تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

-MUNAZIRE.COM ئۇيغۇر «مۇنازىرە» مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 0

دىننىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

10

يازما

36

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
36
دىننىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟


دىن چۈشەنچىسى ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ئەزەلدىن بېرى بار بولغان بىر خىل ئىندىۋىدال ئالاھىدىلىك. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش بەشەرىيەتنىڭ، ئىنسانلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئىنساننىڭ ھاياتىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىز ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دىنلار تارىخىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىر دىنغا چوقۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دۇنيا تارىخىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا دىننىڭ پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكى، ئىنسانلار دىنغا ئىتىقاد قىلمايمۇ ھاياتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە دىننىڭ ئورنىغا «بىلىم»نى دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان. لېكىن بۇ خىل قاراش ۋە تەشەببۇسلار، دىنى جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىشتىن باشقاكۆزلىگەن مەقسەتكە ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش دېگەن «ھېكمەتلىك» سۆزنىڭ مەنىسى بويىچە ئىككىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئۆزئارا جىدەلگە سېلىپ قويۇپ، ئۆزلىرى مۇسۇلمان جۇغراپىيەسىنى ئەبەدىي سۆمۈرگىگە ئايلاندۇرۇۋېلش غەرپ ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ مۇھىم غايلىرىدىن بىرى ئىدى.لېكىن بۈگۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىر دىنغا مەنسۇپ ھالەتتە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ دىنسىز ھايات كۈچۈرەلمەيدىغانلىقىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق دەلىلى.
بىر ئىلاھلىق دىنلار- قەدىمكى دەۋىرلەردىن باشلاپلا ۋەھىي ئارقىلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئىنسانلارنى بەختلىك قىلىشنى ئاساسى نىشان قىلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. دىن، نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىنسان بىلەن ئىنسان، ئىنسان بىلەن كائىنات ۋە ئىنسان بىلەن تەڭرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئۈچۈن بەزى قانۇن-تۈزۈملەرنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەم ماددى ھەمدە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى ئاساس قىلغان. ھەتتا بۇ مەنىدە ئىجتىمائىي تەرتىپنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ۋە شەخسى ئەخلاقنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش، ئىلاھى بىر ۋەھىيگە تايانمايدىغان دىنلارنىڭمۇ مۇھىم پرىنسىپلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان.
دىن، ئىنسان ھاياتىغا مەلۇم جەھەتتە مەنە ئاتا قىلىشى ۋە ئىنساننىڭ ئىنساندەك ياشىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇسۇسەن بىر ئىلاھلىق دىنلارنىڭ ئېتىقاد ساھەسىدىكى سەزگۈلۈكى، ئىنساننى ئادەتتىكى جانلىقلار ياكى ئۆزىگە ئوخشاش جانلىقلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزغان ۋە ئەركىنلىككە ئىگە قىلغان. مال- مۈلۈككە قۇلدەك باغلىنىشنى چەكلىگەن ۋە بۇ شەكىلدە ئىنساننىڭ ئىززەت- ئابرويىنى مۇھاپىزەت قىلغان. چۈنكى دىن، ئىنساننىڭ ھاياتىنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەش رولىغا ئىگە. ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا، ئۆزى بىلەن جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرى توغرا ھە قلىشىىغا، ياراتقۇچىسى بىلەن ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە، تۇغۇلما قابىلىيەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا، ئەقلىنى ئاكتىپ ئىشلىتىشكە، ھۆر ئىرادىسىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ياخشى ئادەم بولۇشىغا ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
دىن، ئىنساننى پىكىر جەھەتتىن يېتىلدۈرۈشكە، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئۆلچەملىك ۋە مۇۋازىنەتلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ، ئىلاھى دىنلارنىڭ ياخشى ياكى پايدىلىق ئىشلارغا تەشۋىق قىلىشى، ناچار ۋە پايدىسىز ئىشلاردىن ئىنسانلارنى يىراقلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشى، دىننىڭ غايىسىنىڭ ئىنسان ئەخلاقىنى مۇكەممەللىككە ئېرىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن، ئىنسانغا ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىنسان بولۇش تەلەپ قىلىدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان، يارىتىلىشىغا مۇناسىپ ئالەمشۇمۇل قىممەتلەرگە ئىگە، ئەقلىنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەڭ جانلىق ھالدا ئىشلىتەلەيدىغان، ھاياتنى بىلىپ ياشىيالايدىغان كىشىلىك شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەمچى بولىدۇ. بۇ شەكىلدە مەيلى شەخس بولسۇن، مەيلى كوللېكتىپ بولسۇن، ھەممىنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەت ئىچىدە، بەخىتلىك، بىردەك ۋە ماسلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتۇر. دىنلارنىڭ پىرىنسىپلىرىدا بۇلارنى ئوچۇق - ئاشكارا  ھالدا كۆرەلەيمىز. ئىنساننىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن روھىي، جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن ئىنسان ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
دىن، ئەينى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدۇ. پايدا كۆزلىمەستىن، سەمىمىيلىك بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىزدە يول كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت، ھۆرمەت، قېرىنداشلىق ۋە سەۋرچانلىق ئاساسىغا قۇرۇلۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.
دىن ئارقىلىق كىشىلەر ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەردە، ياخشىلىق، دۇرۇسلۇق، ھەمكارلىق، سۈلھى-مادارا، ئادىللىق، قېرىنداشلىق، سەۋرچانلىق، ئەپۇچانلىق، كەمتەرلىك، ۋاپادارلىق، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ۋە راستچىللىققا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاقىي سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ.
كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان بېخىللىق، ئىسراپچىلىق، تۆھمەت، تۇزكورلۇق، چېقىمچىلىق، بۇزغۇنچىلىق، چىدىماسلىق، يالغانچىلىق، قاتىللىق، زىنا-پاھىشە، قىمارۋازلىق، ھاراق -شاراپ ئىچىش، گۇمانخورلۇق ۋە پارىخورلۇققا ئوخشاش بولمىغۇر ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدۇ.
دىن كىشىلىك ھاياتنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ تەرەققىياتى ۋە ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. كىشىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئىنسانى قىممەتلەرنى ئېتنىك مىللەت چېگرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئالەمشۇمۇللاھتۇرۇشتا دىننىڭ رولى بەكمۇ مۇھىم.مىللەتلەر ئارىسىدا ئورتاق شەكىللەنگەن قىممەت قاراشلار ۋە بۇلارنىڭ ئۆزلىشىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئورتاق تۇيغۇ ۋە ئىدىيەلەرمۇ دىنغا تايانماقتا.
دىنلار تارىخىغا قارايدىغان بولساق، دىن جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنى نۇقۇل ھالدا ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بىلەن تەڭشەشكە كۈچىمەستىن، ئەكسىچە، بىر قىسىم پائال قانۇن-نىزاملارنى قوللانغان. مەيلى دىن بولسۇن، مەيلى ھازىرقى قانۇنلار بولسۇن ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم بىر يادروغا مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئەمىر-پەرمان ۋە قائىدە تۈزۈملەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
دىن ماھىيەتتە كىشىلەرگە ئايرىم-ئايرىم تەسىر قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ، شەخسلەر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. كوللېكتىپ شەخىسلەردىن شەكىللەنىدۇ. ئەزالىرى ساغلام بولمىغان كوللېكتىپتىن ساغلام جەمئىيەت قۇرغىلى بولمايدۇ. دىنلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەخىس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىغا، مەدەنىيەت بەرپا قىلىدىغانلىقىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشىدىغانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. سەمىمىيەت، كەمتەرلىك، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئاددىي-ساددىلىق، ئۆز-ئارا ياردەملىش، مېھرىبانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش قاتارلىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن پىرىنسىپلاردۇر.
تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر دىنغا چېتىشلىق بولۇپ، دىن، كىشىلەرگە ئالاقىدار بولغان ھەر خىل مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېرگېرنىڭ قارىشىچە، دىن، ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. كىشىلەرنىڭ دۇنيا تەسەۋۋۇرىدا دىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەتتا بۇ خىل ئەھۋال، شەخسلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگەنگە قەدەر دىنىي ۋە غەيرى دىنىي بارلىق مەسىلىلەرگە قارىشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشقا ئۈندەيدۇ. قىسقىسى، دىن ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەسىر قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتىغا، ماماتىغا، ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاخىرەت ھاياتىغىچە ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەخىت – سائادەتلىك بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا دىن، ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
دىنننىڭ ئىنساننى ئەقلىنى ئىشلىتىشكە ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنىڭ ئاساسلىرىنى ئىلاھى كىتابلاردا  كۆپ ئۇچرىتىمىز. خۇسۇسەن قۇرئاننىڭ ئالاھىدە تەكىتلەيدىغان تېمىلىرىدىن بىرى ئەقىلنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلۇشى تېمىسىدۇر. ئەقىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى بولسا، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتۇر. توغرا تەپەككۇرغا ئىگە كىشى توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ ۋە توغرا ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدۇ. مەلۇماتنى ئەقىل بىلەن ۋەھىيدىن ئالغان كىشى، ھەر ۋاقىت جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۈلگە قىلىنغان ئىنسان بولىدۇ. ھەممىدىن ئەۋۋەل ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى بىلىدۇ. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەندەك، باششقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىگىمۇ يول قويمايدۇ. يەنى بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا زىيان سېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ ۋە زىيان سالغاندا چەتتە قاراپ تۇرمايدۇ. ئاللاھ بىر نېمەت سۈپىتىدە ئاتا قىلغان تەبىئەت دۇنياسىدىن ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە پايدىلىنىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، جەمئىيەت قۇرۇشنى شەخستىن باشلىغان دىننىڭ، بىلىم ئېلىشقا بەرگەن ئەھمىيىتى بارچە ئىنسانلارغا مەلۇم. دەسلەپكى ئىنسان دۇنيا ھاياتىغا مەجۇداتنى تەتقىق قىلىش بىلەن قەدەم قويغان. ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاپ بولغان قۇرئاننىڭ ئەڭ دەسلەپتە چۈشكەن ئايىتىدە تەكىتلەنگىنى «ئوقۇ» شەكلىدىكى بۇيرۇقتۇر. يەنى قۇرئان ئاۋۋال ئىنساننى ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا ۋە بىلىم ئىگىسى بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئەسلىدە مەۋجۇدىيەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان ۋە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان نۇقتا بۇدۇر. شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ ئۇللىرى بەرپا قىلىنىشقا باشلانغان يەر بۇدۇر. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاساسلىرى بۇ قۇرلاردا ياتماقتا. ئۇنداقتا، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم- پەنگە ۋە ئىلمنى ئاساس قىلىدىغان تەرەققىياتلارغا قارشى ياكى ئۇنىڭ ئالدىدا توسالغۇ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش قانچىلىك توغرا؟

(دوكتور نۇرئەھمەد قۇرباننىڭ "دىن، ئىنسان ۋە جەمئىيەت" ناملىق كىتابىدىن)

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Munazire.com  

GMT+8, 2019-7-22 12:12 , Processed in 0.107550 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Munazire

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش