ئىرادىگە مۇتلەق تەسلىم بولۇش ئارقىلىق ھەققىي ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
ئىسلام دۇنياسىدا غەربتىكىدەك ئورگانىك سېكۇلارلىشىش ھادىسىسى مەيدانغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيەدە بولغىنىدەك، غەربچە ئورگان خاراكتېرىدىكى «لايىك»لىق تۈسىنى ئالغان مېخانىكىلىق سېكۇلارلىشىش مۇمكىن بولدى. تۈركىيەدە پەقەت شەرىئەت بىكار قىلىندى، بۇ  مېخانىكىلىق سېكۇلارلىشىش ھېسابلىناتتى.


پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1]  ئىنگلىز تىلىدىكى مودېرن(Modern) دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى زامانىۋى دېگەن ئۇقۇمغا توغرا كىلىدۇ. مودېرنلىشىش(Modernization) دېگەن سۆز زامانىۋىلىشىش دېگەن ئوقۇمنى بىلدۈرىدۇ. زامانىۋىلىق ياۋروپاغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتىدىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە ئۆتۈش ياكى ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تىپىدىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت دەۋر خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋىلىشىش دەۋر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياۋرۇپاغا نىسبەتەن 16-ئەسىردىن كېيىنكى جەمئىيەت ئۆزگىرىشلەرگە قارىتىلغان. خاراكتېر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زامانىۋىلىق ئەنئەنىگە قارشى يېڭىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما، ئاسىيا ۋە ئافرىقا خەلقلىرىگە نىسبەتەن زامانىۋىلىق ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى ۋە خاراكتېرى ياۋرۇپانىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئاسىيا-ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى تۇلىمۇ كېيىن باشلانغان. شەكىل جەھەتتىن ئالغاندا، ئاسىيا-ئافرىقا خەلقلىرى غەرپ مودىلىدىكى زامانىۋىلىشىش شەكلىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلمىغان.
[2]  جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيەتنى، ئىنسانلارنى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىلمي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدىغان ۋە يەكۈن چىقىرىدىغان ئىجتىمائىي پەننىڭ بىر تۈرى.
[3]  ئىلاھىيەت، بۇ يەردە تېئولوگىيە دېگەندە خىرىستىيان دىنىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام كۆزدە تۇتۇلمايدۇ.
[4]  لىبېرال دېگەن بۇ ئوقۇم ئەركىن بولۇش، چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىش دېگەن مەنىدە.
[5]  ئۇتۇپىيە غايىۋى جەمئىيەت چۈشەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەتتە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن ۋاقىتتا كىشىلەر تەرىپىدىن غايىۋى ۋە خىيالىي بىر شەكىلدە ئويدۇرۇلۇپ چىقىلغان جەمئىيەت شەكلىدىن ئىبارەت.
[6]  ئىلاھىي ئادالەت مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. دىن پەلسەپەسىدە يامانلىق بىلەن مۇتلەق ياخشى بولغان تەڭرى ئۇقۇمىنىڭ قانداق قىلىپ بىريەردە بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلاش تىرىشچانچىلقىغا بېرىلگەن نامدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يامانلىق ئالدىدا تەڭرىنىڭ ئادالىتى ۋە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ياقلاشنى كۆرسىتىدۇ. تىئودىسە ئۇقۇمى گىركچىدە تەڭرى (theous) ۋە ئادالەت (dike) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىككى كەلىمىنىڭ بىرلەشمىسىدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، «تەڭرىنى ياقلاش»، «تەڭرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش»مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
[7]  يوللۇق، ھەقلىق، قانۇنلۇق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
[8]  سېكۇلار كەلىمىسى ئىنگلىزچە ئارقىلىق لاتىنچىدىكى « saecularis» كەلمىسىدىن كېلىدۇ. بۇ سۆز بىۋاستە ھالدا بۇ دۇنيالىق ۋە ۋاقىتلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سېكۇلارلىشىش بولۇپمۇ زامانىۋى سانائەت جەمئىيەتلىرىدە دىنىي ئېتىقادلار، ئىبادەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇش مۇساپىسىنى كۆرستىىدۇ. يەنە دۇنيانىڭ سىرلىق ۋە مۇقەددەسلىكتىن ئايرىلىپ چىقىشى، ئورگانلىق ۋە قۇرۇلمىلىق پەرقلىشىش، ئاپتونوملىشىش، ئەقلىيلىشىش، شەخسلىشىش، خۇسۇسىيلىشىش، نىسپىيلىشىش، ئۇ دۇنياغا ئەمەس بۇ دۇنياغىلا تەۋە بولۇش، ئىشەنمەسلىك، چېركاۋ دىندارلىقىنىڭ يىمرىلىشى، چىركاۋسىسىزلىشىش، دىنىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي سەۋىيەدە ئاجىزلىشىشىنى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ كۆرسىتىدۇ.
[9]  ئىنگلىزچە: now and here.
[10]  ئۇ دۇنياغا ئالاقىدار بىلىم.
[11]   Jean-Jacques Rousseau بولسا فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى بولۇپ، 1712-يىلىدىن 1778-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى مەرىپەتچىلىك ۋە فىرانسىيە ئىنقىلابىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
[12]  خىرىتسىيانلىقنىڭ بىر مەزھىپى.
[13]  ھەق-ھوقۇق، قانۇن ۋە شەرىئەت بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك
[14]  قانۇن.
[15]  ئۈممەتى مەرھۇمە.
[16] ئىسلام دىنىنى قوغداش ياكى تارقىتىش مەقسىىتىدە غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇقەددەس ئۇرۇش.
[17] بىلىم ئىلىمدىن پەرقلىق بىر ئوقۇم. بىلىم شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيتى، خاراكىتېرى ھەققىدە تەجرىبىدىن ۋە سىناقتىن ئۆتكەن ئۇچۇر بولسا، ئىلىم بارلىق پەننى ۋە دىنىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
[18]  Cosmopolitanism بولسا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپ بويىچە بىرلىككە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان غايە.
[19] ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي 1648-يىلى ئىمزالانغان ۋېستفالىيا تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن سېلىندى. ۋېستفالىيا تىنچلىق كېلىشىمى «مىللىي دۆلەت ياكى زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى» پىرىنسىپىنى ئاساسلىق ھەق ۋە ھوقۇق سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىن باشلاپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دۆلەتلەر ئاساسلىق ئويۇنچى، كۈچ ياكى ئاكتىيور رولىنى ئۆتەشكە باشلىدى. كۈنىمىزدە بۇ پىرىنسىپ ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىدە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇ پىرىنسىپنى چىقىش قىلغان ھالدا ئورنىتىشنى كۆرسىتىدۇ. (ت).
[20]  ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە 1839-يىلى تەنزىمان پەرمانى ئېلان قىلىنىدۇ. تەنزىمات بۇ پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن باشلىغان زامانىۋىلىشىش ۋە يېڭىلىشىش دەۋىرىنىڭ نامىدۇر. لۇغەت مەنىسى «ئىسلاھات ۋە رەھبەرلىكنى تەرتىپكە سېلىش» دېگەنلىكتۇر.
[21]  بۇ ئۇقۇم ھەققىدە 150 دىن ئارتۇق تەدبىر مەۋجۇت، بىراق كۆپىنچە ھاللاردا چۈشەنچە، پىكىر ۋە مەنىۋى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. كۈلتۈر ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا خىتاپ قىلىپ، ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرەققىياتىنى كۆرسەتسە، مەدەنىيەت (غەربچە مەنىدە) جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ، ماددىي تەرەققىياتنى يەنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ.
[22]  خىرىستىيان ئېتىقادىدىكى ئۈچتىن تەشكىل تاپقان بىرلىك ئېتىقادىي مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا سىڭدۈرۈۋېتىلدى، مەسىلەن، ياۋروپا بايراقلىرىنىڭ ئۈچ خىل رەڭدە بولۇشى، قاتناش چىراقلىرىنىڭ ئۈچ خىل رەڭدە بولۇشى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈچ رەڭ ياكى ئۈچلۈكتىن تەشكىل بىرلىك نەرسىلەر مودېرىن نەرسىلەر تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ تاساددىپى نەرسىلەر ئەمەس. (ت).
[23]   Civilisation
[24] catholicsim/islam is oppsed to progress.
[25]  تەرىقەت مۇرىتلىرى ئىبادەت ۋە دىنى مۇراسىم قىلىدىغان ماكان، تەكىيەخانا. دەرگاھ.
[26]
[27]  دېيىزم دىنى ئىلىملەرگە ۋاستىسىز ھالدا نوقۇل ئەقىل ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولۇشنى پىرىنسىپ قىلغان، بۇ سەۋەبتىن ۋەھىي ۋە ئىلھامغا تايانغان پۈتكۈل دىنلەرنى رەت قىلغان بىر خۇدالىق ئېتىقادىدۇر.
[28]  لوگىكىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىش، بىر تەكلىپ-پىكىر ئارقىلىق ئىككىنچى بىر تەكلىپ پىكىرگە لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارچىلار ۋە بۆلەكلەردىن پۈتۈنلۈككە بولغان ئويلاش ئۇسۇلىدۇر.
[29]  مەلۇم بىر ساھەدىكى ئاكادېمىكلار، ئىلىم ئەھلىلىرى قوبۇل قىلغان ئورتاق ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىدۇر. مودېل، ئۈلگە دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىدىيە، ھېس-تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەت قېلىپلىرىنى بېكىتىدىغان خەرىتىدۇر.
[30] خىرىستىيانلىقنى ياقلايدىغان ۋە ئىنجىلنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان تېئولوگىيەنىڭ بىر تارمىقىدۇر.
[31]  ئېپىستېمولوگىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىلىشنىڭ مەنبەسى، ماھىيىتى، توغرىلىقى ۋە پاسىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، بىلىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان پەلسەپە تارمىقىدۇر.
[32]  تېيزم ياكى تەڭرىچىلىك ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىر تەڭرىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تەڭرىنىڭ ماھىيىتى ۋە كائىنات بىلەن تەڭرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان، كائىناتنى يارىتىش ۋە ئىدار قىلىشتىن مەسئۇل بولغان تەڭرى تەسەۋۋۇر بولغان، بۇ تەڭرىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىنسانلارغا دىن ئەۋەتىدىغانلىقىنى ياقلايدىغان ئىدىيەدۇر. بۇنىڭغا قارىشىچە، تەڭرى دۇنيا ۋە ئىنسانلار بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-9-20 05:12 , Processed in 0.408270 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش